23 - مارت خوتەن ئاياللار نامايىشى: 600 كىشى قاماقتا


2008.03.29

KASHGAR-qizla-200.jpg
ئۇيغۇر قىزلىرى. AFP Photo

تۈنۈگۈن رادىئومىزغا كەلگەن ئىنكاسلاردىن بىرىدە، ئۆتكەن يەكشەنبە كۈنى خوتەندە نامايىش بولغانلىقى ۋە باستۇرۇلغانلىقى مەلۇم قىلىنغان ئىدى. تۈنۈگۈن يەنە ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر يۇرتى خوتەندە نامايىش بولغانلىق ھەققىدە ئۇچۇر ئالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بىز بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خوتەندىكى بىر قىسىم ئىدارە - جەمىيەت، سودا - تىجارەت ئورۇنلىرىغا ۋە ئائىلىلىكلەرگە تېلېفون قىلدۇق. زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغانلارنىڭ كۆپىنچىسى يەكشەنبە ۋە دۈشەنبە كۈنى يەنى 23 ‏ - ۋە 24 ‏ - مارت كۈنلىرى خوتەن شەھىرىدە ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ۋەقەنى بەزىلەر نامايىش دەپ بىلدۈرسە، بەزىلەر توپىلاڭ دەپ بىلدۈردى.

بىز دەسلەپ خوتەن شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى. ئاندىن خوتەن شەھەرلىك سودا - سانائەت ئىدارىسىغا تېلېفون قىلدۇق، خادىم ۋەقەدىن خەۋىرى يوقلۇقىنى بىلدۈردى ۋە شەھەرلىك تەشۋىقات بۆلۈمىدىن ئەھۋال ئىگەللىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.

خوتەن شەھىرىنىڭ گۇلباغ بازارلىق ساقچى پونكىتىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچى خادىمى تېلېفوننى قويۇۋەتكەندىن كېيىن، ساياھەتچى سۈپىتىدە خوتەن شەھىرىدىكى مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلدۇق. كېيىن يەنە بىر قانچە ئائىلىگە تېلېفون قىلدۇق. بىر ئائىلە ۋەقەدىن خەۋەرسىزلىكىنى بىلدۈردى.يەنە بىر ئائىلە، يەكشەنبە كۈنىدىن باشلاپ بىر قانچە كۈن كوچىلارغا چىقىشنىڭ چەكلەنگەنلىكىنى، ھازىر ئەھۋالنىڭ نورماللاشقانلىقىنى بىلدۈردى. يەنە بىر ئائىلە ساقچىلارنىڭ يوللارنى توسىۋەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلدى.

مېھمانخانا خادىملىرى ۋەقەنى بىرقەدەر تەپسىلىي چۈشەندۈردى. بىر مېھمانخانا خادىمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نامايىش يۈز بەرگەن، نامايىش ئىككى كۈن داۋام قىلغان، نامايىشقا 1000 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشقان. نامايىشچىلارنىڭ كۆپ قىسمى ئايال. نامايىشنىڭ بىرىنچى كۈنى 400 دىن ئادەم قولغا ئېلىنغان، ئىككىنچى كۈنى 200 گە يېقىن ئادەم قولغا ئېلىنغان. قولغا ئېلىنغانلار ئارىسىدا ئەرلەرمۇ بار، ئەمما ئاياللار كۆپ ساندا.

بىز ئۇنىڭدىن بۇ ۋەقەنى كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىزمۇ دەپ سورىغىنىمىزدا، كۆرمىگەنلىكىنى ئەمما ساقچىلار مەلۇم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ساقچىلار مېھمانخانىلارغا كېلىپ ۋەقەنى مەلۇم قىلغان ۋە گۇمانلىق كىشىلەر كۆرۈلسە دەرھال ساقچىغا مەلۇم قىلىشىنى تاپشۇرغان ھەم دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك كىشىلەرنىڭ تىزىملىكىنى بەرگەن.

خوتەن شەھىرىدە دۇكان ئېچىۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئايال ۋەقەدىن كېيىن خوتەن شەھىرىدىكى مەلۇم بىر بازاردىكى خىتاي تىجارەتچىلەرنىڭ دۇكانلىرىنى تاقىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈنۈگۈن يەنە ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيالىسى ۋەقەنىڭ باش - ئاخىرى ھەققىدە مەلۇمات بەردى. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ۋەقەگە خوتەن شەھىرىدىكى مۇتەللىپ ھاجى ئىسىملىك ئەل ئىچىدە ھۆرمەتكە سازاۋەر تىجارەتچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلۈشى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خوتەن شەھىرىدىكى ياشلارنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلىشى سەۋەپ بولغان. ئەمما، خىتاي ساقچىلىرى بۇ ئەھۋالنى مېھمانخانا خادىملىرىغا، تىبەتتىكى ۋەقەنىڭ قۇترىتىشى بىلەن كېلىپ چىققان دەپ چۈشەندۈرگەن.

يۇقارقى ئۇيغۇر زىيالىسىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نامايىش داۋامىدا، "قىيىن - قىستاق توختىتىلسۇن،"، "مەھبۇسلار قويۇپ بېرىلسۇن"، دىنىي ئەركىنلىككە يول قويۇلسۇن" ۋە " ياشىسۇن ئۆرۈپ -ئادەتلىرىمىز" دەپ شۇئارلار توۋلانغان. (شۆھرەت ھوشۇر)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.