ياۋرۇپا كومىتېتى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆتكەن يىلى ياۋرۇپا ئىتتپاقى دۆلەتلىرىدە بازاردىن يېغىۋىلىنغان خەتەرلىك تاۋارلارنىڭ يېرىمىنىڭ خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ياۋرۇپا كومىتېتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى، خىتايدا ئىشلەپچىقىرىلغان تاۋارلارنىڭ بولۇپمۇ ئويۇنچۇقلارنىڭ سۈپىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بىلەن بىرلىكتە پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار ئۆتكەن يىلى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەرنى بازاردىكى 924 خىل خەتەرلىك تاۋار ھەققىدە ئاگاھلاندۇرغان بولۇپ، بۇ تاۋارلارنىڭ 440 خىلى خىتايدا ئىشلەنگەن تاۋارلار ئىكەن.
ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەتنىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرى بازاردا ، ئىنسان تەن سالامەتلىكىگە زىيانلىق بىرەر تاۋارنى بايقىغاندا ئۇنى ياۋرۇپا كومىتېتىغا خەۋەر قىلىدۇ ۋە ياۋرۇپا كومىتېتى بۇ ئۇچۇرنى پۈتۈن ئەزا دۆلەتلەرگە تارقىتىپ، ئۇ تاۋارنىڭ ياۋرۇپا ئىتتىپاقىدىكى بازارلاردا سېتىلىشىنى چەكلەيدۇ.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئىنسان سالامەتلىكىگە زىيانلىق تاۋارلار ئەڭ كۆپ، گېرمانىيە، ۋېنگىرىيە، گرىتسىيە، ئەنگىلىيە ۋە ئىسپانىيىدە بايقالغان. (ئومەر قانات)
