ئۇيغۇرلار ھورۇنمۇ؟


2004.09.21

سەيشەنبە كۈنى شىنخۇا ئاخباراتىدا ، " ئۇيغۇرئېلىدىكى يەرلىك خەلق ھورۇن ، ھەمدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە يۆلىنىپ ئۆگىنىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بىڭتۇەنلەرگە بېرىپ كېۋەز تېرىشنى خالىمايدۇ . شۇڭا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئۇيغۇر ئېلىغا كېۋەز تېرىشقا كېلىۋاتقان خىتاي ئىشلەمچىلىرى يىلدىن -يىلغا كۆپەيمەكتە" دىگەن مەزمۇندا بىر خەۋەر ئېلان قىلىندى.

ئىستاتستىكىلىق مەلۇماتلاردىن ئاشكارىكى ، ئۇيغۇر ئېلىغا كېۋەز تېرىشقا خېنەن ، سىچۇەن ، گەنسۇ قاتارلىق خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كېلىۋاتقان خىتاي ئىشلەمچىلىرىنىڭ سانى يىلىغا 600 مىڭدىن ئاشىدۇ . ئۇلارھەر يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن 2مىليارت خەلق پۇلى ئىش ھەققى تاپماقتا .

japakesh-c.gif

ئەمما ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەرلىك خەلقىنىڭ ئىشسىزلىق نىسبىتى كۈنسايىن ئېشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كىېلىۋاتقان ئىشلەمچىلەرنىڭ بارغانچە كۆپىيىشى ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلەرنى ئەجەپلەندۈرىۋاتقان بىر مەسىلە .

ئۇنداقتا نىمە ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئىشسىز خەلق بۇ ئىش پۇرسىتى ۋە پۇل تېپىش پۇرسىتىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىن كەلگەن ئىشلەمچىلەرگە تارتقۇزۇپ قويىۋاتىدۇ؟

شىنخۇا ئاخباراتىنىڭ سەيشەنبە كۈنىدىكى خەۋېرىدە ، شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى شىن ياڭنىڭ بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن ئېلان قىلغان بىر ماقالىسى بېسىلدى .

مەزكۈر ماقالىدا ئۇ " شىنجاڭلىقلار بىڭتۇەنگە بېرىپ كېۋەز تېرىپ پۇل تېپىش پۇرسىتىنى نىمە ئۈچۈن تارتقۇزۇپ قويىدۇ ؟ بۇنى ئۇلاردىكى پۇرسەتپەرەسلىك ، تەييارتاپلىق ئىدىيىسى كەلتۈرۈپ چىقارغان .چۈنكى مەركەزئەزەلدىن شىنجاڭغا چىگرا رايون دەپ كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە . شۇڭا دېھقانلاردا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قۇتقۇزىشىغا تايىنىش ئادىتى بار ، ئۇلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىقتىساد قاتارلىق ھەر خىل مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىشىنى كۈتىدۇ ، بۇ ناھايىتى ئومۇمى بىر ئەھۋال" دەپ يازغان .

ئۇ يەنە " نۆۋەتتە بىر كېلو پاختا تېرىغاندا 8 مو خەلق پۇلى تاپقىلى بولىدۇ ، بىر كۈندە ئاز بولغاندىمۇ 40 ، 50 يۇەن تاپقىلى بولسىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى شەھەر ئاھالىلىرى كېۋەز تېرىشقا بارمايدۇ ، چۈنكى ئۇلار بۇ خىل ئەمگەكنى پاسكىنا ، جاپالىق دەپ قاراپ خالىمايدۇ . شۇڭا ھازىر شىنجاڭدا ئىش بولسىمۇ ئادەم چىقماسلىق ، ئادەم بولسىمۇ ئىش چىقماسلىقتەك بىر غەيرى ئەھۋال داۋاملاشماقتا" دەپ چۈشەندۈرۈش بەرگەن .

ئۇيغۇر ئېلىدا خىتاي ئاققۇنلىرىنىڭ كۆپىيىشى ، يەرلىك خەلقنىڭ ئىشسىز قېلىشىغا راستىنلا يۇقارقىلار سەۋەپ بولىۋاتامدۇ ؟

بىز بۇنىڭغا ئەمىلىي جاۋاپ ئېلىش ئۈچۈن بىڭتۇەن كېۋەز مەيدانى، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شەھەر ھەم يېزىلىرىنى ئاساس قىلىپ تېلىفون زىيارىتى قىلدۇق .

شىخەنزە بىڭتۇەن كېۋەز مەيدانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خىتاي دېھقان " نىمە ئۈچۈن كېۋەز تېرىش ئۈچۈن ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك خەلققە قارىغاندا خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ ئىشلەمچىلىرى كۆپلەپ ئىشلىتىلىدۇ" دەپ سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى :

ئۇ " بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرى بەك جىق ،ئەمما بىڭتۇەندىكى ياشلار يەر تېرىمايدىغان بولىۋالدى ، ئۇلارچوڭ شەھەرلەرگە سودا ۋە باشقا ئىشلارنى قىلىشقا كەتكەچكە كېۋەزلىكلەرگە سىرتتىن ئىشلەمچى ئېلىپ كېلىشكە مەجبۇر ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچكىرىدە ئادەم جىق ئۇلارغا پۇل تاپىدىغان ياخشى پۇرسەت بولدى . شۇڭا ھەر يىلى خېنەندىن سىچۇەندىن بەك جىق ئىشچى كېلىۋاتىدۇ" .

بىز يەنە ئۇنىڭدىن ئۇيغۇر دېھقانلىرى كېۋەز تېرىشنى جاپالىق دەپ كەلممەمدۇ؟ دەپ سورىدۇق. ئۇ بۇ سوئالىمىزغا قاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى:

" ياق ئۇنداق ئەمەس ئۇيغۇر رايونىدىكى خەلق جاپاغا چىداشلىق ، ئۇلار ھۆكۈمەتكە يۆلەنمەيدۇ . ئۇلارمۇ كېۋەز تېرىغىلى كېلىدۇ بىراق كېۋەزلىك جىق ، يەر كەڭرى ئادەم ئاز بولغاندىن كېيىن كۈچ يېتىشمەيدۇ . ئۇ راستىنلا جاپالىق ئەمگەك . ئالدىنقى يىللىرى ئوقۇغۇچى بالىلار چىقاتتى بۇ يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ چىقىشىنى توختاتقاندىن كېيىن ئىچكىردىن ئىشچىلار جىق چىقىۋاتىدۇ . بىر كۈندە قىرىق ئەللىك يۇەنلىك پاختا تېرىغىلى بولىدۇ ، ئەگەر قېرىپ قالمىغان بولسام مەنمۇ باراتتىم " .

ئاقسۇدىن تېلىفون زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ياش ئۆزىنىڭمۇ ئالدىنقى يىلى ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئىش تاپالمىقتىن بىڭتۇەننىڭ كېۋەزلىكلىرىگە بېرىپ ئەمگەككە قاتناشقانلىقى ئەمما ئۇ يەردە پۈتۈنلەي خىتايلار بولغاچقا تۇرمۇش جەھەتتىن قىينالغاندىن باشقا، كەمسىتىشكە ئۇچرىغانلىقىنى ئېيتتى:

رادىئومىزغا تېلىفون قىلغان بىر ئۇيغۇر ، بىڭتۇەندە كېۋەز تېرىشنى ئۇيغۇرلار خالىسىمۇ بەزى ئورۇنلارنىڭ ئىش پۇرسىتى بەرمەيدىغانلىقىنى ، گەرچە مەلۇم جايلاردىكى ئۇيغۇر يېزىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى كېۋەز تېرىشقا ئاپارسىمۇ پەقەت ھاشار ئەمگىكىنىڭ ئورنىدا بىكارغا دىگۈدەك ئىشلىتىدىغانلىقىنى ئېيتتى:

بۇلاردىن باشقا چەتئەللەردىكى بەزى ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەننىڭ كېۋەز مەيدانلىرىدا كېۋەز تېرىشقا يەرلىك خەلقنى ئىشلەتمەي ، خىتاي ئۆلكىلىرىدىن يۈز مىڭلاپ ئىشلەمچى ئېلىپ كېلىشى ، ئۇيغۇر ئېلىغا يەنىمۇ كۆپ خىتاي نوپوسى يۆتكەشتىكى بىر ۋاستىسى دەپ قارىماقتا .(گۈلچېھرە)

مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار

شىنخۇا تورىدىكى بۇ ھەقتىكى ماقالە ئۇيغۇر ئىلىدىكى پاختىلارنى كىم ئۈزىدۇ ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.