خىتاي ئامېرىكىغا سۇنغان سىياسىي مەھبۇسلار تىزىملىكىدە ئىككى ئۇيغۇر بار ئىكەن
2005.02.08

خىتاي ھۆكۈمىتى 25 - يانىۋاردا ئامېرىكىدىكى "سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى" گە بۇ تىزىملىكنى تاپشۇرغان بولۇپ، تىزىملىكتىكى كۆپ قىسىم مەھبۇسلار جازا مۇددىتى قىسقارتىلغانلار، قويۇپ بېرىش ئالدىدىكىلەر ۋە ياكى قويۇپ بېرىلگەنلەر ئىكەن. شۇنداقلا تىزىملىكتىكىلەرنىڭ كۆپۈنچىسى تىبەت مەھبۇسلار ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىنى قوللىغان بەزى خىتاي مەھبۇسلىرى ئىكەن. تىزىملىكتە ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ قاتارىدا رابىيە قادىر ھەققىدە يېڭى مەلۇمات بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆتكەن يىلى رابىيە قادىرغا بېرىلگەن كېسىمنى بىر يىل قىسقارتقانلىقى قايتا ئەسكەرتىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى مەمەت تاشنى قورال يۆتكەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن
"سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى" دىن ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزغا قارىغاندا، تىزىملىكتىكى يەنە بىر ئۇيغۇر مەھبۇس مەمەت تاش 2000 - يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قانۇنسىز ھالدا قورال يۆتكەش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، 10 يىللىق قاماق جازاسىغا تارتىلغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكىغا تاپشۇرغان مەزكۇر تىزىملىكتە، خىتاينىڭ 2003 - يىلى مەمەت تاشنىڭ جازاسىنى 8 ئاي قىسقارتقانلىقىنى، كېيىن 2004 - يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ كېسىم جازاسىنى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا يول قويغانلىقى مەلۇم قىلىنغان. ئەمما، نېمە ئۈچۈن بۇنداق قىلغانلىقى چۈشەندۈرۈلمىگەن.
بۇنىڭدىن كېيىن خىتاي، سىياسىي مەھبۇسلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنى بېرىشى مۇمكىن
"سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى" نىڭ تەتقىقات بۆلۈم مەسئۇلى جوش روزېنسۋېيگ بۇ ھەقتە رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي مەھبۇسلار ھەققىدىكى تىزىملىكنى ئۆزلىگىدىن ئامېرىكىغا تاپشۇرۇشىنىڭ بىر يېڭىلىق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
" خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نېمە سەۋەپتىن بۇنداق قىلغانلىقىنى بىزمۇ تېخى ئېنىق بىلمىدۇق. ھەمدە بۇنىڭغا ھازىرچە بىر نېمە دېيىش تەس. لېكىن خىتاينىڭ سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئائىت ئۇچۇرلارغا ئۆزلىكىدىن بۇنداق ئوچۇق مۇئامىلە قىلىشى، بۇ بىر يېڭى قەدەم. بەلكىم بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىن، سىياسىي جىنايەتچىلەرگە ئائىت تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى بېرىشنى خالايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى مۇمكىن. شۇنداقلا بۇنىڭدىن سىرت يەنە، خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان كىشىلىك ھوقۇق سۆھبىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئارزۇسىنىڭمۇ بارلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلغىلى بولمايدۇ".
خىتاي نىمىشقا مەمەت تاشنىڭ دېلوسىنى سىياسىي جىنايەت كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزدى؟

ئۇ سۆزىدە يەنە، مەمەت تاش دېلوسىنىڭ ھەتتا "سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى" نىڭ تىزىملىكىدە بولمىغان يېڭى بىر دېلو ئىكەنلىكىنى، ھەمدە ئۇلارنىڭ نېمە ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى، جىنايى ئىشلار تۈرىگە كىرىدىغان بۇ قورال يۆتكەش جىنايىتىنى سىياسىي جىنايەت كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزگەنلىكىگە قىزىققانلىقىنى بىلدۈردى. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق قانۇن ئىلمىدە ئوقۇغان ئابلاجان لەيلى نامان ئەپەندى، خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىدا، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغانلارنىڭ ھەممىسى سىياسىي جىنايەتچىلەر كاتېگورىيىسىگە كىرگۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلاردا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش جىنايەتلەر كۆرۈلۈپلا قالسا، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنى بۆلگۈنچىلىككە ئىشلەتمەكچى دەپ قاراپ، ئۇنى سىياسىي جىنايەت بويىچە بىر تەرەپ قىلىشقا ئۇرۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئابلاجان ئەپەندى يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قورال يۆتكەش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلىگەن مەمەت تاشنىڭ كېسىمىنى تۈرمە سىرتىدا ئىجرا قىلىشقا يول قويىشىنىڭ بىر ھەيران قېلىشقا تېگىشلىك ئىش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئادەتتە، بولۇپمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى بۇنداق جىنايەتكە ھەرگىز كەڭ قوللۇق قىلىپ باقمىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
جوش: شىنجاڭدىكى مەھبۇسلار تىزىملىكى، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاپنى ئەڭ ئاز ئالىدىغان بىر تۈر
"سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى" دىكى جوش روزېنسۋېيگ ئەپەندى، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ ھەر يىلى دېگۈدەك خىتاي ھۆكۈمىتىدىن، خىتايدىكى باشقا سىياسىي جىنايەتچىلەر بىلەن بىرگە رابىيە قادىر بىلەن تارىخچى توختى مۇزارتنى قويۇپ بېرىش ۋە ئۇنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى:
"بىز شىنجاڭدىكى مەھبۇسلارنىڭ تىزىملىكىنى سۇنۇپ كەلدۇق. ئەپسۇس، بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جاۋاپنى ئەڭ ئاز ئالىدىغان بىر تۈر. بىز ئادەتتە خىتايدىن شىنجاڭغا ئائىت ئۇچۇرلارغا كۆپ ئېرىشەلمەيمىز. بۇنىڭ سەۋەبى ئېنىق. شىنجاڭ مەسىلىسى خىتاي ئۈچۈن بىر سەزگۈر تېما. ئۇلار بۇ ھەقتە سۆز ئېچىشنى خالىمايدۇ."
جوش ئەپەندى يەنە، "سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى" نىڭ بۇنىڭدىن كېيىنمۇ خىتاي ھۆكۈمىتىگە داۋاملىق تۈردە رابىيە قادىر ۋە توختى مۇزارتقا ئوخشاش ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى:
جوش: بىز رابىيە قادىر ۋە توختى موزاتنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز
" مەسىلەن رابىيە قادىر، بىز ھەر يىلى خىتايدىن قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدىغان شەخسلەرنىڭ بىرى. بۇنىڭ بىر نەتىجىسى، خىتاينىڭ ئۆتكەن يىلى ئۇنىڭ جازاسىنى بىر يىل كېچىكتۈرگەنلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بىز يەنە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ رابىيە قادىر ۋە توختى موزاتنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىمىز".
خىتايچە "دۈيخۇا" دېگەن سۆز بىلەن ئاتالغان ئامېرىكىدىكى "سۆھبەت فوندى جەمئىيىتى" 1999 - يىلى 4 - ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، غەيرى تىجارەت خاراكتېرىدىكى بۇ جەمئىيەت، خىتاي-ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا، دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- رافتو فوندى جەمئىيىتى ۋەكىللىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلدى
- ئامېرىكىدا چىقىدىغان "مارى كلېر" ژورنىلى رابىيە قادىرغا مۇكاپات بەردى
- رابىيە قادىرغا رافتو مۇكاپاتى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى
- نورۋىگىيىدە " خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىلىرى" تېمىسىدا يىغىن ئېچىلدى
- قىرغىزىستان ئۇيغۇر ئىتتىپاق جەمئىيىتى يىغىن ئېچىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىقىنى بىلدۈردى
- رابىيە قادىرنىڭ رافتو مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى ھەققىدە زىيارەت
- ئۇيغۇرلار نورۋىگىيە تېلېۋىزورىدا تونۇشتۇرۇلدى
ئۇيغۇرلاردا كىشىلىك ھوقۇق
- كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى، ئامېرىكا- خىتاي مۇناسىۋىتىدە توسالغۇلۇق رول ئوينايدىكەن
- كىشىلىك ھوقۇق كۈزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2004 - يىللىق دوكلاتى
- خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى
- خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئاقلىغان شىنخۋا ئاگېنتلىقى ئىنسانپەرۋەرلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىدى
- ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى خىتاي ئىشلىرى كومىتىتى يىللىق دوكلات ئېلان قىلدى