تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا 3 يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى


2008.04.03

تونۇلغان بېيجىڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا، پەيشەنبە كۈنى خىتاي سوتى تەرىپىدىن دۆلەتنىڭ ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇشقا ئۇرۇنغان دېگەن جىنايەت بىلەن ئۈچ يېرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئىستانسىمىز مۇخبىرى ئىگىلىگەن مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بېيجىڭ بىرىنچى ئوتتۇرا سوت يۇقۇرقى ھۆكۈمنى چىقارغان بولۇپ، سوتتا خۇ جياغا سۆز قىلىش پۇرسىتى بېرىلمىگەن. خۇ جيانىڭ ئادۋوكاتى لى فاڭپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، سوت، ئۇنىڭ چەتئەلدىكى تور مەيدانلىرىدا 5 پارچە ماقالە ئېلان قىلىشى شۇنىڭدەك چەتئەل مەتبۇئاتلىرى تەرىپىدىن ئىككى قېتىم زىيارەت قىلىنىشىنى، ئۇنىڭ جىنايىتى قىلىپ تىكلىگەن.

پەيشەنبە كۈنى سوتقا قاتناشقان خۇ جىيانىڭ ئانىسى ۋە ئايالى سوت ھۆكۈمىدىن ناھايىتى نارازى بولغان، خۇنىڭ ئانىسى ئوغلىنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى، ئوغلىنىڭ جەمئىيەتكە پايدىلىق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى، خىتايدا سوتچىنىڭ خەلققە سۆز قىلىش ئەركىنلىكى بەرمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

سوت ئېچىلغان كۈنى، سىرتتا توپلانغان 200 دىن ئارتۇق ئەرزدار خۇ جيانى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە نۇرغۇنلىغان چەتئەل مۇخبىرلىرى سوتقا قاتنىشىشنى تەلەپ قىلغان.

خۇنىڭ ئائىلىسى، كېسەلگە گىرىپتار بولغان خۇنىڭ 3 يىللىق تۈرمە جازاسىغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغانلىقىنى تەكىتلەپ، ئۇنىڭ ئالى سوتقا ئەرز سۇنىشىنى ھەمدە ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمنى ئۆزگەرتىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (ئەقىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.