ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ
2013-01-15
مەرھۇم ناخشىچى مىرزات ئالىم ئىجراسىدىكى «ئاجراشماڭلار ئاتا-ئانىلار» ناخشىسى ئاتا-ئانىسىدىن تىرىك تۇرۇپ ئايرىلغان يېتىم بالىلارنىڭ يۈرەك ساداسى، بەختلىك ئائىلىسى بۇزۇلغان ئەر-ئاياللارنىڭ قەلب نىداسى سۈپىتىدە 20 يىللاردىن بىرى سەھنىدىن-سەھنىگە، ئېكراندىن-ئېكرانغا كۆچۈپ، تالاي ناخشىچىلارنىڭ ئېغىزىدا ۋايىغا يېتىپ ئورۇندىلىپ كەلدى.
2013-01-10
ياۋروپا خەلقى ئومۇميۈزلۈك ئېتىقاد قىلىدىغان خرىستىئان دىنى قاراڭغۇلۇق ئەسىرلەردە دىن ئادەملىرى تەرىپىدىن بۇرمىلىنىپ، تەۋرات ۋە ئىنجىل قاتارلىق مۇقەددەس كىتابلاردىكى ئىلاھىي تېكىستلەرگە ئارىستوتىلغا ئوخشىغان ئەينى ۋاقىتتىكى پەيلاسوپلارنىڭ نەزەرىيىلىرى ئىلاھىي تېكىست سۈپىتىدە كىرگۈزۈلگەن شۇنداقلا پوپلار ئوتتۇرىغا قويغان شەخسىي قاراشلارمۇ ئىلاھىي تېكىست تۈسىنى ئالغان ئىدى.
2013-01-03
بۈگۈن 1-يانۋار كۈنى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ دولان ناخشا -ئۇسۇل ئانسامبىلى قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلارغا ئويۇن قويدى. مەزكۇر پائالىيەت، يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي-قىرغىزىستان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرى قاتارىدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
2012-11-20
يېقىندا ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ كلاسسىك دۇردانىلىرىدىن «غېرىپ-سەنەم» درامىسى قازاقىستاندىكى قۇددۇس غوجامىياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى سەھنىسىدە تاماشىبىنلار دىققىتىگە سازاۋەر قىلىنىپ، بۇ ئەسەرنىڭ مۇشۇ كۈنگە قەدەر ئۆز ماھىيىتىنى يوقاتمىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
2012-11-15
شۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلار سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان تويلارنىڭ سانى بارغانچە كۆپىيىشكە باشلىغان بولسا توي مەزمۇنى تېخىمۇ موللىشىپ، تويدا ئورۇندىلىدىغان پروگراممىلارنىڭ شەكلى بارغانچە رەڭگارەڭ تۈس ئالماقتا.
2012-11-07
مۇتەپەككۇرلار كىشىلەرگە ئۆز تەسىرىنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى ئۆزلۈكىدىن قايىل بولىدىغان ھالغا كەلتۈرۈشنىڭ چوڭ بىر پەن ۋە ئالاھىدە چوڭ سەنئەت ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدۇ.
2012-10-30
29-ئۆكتەبىر كۈنى قۇددۇس غوجامياروف نامىدىكى جۇمھۇرىيەتلىك دۆلەت ئۇيغۇر مۇزىكىلىق كومېدىيە تىياتىرى 79-مەۋسۈمىنى ئادەتتىكىدەك «ئانارخان» كلاسسىك مۇزىكىلىق درامىسى بىلەن باشلىدى.
2012-10-25
مەلۇمكى، ھەج ئىبادىتى ئىسلام ئىبادەتلىرىنىڭ مۇھىملىرىدىن بىرى بولۇپ، ئۇنى ئىقتىساد ۋە تەن ساقلىق جەھەتتىن شەرتى توشقان ئادەملەرنىڭ قىلىشى پەرزدۇر.
2012-10-23
مۇسۇلمانلارنىڭ ئەڭ چوڭ ھېيتلىرىدىن بىرى بولغان قۇربان ھېيتى يېقىنلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنيادىكى مۇسۇلمانلار ھېيتلىق سودا سېتىقلىرىنى قىلىپ ھېيتقا تەييارلىق قىلماقتا.
2012-10-19
كۇۋېيتتا چىقىدىغان «ئەل مۇجتەمە» ژۇرنىلىدا «ۋاقىتنى تېجەشنىڭ 20 ئۇسۇلى» دېگەن تېمىدا بىر ماقالە ئېلان قىلىنغان.
2012-10-08
ئوتتۇرا ئاسىيا ئۇيغۇرلىرى ئۇزۇن ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىملىكىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مائارىپىنى، سەنئىتىنى، ئەدەبىياتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلمەكتە.
2012-08-30
تۆرەلمىشۇناسلىق ئىلمىنىڭ مۇتەخەسسىسى روبېرت گىلھىم ئېرىدىن تالاق قىلىنغان ئايالنىڭ ئىددىتى توغرىلىق كەلگەن قۇرئان كەرىم ئايىتى سەۋەبلىك ئىمان ئېيتىپ ئۆزىنىڭ ئىسلام دىنىغا كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان.
2012-06-13
بىر مىللەتنىڭ يېمەك-ئىچمەك كۈلتۈرى، ئۇ مىللەتنى دۇنياغا تونۇتۇشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋاسىتىلەردىن بىرى. يېقىنقى يىللاردىن بېرى ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەللەرگە چىقىشى بىلەن بىرلىكتە چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنىڭ سانىمۇ كۆپەيمەكتە.
2012-05-09
قىرغىزىستاننىڭ بېشكەك شەھىرىدە 9-ماي قىرغىزىستان ئۇيغۇرلىرى ئىتتىپاق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۈنى ئۆتكۈزۈلدى.
2012-05-08
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار پېشقەدەم ئەدەبىياتچى مەرھۇم قادىر ھەسەنوف ھەمدە پېشقەدەم مائارىپچى مەرھۇمە ئايشەم شەمىيىۋانى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن ئەدەبىيات-سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزدى.