ئېلىزابىت ئېكونومي: خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەسىلىسى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كۈچلۈك رىقابەتلەرنى تۇغدۇرىدۇ

خىتايدىكى ئېكولوگىيىلىك مەسىلىلەر سىياسىي تۈزۈلمە بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، مۇھىت مەسىلىسى ئۆز نۆۋىتىدە خىتايدىكى ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا كۈچلۈك رىقابەتلەرنى تۇغدۇرىدىكەن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.06.14
muhit-bulghunush.jpg زاۋۇت-كارخانىلاردىن چىققان ئىس-تۈتەكتە بۇلغانغان شەھەر مۇھىتى. 2008-يىلى 21-دېكابىر. قۇمۇل.
AFP

خىتاينىڭ 2010-يىلدىكى ئېكولوگىيىلىك ئەھۋالى باھالانغان يىللىق مۇھىت دوكلاتى 3-ئىيۇن ئېلان قىلىنغان ئىدى. دوكلاتنى خىتاي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان.

بۇ دوكلاتتا خىتايدىكى سۇ ۋە ھاۋا سۈپىتىدە ياخشىلىنىش بارلىققا كەلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر دوكلاتنى ئېلان قىلىش مۇناسىۋىتى بىلەن چاقىرىلغان يىغىندا خىتاينىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مىنىستىرى لى گەنجيې مۇھىتقا ئالاقىدار يەنە نۇرغۇن مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە باشقۇرۇشنىڭ يېتەرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

لى يىغىندا: ئومۇمىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئەھۋالى يەنىلا بەك ئېغىر، قىيىنچىلىق ۋە رىقابەتلەرمۇ كۆپ، دېدى.

ئۇنداقتا خىتاي ئېكولوگىيىسى دۇچ كېلىدىغان رىقابەتلەر قايسى؟ بۇ خىلدىكى رىقابەتلەر ئۈستىدە خىتاي دائىرىلىرى ئېنىق توختالمىغان بولغاچقا، خىتاي ئېكولوگىيىسى بىلەن يېقىندىن تونۇش مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ ھەقتىكى پىكرىنى ئاڭلاپ كۆرۈش زىيانلىق بولمىسا كېرەك.

خىتايدىكى مۇھىت مەسىلىسى ھەققىدە ئۇزۇندىن بېرى كۆپ تەتقىقاتلارنى قىلغان مۇتەخەسسىس ئېلىزابىت ئېكونومي خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئېكولوگىيىسى دۇچ كېلىدىغان رىقابەتلەر خىتايدىكى سانائەت تەرەققىياتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن، بەلكى چىرىكلىك، سىياسىي تۈزۈلمە قاتارلىقلارغىمۇ بىۋاسىتە چېتىشلىق ئىكەن.

ئېكونومي خانىم مۇنداق دېدى: خىتاي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداش مىنىستىرلىقىنىڭلا ئەمەس، بەلكى خىتايدىكى ئۆسۈملۈك، ھايۋانات تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئورگانلارنىڭمۇ سىياسىي ھوقۇقى يوق دېيەرلىك. شۇڭا خىتايدىكى كۆلەملىك سانائەت تەرەققىيات قۇرۇلۇشىغا قارشى بىئولوگىيىلىك كۆپ خىللىقنى قوغداشنى تەكىتلەش، مۇھىت قوغدىغۇچىلىرىغا نىسبەتەن بەكمۇ قېيىن مەسىلىدۇر.

ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم ئامېرىكىغا جايلاشقان تاشقى مۇناسىۋەتلەر مەسلىھەت بېرىش تەتقىقات جەمئىيىتىدىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى خىتايدىكى سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغىنىشىغا ئالاقىدار «قارا رەڭلىك دەريا: خىتاينىڭ كەلگۈسى دۇچ كېلىدىغان ئېكولوگىيىلىك رىقابەتلەر» ناملىق كىتابنى يازغان. بۇ كىتاب ئامېرىكىدا مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئىدى.

ئېلىزابىت ئېكونومي خانىمنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆتكەن نەچچە ئون يىلدىن بۇيان پەقەت ئىقتىسادىي يۈكسىلىشنىلا تەكىتلەپ، مۇھىت قوغداشنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن. بۇ خىل خاھىشلار خىتاي نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش مەسىلىسى ۋە ئۇنىڭغا يانداشقان جەمئىيەت مۇقىملىقى مەسىلىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. نەتىجىدە، جەمئىيەت مۇقىملىقى مەسىلىسى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىققىتىنى تارتقان.

ئېلىزابىت خانىم بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىش مەسىلىلىرىگە پەقەت ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلاردىكى قورقۇنچلۇق رەقەملەر تۈپەيلى دىققىتىنى ئاغدۇرۇپلا قالماستىن، بەلكى خىتاينىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يۈز بېرىۋاتقان مۇقىمسىزلىق مەسىلىسى، ئېكولوگىيىنىڭ خىتاي ئىقتىسادىغا ۋە ئومۇمىي خەلق ساغلاملىقىغا كۆرسەتكەن تەسىرى تۈپەيلىدىن مۇھىت مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشقا باشلىدى.

خىتاي مۇئاۋىن مىنىستىرى لى گەنجيې خىتايدا تەبىئىي ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ خوراۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى ۋە: خىتايدىكى مەينەت سانائەت بازىلىرىنىڭ شەھەرلەردىن يېزىلارغا يۆتكىلىشى بىلەن يېزىلارمۇ بۇلغىنىشقا باشلىدى، دېدى.

لى يەنە، بەزى رايونلارنىڭ تولىمۇ نازۇك ئىكەنلىكىنى شۇنداق رايونلاردا تەرەققىيات ۋە ئېچىش قۇرۇلۇشى ئېلىپ بېرىشىنى چەكلەيدىغانلىقىنى، شۇنداقتىمۇ خىتايدىكى بەزى ئورگانلارنىڭ مۇھىت مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقسىزلا بەزى قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتايدا كەلگۈسىدە بۇنى چەكلەيدىغان قانۇن تۈزۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

لىنىڭ بۇ پىكرىنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم، خىتايدا ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنى قوغداشنى ھەقىقىي كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن، تۈزۈلمە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن مۇھىتنى قوغداشقا مەبلەغنى كۆپرەك ئاجرىتىش كېرەك. ئىككىنچىدىن مۇھىت خادىملىرىنى كۆپلەپ يېتىشتۈرۈش كېرەك. نۆۋەتتە خىتايدا بۇ ساھەدىكى مۇتەخەسسىسلەر بەك ئاز. ئۈچىنچىسى بۇ، خىتايدىكى ھۆكۈمەت تۈزۈلمىسىدە كەسكىن ۋە نېگىزلىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشنى شەرت قىلىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدى بىلەن قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىش، ھۆكۈمەت باشقۇرۇشتىكى ئوچۇق-ئاشكارىلىق، ھۆكۈمەتسىز ئورگانلار، ئەركىن ئاخبارات قاتارلىقلار بارلىققا كېلىشى كېرەك.

ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم يەنە خىتاينىڭ غەربنى ئېچىش سىياسىتى ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەرەققىيات قۇرۇلۇشى ھەققىدە توختالدى. ئۇنداقتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېكولوگىيىلىك مۇھىت قانداق رىقابەتلەرگە دۇچ كەلمەكتە؟ بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز، ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەتنىڭ داۋامىغا دىققەت بەرگەيسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.