خىتايدا ھەم ئۇيغۇر ئېلىدە بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن خورلاش مەسىلىلىرى ئېغىر بولماقتا
2005.05.19
گەرچە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىش خىتاي قانۇنىدىمۇ قاتتىق چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ خورلىنىشى ئۇلارنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى تەرۇزغا ئۇچرىشى پۈتۈن خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بىر مەسىلىدۇر.
بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن خارلاش خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت
ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ خەۋىرىدىن ئىگە بولىشىمىزچە، يېقىندا خىتاي ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلار فوندى ھەمكارلىشىپ، خىتايدىكى بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى خورلۇققا ئۇچرىشى ۋە بۇنىڭدىن پەيدا بولغان روھىي ئاجىزلىق ھەققىدە مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان.
بۇ خىتايدىكى بالىلارنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچراش مەسىلىسى ھەققىدە ئېلان قىلىنغان تۇنجى دوكلات ھېسابلىنىدۇ. دوكلاتتا كۆرسۈتۈلۈشىچە خىتايدا بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەن جازاسىغا ئۇچرىشى مەكتەپلەردە ئەڭ ئېغىر بولۇپ، ھەتتا ئوقۇغۇچىلارغا تەن جازاسى بەرگەن بەزى ئوقۇتقۇچىلار، خىتاي بويىچىمۇ داڭلىق، ھۆرمەتكە ئىگە ئوقۇتقۇچىلار ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
ئۇنىڭدىن باشقا، ئائىلىلەردىمۇ بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىن خورلىنىش ئەھۋالى ئېغىر بولۇپ، تەكشۈرۈشتىن مەلۇمكى، بۇنداق تەن جازالىرى بالىلارنى روھى جەھەتتىنمۇ ئېغىر زەخمىگە ئۇچراتقان.
گەرچە خىتايدا بالىلارنى خارلاش مەسىلىلىرى ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت بولسىمۇ، بۇ ھەقتە تەپسىلى ماتىرىياللار كەمچىل بولغانلىقى شۇنداقلا، مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر بۇندا ق ئەھۋالنىڭ بارلىقىنى يوشۇرغانلىقى مۇتەخەسسىسلەرنى ئەجەپلەندۈرگەن. ۋە خىتايدىكى بالىلارنىڭ ھوقوق مەنپەئەتىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنماسلىقى ئۇلارنىڭ ئەندىشىسىنى قوزغىغان.
بالىلارنىڭ ئەڭ ئېغىر تەن جازاغا ئۇچراش مەيدانى مەكتەپ ھەمدە ئائىلە بولماقتا
ئۇيغۇر ئېلىدىن ئىگىلىشىمىزچە، ئۇيغۇرلاردىمۇ بالىلارنىڭ جىسمانىي ھەم روھىي جەھەتلەردىن خارلىنىشى ئېغىر بىر مەسىلە بولۇپ، ئاتا ئانىلار ھەتتا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ بالىلارنى جىسمانىي جەھەتتىن جازالىشى يەنى ئۇرۇشنىڭ بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشى ئۈچۈن زىيانلىق ئىكەنلىكى شۇنداقلا بۇنىڭ قانۇندا چەكلىنىدىغانلىقىدىن خەۋىرى بولمايلا قالماي، بالىلارنىڭمۇ قانۇن ئارقىلىق ئۆزىنى قوغداش ئېڭى تېخىمۇ تۆۋەن ئىكەن.
بالا خاپا قىلسا بەزىدە ئۇرۇپ قويىمەن....
بۇ ھەقتە بىز قەشقەر يوپۇرغا ناھىيىسىدىكى بىر دېھقان بىلەن سۆھبەتتە بولدۇق. بۇ ئاتا ئۆز بالىسىنىڭ بىرەر سەۋەنلىك ئۆتكۈزگىنىدە، مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىنىڭ تەن جازاسىغا ئۇچرىغاندىن باشقا، ئائىلىدىمۇ جازاغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ بالىلىرىنىڭ بەزىدە مۇئەللىم تىللايدۇ دەپ مەكتەپكە بارمايدىغانلىقىنى، مەكتەپكە بالىلارنى ئۇرماسلىق ھەققىدە ئېيتقان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئۈنۈمى بولمىغانلىقىنى ئېيتتى.
مەكتەپتە تاياق يىگىنىمنى ئاتا ئانامغا دېيىشتىن قورقىمەن...
بىز يەنە مەلۇم يېزىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر بالا بىلەن سۆھبەتلەشتۇق، كىشىنى ئەجەپلەندۈرىدىغىنى، بۇ بالا گەرچە ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا كۆپ قېتىم ئاتا - ئانىسى ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىرىدىن تاياق يىگەن بولسىمۇ ئەمما بۇنىڭ خاتالىقى، قانۇنغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا ناۋادا دەرس ئۈگەنمىسە مۇئەللىملىرىنىڭ ئۇرىدىغانلىقىنى، شۇڭا بەزىدە مەكتەپكە بارغۇسى كەلمەيدىغانلىقىنى، ئۆگۈنۈشى ياخشى بولمىسا ئۆيىدىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۇرۇدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۆزىنىڭ بۇنى نورمال دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بالىلارنى ئۇرۇش، خارلاش نۇرغۇن دۆلەتلەردە قانۇن ئارقىلىق قاتتىق چەكلەنگەن ھەمدە بۇنىڭغا خىلاپلىق قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ئېغىر جازاغا تارتىلىدۇ، خىتايدىمۇ بۇ ھەقتە مەخسۇس قانۇن بار، ئەمما ئۇنىڭ كۈچى قانچىلىك ؟ بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى ئەتىكى پروگراممىمىزدىن ئاڭلايسىلەر.