دوكتور نوۋاكنىڭ دوكلاتىنى ئۇيغۇرلار ئىسپاتلىماقتا

0:00 / 0:00

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى 2006 ‏- يىلى 29 ‏- مارتتا بىر بايانات ئېلان قىلىپ، ب د ت دىكى قېيىن-قىستاققا ئېلىشنى مەنئى قىلىش كومىتېتىنىڭ باشلىقى دوكتور مانفرېد نوۋاكنىڭ 2005 ‏- يىلىنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونىغا كېلىپ ئۈرۈمچى، غۇلجا قاتارلىق جايلاردا خىتاي تۈرمىلىرىنى تەكشۈرگەندىن كېيىن 'شىنجاڭ تۈرمىلىرىدە ھېلىمۇ قېيىن -قىستاققا ئېلىش مەۋجۇت ' ئىكەنلىكى ھەققىدە يازغان دوكلاتىغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنى گەرچە دۇنيادىكى 5 تۈرلۈك كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىنىڭ ھەممىسىگە ئىمزا قويغان بولسىمۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە ھېچقايسىغا ئەمەل قىلمىدى، دەپ ئەيىبلىگەن ئىدى. يېقىندا رادىئومىزنىڭ ھەقسىز لىنىيىسى ئارقىلىق تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىنكاس قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئېيتقانلىرى دەل ب د ت ئەلچىسى نوۋاك ئەپەندىنىڭ دوكلاتىغا ئىسپات بولماقتا.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شۇ ۋاقتتا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، دوكتور نوۋاك ئەپەندى شىنجاڭ تۈرمىلىرىنى كۆزدىن كۆچۈرگەندە، تۈرمىلەردە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەھبۇسلارنى قېيىن-قىستاققا ئېلىش ئەھۋاللىرىدىن ھەزەر ئەيلىگەن. دوكتور نوۋاكنىڭ بايان قىلىشىچە، ‏-‏ دەپ يېزىلىدۇ خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا، ‏‏- مەھبۇسلارنى قورقۇتۇش، ئۆز-ئارا نازارەت قىلدۇرۇش شىنجاڭدىكى خىتاي تۈرمىلىرىدە ئاللىقاچان سىستېمىلاشىپ بولغان ئىكەن. بۇ سىستېمىدا قوللىنىلغان ۋاسىتىلەرنىڭ شەكىللىرى ناھايىتى كۆپ بولۇپ، ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغىنى ئۇرۇش، يۇقىرى بېسىملىق ئېلېكترىك كالتەك بىلەن توك يېقىش، بېشىنى ئوراپ قويۇپ تۇنجۇقتۇرۇش، ئۇزۇن ۋاقىت پۇت- قولىنى كىشەنلەپ قويۇش، ھايۋاناتلار پېتىق قىلىۋەتكەن پاسكىنا سۇيۇقلۇققا بېشىنى تىقىپ تۇنجۇقتۇرۇش، قاتتىق توڭدۇرۇش ياكى ئىسسىتىش، بىر كامېردىكى ھەممە مەھبۇسنى يالىڭاچلىۋېتىش، قاراڭغۇ ۋە تار كامېرغا سولاپ قويۇش، ئېغىر جىسمانىي ئەمگەككە سېلىش، تاماق بەرمەسلىك ياكى سۇ بەرمەسلىك قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى مەھبۇسلارغا قارىتا دورا ئىشلەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان.