ۋاڭ لېچۈەننىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىۋاتقان سۈيىقەستلىرى


2008.03.26

WangLe--150.jpg
ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى پارتكومنىڭ سېكرىتارى ۋاڭ لېچۈەن. مەنبە:www.xjtsnews.com

غەرب مەتبۇئاتىدا ئېلان قىلىنىۋاتقان بەزى ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەردە، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ، ئولىمپىك 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىغا قارشى ھۇجۇم پىلانلىغانلىقىنى شۇنىڭدەك خىتاي يولۇچىلار ئايروپىلانىنى پارتلىتىشقا ئۇرۇنغانلىقىنى دۇنياغا ئېلان قىلىش ئارقىلىق، ئولىمپىك ھارپىسىدا ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان باستۇرۇش ھەرىكىتىنى ئاقلاشقا تىرىشقانلىقى، لېكىن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ تېررورلۇق ھۇجۇملار پىلانلىغانلىقى توغرىسىدا يېتەرلىك دەلىل - ئىسپاتلارنى ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنىڭ، دۇنيا جامائەتچىلىكىدە گۇمان قوزغىغانلىقى بايان قىلىنماقتا.

بۇ ماقالە ۋە مۇلاھىزىلەردە تەكىتلىنىشىچە، بۇنداق بىر پەيتتە، تىبەتتە باشلانغان نارازىلىق ھەرىكىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ نارازىلىق ھەرىكەتلىرىنى قاتتىق قوللۇق بىلەن باستۇرغانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2008‏ - يىللىق ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىدىن، دۇنياغا خىتاينى ئىناق بىر جەمئىيەت قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئۆزىنىڭ ئوبرازىنى تىكلەش ئۈچۈن پايدىلىنىش ئارزۇسىنى بىت ‏ - چىت قىلغان.

يەنە بىر قىسىم مۇلاھىزىچىلەر، ئېلان قىلغان ماقالىلىرىدە، ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى باش كۆتۈرۈشىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە قاراتقان سىياسىتى دەپ كۆرسەتمەكتە.

25‏ - مارت كۈنى ئامېرىكىدا چىقىدىغان " نيۇ رىپابلىك" يەنى يېڭى جۇمھۇرىيەت گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر مۇلاھىزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ھەقلىق كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئاتالمىش تېررورلۇق سۈيقەستىنى دۇنيا جامائەتچىلىكىگە ئېلان قىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

جاشىۋا كۇرلانتسىك تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مۇلاھىزىدە مۇنداق دېيىلگەن: " بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر تېررورچىلارنىڭ ئولىمپىك يىغىنىغا قارشى ھۇجۇم پىلانلىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئولىمپىك تەنھەرىكەت يىغىنى ئۆتمۈشتە بىر نەچچە قېتىم قانلىق ھۇجۇملارغا سەھنە بولغانلىقى ئۈچۈن، بۇ ئەلۋەتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغايدىغان بايانات ئىدى. ھەتتا بەزى تەنھەرىكەتچىلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ، بۆلگۈنچىلەرنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئالدىنى ئالغانلىقىنى ئاڭلاپ، راھەت بىر نەپەس ئالغان بولۇشى مۇمكىن."

مۇلاھىزىسىدە، ۋاڭ لېچۈەننىڭ، ئۇيغۇرلارنىڭ تېررورلۇق پىلانى ھەققىدە ھېچقانداق پاكىت ئوتتۇرىغا قويالمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن، ئاپتور، "ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى، ئاتالمىش ئولىمپىككە قارشى تېررورلۇق سۈيقەسىتى توغرىسىدىكى ئويۇنىدا غەلىبە قىلغان بولسا، بۇ خىتايغا خەلقئارا جامائەت ئالدىدا، شىنجاڭدىكى باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى ئاقلاش ئۈچۈن،تېپىلماس پۇرسەت يارىتىپ بەرگەن بولاتتى" دەيدۇ.

تىبەتتىكى نارازىلىق ھەرىكەتلىرىدىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تىبەتلەرنىڭ دىنىي داھىسى دالاي لامانى تېررورلۇق تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلىگەنلىكىنى ئەسكەرتكەن جاشىۋا كۇرالنتسىك مۇلاھىزىسىدە مۇنداق دەيدۇ" خىتاي دائىرىلىرىنىڭ دالاي لاما غا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك بىخەتەرلىكىدىن، ئاتالمىش دۈشمەنلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ئۇجۇقتۇرۇش ئۈچۈن پايدىلىنىش مەقسىتىدە يولغا قويغان يېڭى تاكتىكىسى بولۇشى مۇمكىن.

مۇلاھىزىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى نارازىلىقىنىڭ سەۋەبلىرى ئۈستىدىمۇ توختالغان ئاپتۇر يەنە مۇنداق دېگەن: " 2000 ‏ - يىلىدىن كېيىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنى ۋە ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى باستۇرۇپلا قالماستىن، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قارشى كەڭ دائىرىلىك يوقىتىش ھەرىكىتى باشلاتتى شۇنىڭدەك خىتاي كۆچمەنلىرىگە شىنجاڭغا بېرىپ، تىجارەت باشلىشى ئۈچۈن پۇل ياردىمى بېرىشكە باشلىدى. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنداق سىياسەتلىرىگە قارشى چىققان ئۇيغۇرلار ناھايىتى قاتتىق جازالاندى. نەتىجىدە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلاردا بىر دەھشەت ۋە قورقۇنچ پەيدا بولدى."

مۇلاھىزىسىدە، بىرنەچچە قېتىم ئۇيغۇر ئېلىنى زىيارەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاپتۇر، بۇ زىيارەتلىرى جەريانىدا، ئۆزى بىلەن سۆزلىشىدىغان ئادەم تېپىشتا قىينالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

23‏ - مارت كۈنى ئەنگلىيىدە چىقىدىغان سەندى تايمىز گېزىتىدە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە بولسا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئىزاھلانغان.

مەزكۇر گېزىتىنىڭ يىراق شەرق رايونىدىكى مۇخبىرى مايكېل شەرىدان تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ماقالىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئېلى ۋە تىبەتكە قاراتقان سىياسىتىنىڭ ۋاڭ لىچۈەن، جاڭ چىڭلى ۋە لى دېجۇ قاتارلىق ئۈچ كىشى تەرىپىدىن بېكىتىلىپ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى تەكىتلەنگەن. ماقالىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ سىياسەتنىڭ تۈپ نىشانى، مەزكۇر رايونلاردىكى مىللىي ھەرىكەتلەرنى باستۇرۇش، خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىن بۇ رايونلارغا مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەش، يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى خىتاي ئىقتسادىي تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىشلىتىش، رايوندىكى خەلقلەرنىڭ مىللىي مەدەنىيىتىنى يوقىتىش ۋە ئۇلارنى خىتاي جەمئىيىتىگە قوشۇۋېتىشتىن ئىبارەت ئىكەن. (داۋامى بار، ئۆمەر قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.