ئۆزبېك ئۆكتىچىلىرى ئىسلام كەرىموف ئۈستىدىن خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى

«ئەركىن ئۆزبېكىستان دوستلۇق مۇنبىرى» بۇنىڭدىن 7 يىل ئىلگىرى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ئەندىجان قەتلىئامىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى كەرىموف ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

0:00 / 0:00

«ئەركىن ئۆزبېكىستان دوستلۇق مۇنبىرى» ئۆزبېكىستاندا 7 يىل ئىلگىرى كۆپ ساندا ئادەمنىڭ ئۆلۈشى بىلەن ئاخىرلاشقان «ئەندىجان قەتلىئامى» نىڭ 7 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئۆتكۈزدى ۋە ئۆزبېكىستان رەئىسى ئىسلام كەرىموفنى قىرغىنچىلىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلىپ خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇندى.

بۇ تەشكىلات، 2012-يىلى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى ئىستانبۇلدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈپ ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى كەرىموفنى ئەيىبلەپ سوتقا تارتىلىشىنى تەلەپ قىلغان.
«ئەركىن ئۆزبېكىستان دوستلۇق مۇنبىرى» نىڭ مەسئۇللىرىدىن ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندى، بۇنىڭدىن 7 يىل ئىلگىرى ئۆزبېكىستاندا يۈز بەرگەن ئەندىجان قەتلىئامىنىڭ جاۋابكارىنىڭ ئۆزبېكىستان دۆلەت رەئىسى كەرىموف ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

بۇ تەشكىلاتنىڭ باش كاتىپى بورھان كاۋۇنجى ئەپەندى تەرىپىدىن سۇنۇلغان ئەرزنامىنىڭ ئاخىرىدا مۇنداق يېزىلغان:
«2005-يىلى 5-ئاينىڭ 12-13-كۈنلىرى ئۆزبېكىستاننىڭ ئەندىجان شەھىرىدە ۋە كېيىن ئۆزبېكىستاننىڭ ئوخشىمىغان شەھەرلىرىدە جىنايەتچى كەرىموف تەرىپىدىن خەلق ئاممىسىغا قارشى كوللېكتىپ شەكىلدە ئېلىپ بېرىلغان تۇتقۇن قىلىش، سۈرگۈن قىلىش، كۆچۈشكە مەجبۇرلاش، خەلقئارا قانۇنلارغا خىلاپ تۈرمىگە قاماش، قىرغىن قىلىش، جىسمانىي ئەركىنلىككە دەخلى-تەرۇز قىلىش قاتارلىق دەپسەندىچىلىكلەر ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ۋە قىرغىنچىلىق جىنايىتى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئەرزنامىنى ئوقۇپ چىقىپ جىنايەتچى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى سوت مەھكىمىسىدە سوت ئېچىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»

بىز بۇ ھەقتە ئەركىن ئۆزبېكىستان دوستلىرى مۇنبىرىنىڭ مەسئۇللىرىدىن نۇرمۆمىن ۋە ئەلىبەي يولياخشى ئەپەندىلەر بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.