خىتاي قانۇنىدا ھەمدە جەمئىيەتتە بالىلارنىڭ ھوقۇق - مەنپەئەتى كاپالەتكە ئىگە بولماي كەلمەكتە

0:00 / 0:00

يېقىندا، خىتاي ئاياللار بىرلەشمىسى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بالىلار فوندى ھەمكارلىشىپ، خىتايدىكى بالىلارنىڭ جىسمانىي جەھەتتىكى خورلۇققا ئۇچرىشى ھەققىدە تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋال ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولماقتا.

گەرچە بالىلارغا تەن جازاسى بېرىش خىتاي قانۇنىدا قاتتىق چەكلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بالىلارنىڭ خورلىنىشى ئۇلارنىڭ ھەق -ھوقۇقلىرىنىڭ دەخلى - تەرۈزغا ئۇچرىشى پۈتۈن خىتايدا ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بىر مەسىلىدۇر.

بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىدە قانۇن ساھەسىدە ئىشلىگەن، ھازىر چەتتە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ قانۇنىدا ۋە خىتاي جەمىيىتىدە ساقلىنىۋاتقان، بالىلارنىڭ ھوقۇق –مەنپەئەتىنى ئاياق-ئاستى قىلىدىغان مەسىلىلەر ھەققىدىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەردى.