دۇنيا يەر شارى كۈنىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇھىت بۇلغىنىشىغا بىر نەزەر

بۈگۈن 22 - ئاپرېل كۈنى دۇنيا يەر شارى كۈنىنىڭ 40 يىللىق خاتىرە كۈنى. مۇشۇنداق بىر كۈندە، كېيىنكى 30 يىلدىن بۇيان خىتايدا ئىقتىسادنىڭ يۈكسىلىشىگە ئەگىشىپ، بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقان مۇھىت بۇلغىنىش مەسىلىسىمۇ دۇنيا جامائىتى كۆز تىكىۋاتقان مۇھىم نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلاندى.

0:00 / 0:00

بولۇپمۇ، خىتاينىڭ "غەربنى ئېچىش پىلانى" يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى يەر ئاستى ھەم يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى كۆپلەپ ئېچىشى نەتىجىسىدە، رايوننىڭ مۇھىتى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغانلىقى ھەققىدىكى ئىنكاسلار كۆپەيمەكتە.

نۆۋەتتە ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشى، يادرو قوراللار سىناقلىرىنىڭ تەكرار ئېلىپ بېرىلىشى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، يەر شارىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشى مەسىلىسى دۇنيا جامائەتچىلىكى ئەنسىرەيدىغان نۇقتىلارنىڭ بىرىگە ئايلانماقتا. يەر شارى مۇھىتىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېيىنكى ئەۋلادلارنىڭ ھەم يەر شارىدىكى بارلىق جانلىقلارنىڭ نەسلىنىڭ قۇرۇپ كەتمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 1970 - يىلى ھەر يىلى 4 - ئاينىڭ 22 - كۈنى" خەلقئارا يەر شارى كۈنى" دەپ بەلگىلەنگەندىن بۇيان، ھەر يىلى بۇ كۈن خاتىرىلىنىپ كەلمەكتە.

كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىۋاتقان 30 يىلدىن بۇيان، خىتاي ئىقتىسادىنىڭ ئېشىپ بېرىشىغا ئەگىشىپ، خىتاينىڭ يەر شارى مۇھىتىنى بۇلغىشىمۇ بارغانچە ئېغىرلاشماقتا ئىكەن. ھالبۇكى ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتى بولسا، خىتاي بويىچە مۇھىتى ئەڭ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان رايونلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى غەربنى ئېچىش ئىستراتېگىيىسىنى يولغا قويغان بۇ 30 يىلدىن بۇيان، ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەر ئاستى ھەم يەر ئۈستى بايلىق مەنبەلىرىنىڭ ئېكولوگىيىلىك تەڭلىككە خىلاپ ھالدا كۆپلەپ ئېچىلىشى، رايوندىكى "ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش دېۋىزىيىسىگە تەۋە خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئورمانلارنى كېسىپ، بوز يەرلەرنى كۆپلەپ ئۆزلەشتۈرۈشى نەتىجىسىدە، دەريا - ئۆستەڭلەر قۇرۇپ، رايوندىكى ئەسلىدىكى ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرى يوقىلىشقا يۈزلەنگەن؛ يەرلەر قۇملىشىپ، جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدە چاڭ - توزانلىق، بورانلىق ھاۋا رايى ھادىسىلىرى كۆپەيگەن؛ شىمالىي ئۇيغۇر ئېلىدە بولسا كەلكۈن ئاپەتلىرى ھەم تاغ گۈمۈرۈلۈش ھادىسىلىرى كۆپىيىپ، رايوندىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت تارىختىكى ئەڭ ناچار سەۋىيىگە چۈشۈپ قالغان.

بۈگۈن چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن چولپان خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، رايوندىكى مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى نەتىجىسىدە، رايوندىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ناچارلىشىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ سالامەتلىكىلا تەسىرگە ئۇچراپ قالماستىن، ھەتتا ھاياتىمۇ ئېغىر تەھدىت ئىچىدە قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بايلىقلىرىنى ئېچىش قەدىمىنى تېخىمۇ تېزلەتكەن. بولۇپمۇ "5 - ئىيۇل ۋەقەسى"دىن كېيىن، 3 - ئاينىڭ 29 -،30 - كۈنلىرى، مەركىزى ھۆكۈمەت بېيجىڭدا "شىنجاڭغا ياردەم بېرىش" يىغىنى ئاچقان بولۇپ، نۆۋەتتە خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى شىركەتلەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى ۋىلايەت، شەھەرلىرىگىچە كېڭىيىپ، رايوندىكى كان بايلىقلىرىنى ئېچىش، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۇھىتنى ئېغىر بۇلغىدى دەپ تاقىلىپ قېلىشقا باشلىغان زاۋۇت، كارخانىلارنى رايونغا كۆچۈرۈپ كېلىشكە باشلىغان.

مەسىلەن، 2009 - يىلدىن باشلاپ، ئىلى رايونىدا زور تۈركۈمدىكى كۆمۈر قاتارلىق كان بايلىقلىرىنى ئېچىش مەقسىتىدە، زور كۆلەمدە مەبلەغ سېلىنىشقا باشلىغان. رايوندىكى دېھقان - چارۋىچىلار ئۆز زېمىنلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈپ، تېرىلغۇ يەرلەر، يايلاقلار، دېھقانلارنىڭ باغ - ۋارانلىرى ئەرزان باھادا سېتىۋېلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئورنىغا خىتاي شىركەتلىرى كان رايونلىرى، ئىستىراھەت باغچىلىرى قاتارلىقلارنى قۇرۇشقا باشلىغان. ئەينى چاغدا رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلارنىڭ باغلىرىنى سېتىۋېلىپ، بۇ يەرلەردە ئىستىراھەت باغچىلىرىنى قۇرۇپ، رايوننىڭ ئىجتىمائىي ھەم تەبىئىي مۇھىتىنى بۇلغىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلىگەن ئىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى، دىلشات رىشىت ئەپەندى، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاندا مۇھىتنىڭ بۇ دەرىجىدە ناچارلىشىپ كېتىشىگە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ جاۋابكار بولۇشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ سۆزىدە، نۆۋەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى بايلىقلارنى كۆپلەپ ئېچىشى، خىتاي ئۆلكىلىرىدە "مۇھىت بۇلغىنىدۇ" دېگەن سەۋەبتىن تاقىلىپ قالغان زاۋۇت - كارخانىلارنى شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا كۆچۈرۈپ كېلىشى نەتىجىسىدە، رايوندىكى مۇھىتنىڭ ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىپ، يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تولىمۇ ناچار بولغان مۇھىتتا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشىدىكى جاۋابكارلىقنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

نۆۋەتتە، رايوننىڭ مۇھىتىنىڭ بۇلغىنىشىدا خەلقئارانىڭ دىققىتىنى قوزغىغان ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى ئەيىبلىنىپ كېلىۋاتقان يەنە بىر مەسىلە، خىتاينىڭ رايوندا كۆپ قېتىم ئېلىپ بارغان ئاتوم سىناقلىرىنىڭ رايوننىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، ئۇيغۇر قاتارلىق يەرلىك خەلققە كەلتۈرگەن بالايى - ئاپەتلەر بولماقتا.

تەپسىلىرەك ئېيتقاندا، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغان بۇ 60 يىلدىن بۇيان، رايوندا ئېلىپ بارغان كۆپ قېتىملىق ئاتوم سىناقلىرى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خوتەن، لوپنۇر، توخسۇن قاتارلىق رايونلىرىدا، سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىپ، جانلىقلار نەسلىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى، ئۆسۈملۈك يېپىنچىلىرىنىڭ يوقاپ كېتىشى، ئاتوم توزانلىرىدا زەھەرلەنگەن ئۇيغۇرلارنىڭ خىلمۇ - خىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە راك كېسەللىرى ھەم بوۋاقلارنىڭ مەجرۇھ تۇغۇلۇشىدەك غەيرىي كېسەللەرگە گىرىپتار بولۇشى، ئاتوم سىنىقى ئېلىپ بېرىلغان رايوندىكى كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنىڭ تولىمۇ قىسقا بولۇشى، شۇنىڭدەك رايوندىكى ئاتوم سىناقلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرغىچە ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمەسلىكى قاتارلىق مەسىلىلەر دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ خىتاينى ئەيىبلىشىدىكى مۇھىم ئامىللاردىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.