ئېلىزابىت ئېكونومي: ئۇيغۇر ئېلىدە ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ياخشى ئاسرالمىسا، بۇ رايوندا كەسكىن نامايىشلار يۈز بېرىشى مۇمكىن

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت سانائىتىنى بارغانچە كېڭەيتىۋاتقانلىقى، مۇھىتىغا ئەكس تەسىر كۆرسىتىپ، تېخىمۇ ئېغىر مۇقىمسىزلىق پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
مۇخبىرىمىز جۈمە
2011.06.16
Tarim-nefitligi-305 ئۇيغۇر دىيارى تارىم ۋادىسىدىكى ئىشلەپچىقىرىش ئۈستىدىكى نېفىتلىك.
AFP Photo

ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىسىنىڭ بارغانچە ناچارلىشىشى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە تەرەققىي قىلدۇرغان ئېغىر سانائەت، ھەسسىلەپ كۆپەيتىلىۋاتقان نوپۇس ۋە پىلانسىز ئېچىلىۋاتقان تەبىئىي بايلىقلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەيدۇ، نام شەرىپنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ياۋروپادىكى بىر ئۇيغۇر زىيالىيسى.

بۇ ئۇيغۇر زىيالىيسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، شۇنداقتىمۇ خىتاي دائىرىلىرى پەقەت بايلىق ئېچىش بىلەنلا بولۇپ، كېتىپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت مەسىلىسىگە يېتەرلىك كۆڭۈل بۆلمىگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇلغىنىش دەرىجىسىنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكىنى ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتىدىن كۆرۈۋېلىش مۇمكىن ئىكەن.

ئۈرۈمچى ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2009-يىلى مارتتا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، 2009-يىلى يانۋاردا خىتاي بويىچە 86 شەھەرنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلغان، باھالاشتا ئۈرۈمچىنىڭ ھاۋا سۈپىتى ئەڭ ناچار چىققان.

ئۈرۈمچىدىكى بۇلغىنىش مەسىلىسى يىللاردىن بېرى كىشىلەرنىڭ دىققەت مەركىزىدىكى مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرى بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىدە بارغانچە كۆلەملىشىۋاتقان نېفىت سانائىتى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئومۇمىي ئېكولوگىيىسىگە ئېلىپ كەلگەن، كېلىۋاتقان ۋە ياكى ئېلىپ كېلىدىغان ئەكس تەسىرلەر كۆپ مۇلاھىزە قىلىنماي كەلدى.

2009-يىلىدىكى «5-ئىيۇل ۋەقەسى» دىن كېيىن بېيجىڭدا چاقىرىلغان «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا خىتاي مەركىزىي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدە نېفىت قېزىۋاتقان شىركەتلەرگە باج جەھەتتە ئېتىبار بېرىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر قېزىش ۋە قىدىرىپ تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى.

شۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر ئېلى ئېكولوگىيىسى نېفىت، تەبىئىي گاز ۋە كۆمۈر سانائىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تېخىمۇ كېڭەيتىلىشىنى تەرەققىيات ئاساسى بىلەن تەمىنلىيەلەمدۇ دېگەن سوئاللار تۇغۇلماقتا.

بۇ ھەقتىكى سوئاللىرىمىزغا جاۋاب بەرگەن ئامېرىكىدىكى خىتاي ئېكولوگىيىسى مۇتەخەسسىسى ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدىكى سۇ مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا ئەزەلدىن ئېغىر سۇ مەسىلىسى مەۋجۇت. شۇڭا بۇ خىل سانائەت تۈرلىرىنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا يېتەرلىك سۇ مەنبەسىگە ئېرىشىش مەسىلىسى مۇھىم تەرەپلەرنىڭ بىرى.

ئۇ يەنە، نېفىت خىمىيە سانائىتىنىڭ ماھىيىتى ھەققىدە توختالدى ۋە نېفىت سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا چوقۇم ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا كۆڭۈل بولۇشنى تەڭ ئېلىپ بېرىش لازىملىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: قاراڭ، نېفىت قىدىرىپ تەكشۈرۈش ۋە نېفىت قېزىش ماھىيەت جەھەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا مەينەت سانائەتتۇر. شۇڭا، مەيلى قەيەردە بولمىسۇن، ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا چوقۇم ئەھمىيەت بېرىلگەن بولۇشى كېرەك.

ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم يەنە، مەيلى ئۇيغۇر ئېلىدىكى نېفىت قېزىش بازىلىرى ۋە مەيلى خىتاينىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى نېفىت ئايرىش زاۋۇتلىرىدا بولسۇن، مۇھىت مەسىلىگە ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ئەھمىيەت بېرىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما بۇنىڭ خىتايدا مۇمكىن ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ يەردىكى مۇھىم نۇقتا بولسا، بۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەم بويىچە ئېلىپ بېرىلىشى. لېكىن، خىتايدا تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىشقا توغرا كەلگەندە بۇ خىلدىكى خىزمەتلەرنىڭ ئۆلچەملىك ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى ئەزەلدىن گۇمان تۇغدۇرىدۇ. چۈنكى خىتايدا ئادەتتە تەبىئىي بايلىقلارنى ئېچىش جەريانىدا تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېتىبار بېرىلمەيدۇ.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتايدا سانائەت بازىلىرىنىڭ يېزىلارغا يۆتكىلىشى خىتاينىڭ باشقا جايلىرىدىمۇ ھەر خىل مەسىلە ۋە نارازىلىق نامايىشلارنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

2006 -يىلى 4-ماي خىتاي «خەلق» گېزىتى بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان خەۋەرگە قارىغاندا، 2005-يىلىلا خىتايدا مۇھىت مەسىلىگە مۇناسىۋەتلىك 50 مىڭ قېتىم نامايىش يۈز بەرگەن.

بۇ خىلدىكى نامايىش ياكى قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقى ھەققىدە توختالغان ئېلىزابىت ئېكونومي خانىم بۇ ھەقتىكى مەسىلىلەرنى 1998-يىلى جاكارلانغان «غەربنى ئېچىش» سىياسىتىدىن باشلاشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئېكونومي خانىم ئالدى بىلەن، «غەربنى ئېچىش» سىياسىتى يولغا قويۇلغاندا خىتاينىڭ غەربىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر قاتارلىق خەلقلەرنىڭ بۇ سىياسەت «غەربنىڭ تەبىئىي بايلىقى ۋە بۇنىڭدىن كېلىدىغان پايدىنى شەرققە يۆتكەپ كېتىش» نى مەقسەت قىلغان دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە بايلىق ۋە پايدىلار غەربتىن شەرققە يۆتكىلىۋاتقان شارائىتتا، نېفىتنى قالايمىقان ئېچىش ۋە ئېكولوگىيىلىك بۇلغىنىشنىڭ غەربتە يۈز بېرىۋاتقانلىقى نۇرغۇن كىشىلەردە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئېكونومي خانىم يەنە، «غەربنىڭ گازىنى شەرققە يۆتكەش تۇرۇبا لىنىيىسى» قۇرۇلۇشىنىڭ يەرلىك ئۇيغۇرلارغا ئەمەس، خىتاي ئىشلەمچىلەرگە بېرىلىشى كۆپلىگەن نارازىلىقلارغا سەۋەب بولغانلىقىنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا نېفىت ئېچىش نۇرغۇن مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. شۇڭا بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ بۇ خىلدىكى مەسىلىلەرگە كۆڭۈل بولۇشى بەك زۆرۈر. چۈنكى، بۇ ساھەدىكى خىزمەتلەر يەرلىكلەرگە بېرىلمىسە، بۇنىڭغا ئالاقىدار ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ياخشى ئاسرالمىسا، بېيجىڭ دائىرىلىرى بۇ رايوندا تېخىمۇ كۆپ كەسكىن نامايىشلارغا دۇچ كېلىشى مۇمكىن.

ئېلىزابىت ئېكونومي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە يەنە، خىتايدا تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتنىڭ بايلىق تەمىنلەش ئىقتىدارى بىلەن خىتاي ئىگىلىكىنىڭ تەبىئىي بايلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى ئوتتۇرىسىدا ئېغىر تەڭپۇڭسىزلىق مەۋجۇت بولۇپ، بۇمۇ خىتايدىكى مۇقىمسىزلىق ئامىللىرىنىڭ بىر ئىكەن. شۇڭا خىتايدا تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىنى قوغداشقا كۆپرەك ئەھمىيەت بېرىشى لازىم ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.