بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتى نارازىلىقلارنى كۈچەيتمەكتە

2009-يىلدىكى 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا ئۇيغۇر ئېلىدە تېزلىكتە كۆپەيگەن خىتاي زاۋۇت-شىركەتلىرى سەۋەبىدىن، بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى مۇھىتى ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىماقتا.

0:00 / 0:00

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي ھۆكۈمەت ئىگىدارچىلىقىدىكى خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى ئىلى-قورغاس بىرىكمە گاز تۇرۇبا لىنىيىسىنى تاماملىغان بولۇپ، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى كۆمۈردىن ئايرىلغان يېقىلغۇ گازىنى خىتاينىڭ جېجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە يۆتكەيدىكەن. رادىئومىز ئىگىلىگەن ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، ئىلى ئوبلاستىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىگە قاراشلىق پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنى 2010-يىلى غۇلجا ناھىيىسىگە يەرلەشكەن خىتاينىڭ چىڭخۇئا شىركىتىگە ئۆتۈپ كەتكەن. مەلۇم بولۇشىچە چىڭخۇئا شىركىتى نۆۋەتتە ئەسلىدىكى پىلىچىخاڭ كۆمۈر كېنىنى كېڭەيتىپ، كۆمۈر كان ئەتراپىدىكى تاغ باغرىغا جايلاشقان پەنجىم يېزىسىغا قاراشلىق مەنزىرىلىك يازلىق يايلاق قارىياغاچ كەنتى،دادامتۇ يېزىسىغا قاراشلىق نوغايتۇ كەنتىنىڭ تاغ باغرىدىكى پىلىچىخاڭغا تۇتىشىدىغان بىنەملەر، نوغايتۇ دېھقانلىرىنىڭ تېرىلغۇ يەرلىرى، چۇلۇقاي يېزىسىنىڭ تاغ باغرىدىكى بىنەملىرى، ئۆرۈك ماكانى تۇرپانيۈزى يېزىسى قاتارلىق جايلاردىكى يەرلەرنى دېھقانلاردىن «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش» نامىدا مەجبۇرى سېتىۋالغان. چىڭخۇئا شىركىتى قاتارلىق خىتاي كۆمۈر كان شىركەتلىرى نۆۋەتتە غۇلجا ناھىيىسىدە كۆمۈردىن بىرىكمە گاز ئايرىپ چىقىدىغان زاۋۇتلارنى قۇرۇشقا باشلىغان. خىتاي دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى قارمىقىدىكى نېفىت قۇرۇلۇش شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسىنىڭ دىئامېتىرى بىر مېتىردىن ئاشىدىغان بولۇپ، بۇ، ئۇلار ياسىغان ئەڭ چوڭ دىئامېتىرلىق تۇرۇبا لىنىيىسى ئىكەن. يىللىق گاز توشۇش مىقدارى 30 مىليارد كۇب مېتىرغا يېتىدىغان مەزكۇر تۇرۇبا لىنىيىسى يەنە كۆمۈردىن ئايرىلغان يېقىلغۇ گازىنى خىتاينىڭ دېڭىز بويىدىكى جەجاڭ قاتارلىق ئۆلكىلىرىگە بىۋاسىتە يۆتكەيدىكەن. رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىلىدىكى بىر قانچە نەپەر ئۇيغۇر كىشى خىتاينىڭ چىڭخۇئا شىركىتى تەرىپىدىن قۇرۇلغان كۆمۈردىن بىرىكمە گاز ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ زاۋۇتتىن چىققان كېرەكسىز سۇ ھەم زەھەرلىك گازنىڭ ئىككى يىلدىن بۇيان پەنجىم، چۇلۇقاي، نوغايتۇ قاتارلىق يېزىلارنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغاپ، بۇ جايلاردىكى ئالما، ئۆرۈك، ئۈزۈم،قوغۇن-تاۋۇز قاتارلىق مېۋىلەرنىڭ سورتىنى بۇزۇۋەتكەنلىكىنى، شۇنداقلا ئىككى يىلدىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدە ئۆپكە ياللۇغى، كاناي ياللۇغى قاتارلىق نەپەس كېسەللىرىنىڭ ئىلگىرىكىدىن كۆپەيگەنلىكىنى بىلدۈردى. غۇلجا ناھىيىسىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بىر خانىم بۇ يىل پەنجىم، چۇلۇقاي قاتارلىق يېزىلاردا ئالما، ئۆرۈك، شاپتۇللارغا كېسەل تېگىپ، مېۋىلەرنىڭ شېخىدىلا يىگلەپ قالغانلىقىنى، تۇرپانيۈزى يېزىسىنىڭ ئۆرۈكلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ئۇششاق، تەمىنىڭمۇ ئەسلىدىكى تاتلىقلىقىنى يوقاتقانلىقىنى بىلدۈردى. بۇ خانىم ئۆز بايانىدا يەنە دېھقانلارنىڭ نارازىلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ئۆلكىلىرىدە مۇھىت بۇلغاش دەرىجىسى ئېغىر بولغانلىقى سەۋەبىدىن، خەلقنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچراپ تاقىلىپ كېتىش خەۋپىدىكى زاۋۇتلارنىڭ، ئىككى يىلدىن بۇيان ئىلى رايونىغا تېزلىكتە يەرلىشىۋاتقانلىقى، ئەسلىدىكى «ئالمىزارلىق» دەپ تەرىپلىنىدىغان ئىلى رايونىنىڭ گۈزەللىكىنى تامامەن يوقىتىپلا قالماستىن، بۇ يەردىكى خەلقنىڭ سالامەتلىكىگىمۇ ئېغىر خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. غۇلجا ناھىيىسىكى مەلۇم بىر يېزىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقان ئايال، بۇ يىل كوپ قېتىم كىسلاتالىق يامغۇر ياغقانلىقى سەۋەبىدىن يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ زور كۆپچىلىكىنىڭ ئۈزۈم باراڭلىرىدىكى ئۈزۈملەرنىڭ پىشماي تۇرۇپلا يىگلەپ قالغانلىقىنى، پەقەت ئاز ساندىكى دېھقانلارنىڭ كىسلاتالىق يامغۇردىن كېيىن ئۈزۈم باراڭلىرىغا تۇرۇبا سۈيى چېچىپ، ئۈزۈملەرنىڭ بىر قىسمىنى كېسەل تېگىشتىن ساقلاپ قالغان بولسىمۇ، ئەمما يېزا تەۋەسىدە ئىككى يىلدىن بۇيان بازارغا ئەكىرىپ ساتقۇدەك ئۈزۈم بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى. نۆۋەتتە «شىنجاڭغا ياردەم بېرىش» نامىدا، خىتاينىڭ 19 ئۆلكىسىدىن كەلگەن خىتاي زاۋۇت-شىركەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە يەرلىشىشى رايوندىكى ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ «ھالقىما تەرەققىيات رايونى قۇرۇش ئېھتىياجى» نامىدا يەرلىرىدىن ئايرىلىپ قېلىشىدەك ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرگەندىن باشقا، رايوننىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتىغا ئېغىر ۋەيرانچىلىقلارنى ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئىنكاسلار بارغانچە كۆپەيمەكتە. ئىلگىرى بەزى مۇتەخەسسىسلەر بۇ خىلدىكى زاۋۇتلارنىڭ غۇلجىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتى ۋە غۇلجا خەلقىنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر تەھدىتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن ئىدى. ئەمما ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇھىت بۇلغىنىشىغا قارىتا ھازىرغىچە ھېچقانداق كۈچلۈك تەدبىر ئالمىغان. خىتاي ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە بۇنىڭدىن كېيىنكى ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىدە، رايوندا يەرلىشىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلەر نوپۇسىنىڭ كۆپىيىشىدىن باشقا رايوندا بارغانچە ناچارلىشىۋاتقان مۇھىت مەسىلىسى، سۇ قىسلىقى قاتارلىقلار بۇ رايوندىكى ئىجتىمائىي زىددىيەتلەرنىڭ يەنىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ، يەرلىك خەلق ئۇيغۇرلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بۆلىشى مۇقەررەر ئىكەن.