خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر مەسىلىسى ھەققىدە مۇلاھىزىلەر كۆپەيمەكتە


2008-03-28
Share

23‏ - مارت كۈنى ئەنگلىيىدە چىقىدىغان " سەندى تايمىز " گېزىتىدە، مەزكۇر گېزىتىنىڭ يىراق شەرق مۇخبىرى، مايكېل شەرىدان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىنىڭ كىملەر تەرىپىدىن پىلانلانغانلىقى، قانداق يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى ۋە بۇ سىياسەتنىڭ ئاساسلىق نىشانى توغرىسىدا يېقىنقى كۈنلەردە غەرب مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنغان يىرىك ماقالىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

" ۋاڭ لېچۇەن كەڭ كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇشنى يولغا قويدى"

مايكېل شەرىدان ماقالىسىدە، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسەن، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى تاشقى دۇنيادا ئانچىلا تونۇلمىغان، ئالدىمىزدىكى ئايلاردا خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلەش نىشانىغا ئېلىنىشى مۇقەررەر بولغان ۋاڭ لىچۈەن، جاڭ چېڭلى ۋە لى دېجۇ قاتارلىق ئۈچ كىشى تەرىپىدىن پىلانلىنىپ يولغا قويۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ، "بۇلارنىڭ ئىچىدە ۋاڭ لىچۈەن ئەڭ ئاساسلىق رولنى ئويناۋاتقان بولۇپ، ئۇ خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەر گە قاراتقان سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان كىشى ھېسابلىنىدۇ" دەپ كۆرسىتىدۇ.

ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۆزىنى، تېررورچىلارنىڭ خىتايدىكى ئەڭ چوڭ نىشانى دەپ تونۇشتۇرغانلىقىنى ئەسكەرتكەن مايكېل شەرىدان، "ئۇ شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ مەدەنىيىتىنى يوقىتىدىغان بىر سىياسەت يولغا قويدى. كەڭ كۆلەملىك سىياسىي باستۇرۇش ھەرىكەتلىرى يولغا قويۇپ، سىياسىي پائالىيەتچىلەرنى ئۆلۈم جازالىرىغا ھۆكۈم قىلىپ ئېيتىپ ئۆلتۈردى. ئۇيغۇر ئېلىنىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى قېزىپ چىقىرىپ خىتاي ئىقتسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلەتتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىگە خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلىرىدىن مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كەلدى" دەيدۇ.

تىبەتنىڭ پارتكوم سېكرىتارى بولغان جاڭ چېڭلىنىڭ، ئاساسەن ۋاڭ لېچۈەننىڭ شاگىرتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن مايكېل شەرىدان، ماقالىسىنى مۇنداق داۋاملاشتۇرىدۇ": جاڭ چېڭلى نۆۋەتتە، ئۇستازى ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويغان سىياسەتلىرىنى، تىبەتتە ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە. ئۇ تىبەتنىڭ دىنىي ۋە مىللىي كىملىكىگە قارىتىلغان باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تىبەتكە تېخىمۇ كۆپ خىتاي كۈچمەنلىرىنى يۆتكەشكە باشلىدى ھەمدە تىبەتنىڭ يەرئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىدىن پايدىلىنىش ھەرىكىتىنى تېزلەتتى."

لى دېجۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىرقىي نەزەرىيىچىسى

ماقالىسىدە، لى دېجۇنى خىتاينىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنى بەلگىلەيدىغان، خىتاي رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۈچىنچى كىشى دەپ كۆرسەتكەن ئاپتۇر مۇنداق دەيدۇ" لى دېجۇ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىرقىي نەزەرىيىچىسى ھېسابلىنىدۇ.

ئۇ، خىتايدىكى مۇستەقىل ۋە ئايرىم مەدەنىيەتلەرنى بىت - چىت قىلىپ، ماتېرىيالىزمنى تەرغىب قىلىش ئارقىلىق، خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنى، يوقىتىش ھەققىدە كىتاب يازغان كىشى. لى دېجۇ 2007‏ - يىلى خىتاي پارتىيە ژۇرنىلىدا، خىتاي "مەدەنىيەت بىخەتەرلىكى" نامىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياستىنى ئۆزگەرتىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش سىياسىتىدىن ۋاز كېچىپ، بۇ مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى يېڭىدىن شەكىللەندۈرىدىغان بىر سىياسەت يولغا قويۇش، پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويغان."

ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، لى دېجۇ، خىتايدىكى ئازسانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىنىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونلىرىغا خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن كەڭ خىتاي كۆچمەنلىرى يۆتكەش ئارقىلىق "تۈپتىن بىر تەرەپ" قىلىنىشىنى ئوچۇق - ئاشكارا جاكارلىغان تۇنجى خىتاي رەھبىرى ھېسابلىنىدىكەن.

تىبەتتە ھەل قىلىنمىسا،شىنجاڭدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى مۇقەررەر

تىبەتتىكى ۋەقەلەردىن كېيىن، خەلقئارادا خىتايدىكى مىللىي مەسىلىلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر ۋە تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مەسىلىسى ھەققىدە قوزغالغان مۇنازىرىلەر، ھەتتا خىتاي زىياليلىرىنىمۇ، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ۋە تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىشقا مەجبۇر قىلماقتا.

بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق خىتاي يازغۇچىسى ۋاڭ لىشوڭ 28‏ - مارت كۈنى ۋال سىترىت ژۇرنال گېزىتىدە ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياستىنى قايتىدىن كۆزدىن كەچۈرۈشكە چاقىردى. ئۇ ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: "خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇزۇن يىللاردىن بېرى تىبەتكە قاراتقان ئىستراتېگىيىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن غەلىبە قىلمىغانلىقىنى قايتىدىن ئويلىنىپ، ئۇنى ئۆزگەرتىش ۋاقتى يېتىپ كەلدى. بۇرۇنقى مەسىلىلەر بىر تەرەپ قىلىنمىغان. ئەگەر مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن، مۇۋاپىق بىر يول تاللانمىسا، بۇ مەسىلىلەرنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىدىغانلىقى مۇقەررەر." (ئۆمەر قانات)

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت