كۆكرەك راكى (ئەمچەك راكى، سۈت بېزى راكى دەپمۇ ئاتىلىدۇ)غا گىرىپتار بولۇپ قېلىشنىڭ سەۋەبلىرى ناھايىتى كۆپ، بۇ كېسەللىك ئاساسەن ئاياللاردا ئۇچرايدۇ. ئەرلەرنىڭ بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى 2 پىرسەنتكىمۇ يەتمەيدۇ، يېقىنقى يىللاردا ئۇيغۇر ئاياللىرىدا تېز كۆپىيىۋاتقان كېسەللەرنىڭ بىرى، بۇ كېسەللىكنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ شۇنداقلا بۇ ھەقتە ئېنىق مەلۇمات يوق، ئەمما ھامىلىدارلىقتىن ساقلىنىش دورىسىنى ئۇزۇن ئىستېمال قىلىش، روھى بېسىم، ئىرسىيەت، ئاياللارنىڭ ھېيىز كېلىش ۋە ھېيىزدىن توختاش ۋاقتىنىڭ نورمالسىزلىقى، سۈت بېزى كېسەللىكلىرىنىڭ كۆكرەك راكى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئېنىقلانغان.
ھازىرغىچە ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىش بۇ كېسەلنى داۋالاشتا ئەڭ كۆپ قوللىنىلىۋاتقان ئۇسۇل ھېسابلىنىدۇ، شۇڭا بۇ خىل كېسەل ئاياللارنىڭ ساغلاملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي ئۇلارنىڭ بەدەن گۈزەللىكىگە چوڭ يوقىتىش، روھىغا ئۆمۈرلۈك ئېغىر ئازابلار ئېلىپ كەلمەكتە.
ئۈرۈمچىدىكى ئۆسمە كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدا سۈت بېزى راكى كېسىلى سەۋەبلىك بىر كۆكسى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئېلىۋېتىلگەن، نۆۋەتتە خىمىيىلىك داۋالىنىۋاتقان ئەمدىلا 30 ياشتىن بىر ياش ئانا، بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە ھاياتى ئۈمىد بەخش ئەتكەچكىلا ئاغرىق ۋە روھىي ئازابلىرىغا بەرداشلىق بېرىۋاتقانلىقىنى ھەمدە ئۈمىد بىلەن ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىم يەنە، ئوخشاش كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ ئۆزى بىلەن تەڭ داۋالىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن ھەيران قالغانلىقىنى، تولىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللار ئىكەنلىكىنى سۆزلەپ بەردى.
ئۇيغۇر ئېلى سەھىيە دائىرىلىرىنىڭ بىر قانچە يىللاردىن بۇيان ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈشلەردىنمۇ بالىياتقۇ بوينى راكىدىن قالسا، كۆكرەك راكىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھاياتىغا تەھدىت ئېلىپ كېلىۋاتقان ئەڭ چوڭ كېسەللىك ئىكەنلىكى مەلۇم بولغان، گەرچە دائىرىلەر بۇ ھەقتىكى سان ۋە ستاتىستىكىلارنى ئاشكارىلىمىغان بولسىمۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ تېببىي ساھەسىگە دائىر ئىلمىي دوكلاتلاردا «سۈت بېزى راكى ئۇيغۇر رايونىدىكى ئاياللارغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقان ئىككىنچى چوڭ كېسەللىك» دېگەن ئۈزۈندىلەرنى كۆپ جايلاردا ئۇچرىتالايمىز. ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە دوختۇر بولۇپ خىزمەت قىلغان چاغلىرىدا مەخسۇس مۇشۇ تۈردە تەتقىقات ئېلىپ بارغان، ھازىر ئەنگلىيىدە ياشاۋاتقان ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى ئەنۋەر توختى ئەپەندى، ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كۆكرەك راكى كېسەللىكىنىڭ ئەھۋالى ۋە سەۋەبلىرى ھەققىدە توختالدى.
ئەنۋەر توختى ئەپەندى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ كۆكرەك كېسەللىكلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بىر قەدەر سەل قاراش، تۇرمۇش ۋە روھىي بېسىمنىڭ ئېغىرلىقى، ئىقتىسادىي ۋە ياشاش مۇھىتىنىڭ ناچارلىقى قاتارلىق ئامىللارنىڭمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىدا كۆكرەك راكىنىڭ كۆپىيىشىدە رول ئويناۋاتقان مۇھىم ئامىللار دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرى بۇ كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئەڭ ئاۋۋال كۆكرەك ساغلاملىقىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى، كۆكسىدە ھەر قانداق بىنورماللىق بايقالغان ھامان دەرھال ۋاقىت ئۆتكۈزمەي تەكشۈرتۈش كېرەكلىكىنى، ھېچ بولمىغاندا بىر يىلدا بىر قېتىم مەخسۇس تەكشۈرتۈش ئېلىپ بېرىشنى ئادەت قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
كۆكرەك راكى گەرچە قورقۇنچلۇق راك كېسەللىكلىرىنىڭ بىرى تۈرى بولسىمۇ، ئەمما مۇتەخەسسىسلەر ئوپېراتسىيە قىلىپ، خىمىيىلىك ۋە رادىئاتسىيىلىك داۋالاشتىن كېيىن بىمارنىڭ 10 يىل ئۆمۈر كۆرۈش نىسبىتىنىڭ 90% تىن يۇقىرى بولىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ بۇ خىل راكنى قانچە بالدۇر بايقىغاندا، ھايات قېلىش نىسبىتىگە شۇنچە ئاكتىپ رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئاياللارنىڭ ئۆز ساغلاملىقى ئۈچۈن، بەدىنىدىكى بالا ئېمىتىشتىن باشقا مۇھىم فۇنكسىيىلىك رولغا ئىگە ئورۇن ھەم گۈزەللىكىنىڭ بىر قىسمى بولغان كۆكرەك ساغلاملىقىغا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ.