ئۇيغۇر دىيارى ئېكولوگىيىسىنىڭ ۋەيران بولۇش سەۋەبلىرى

بىئولوگىيە مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ جۇغراپىيىسىدە ئېگىز تاغ، دەريا، كۆل، ئورمان ئوتلاق، چىملىق، سازلىق، ئېدىرلىق ۋە چۆللەرگە ئوخشاش پەرقلىق ئېكولوگىيىلىك مۇھىت مەۋجۇت ئىكەن. بۇ مۇھىتتا ياشىغان ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەرمۇ ھەرخىل ئىكەن.

0:00 / 0:00

ئەمما، يېقىندىن بۇيان بۇ رايونغا ئۆلچەمدىن ئارتۇق خىتاي كۆچمەنلەرنىڭ يەرلىشىشى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپلەپ كېلىشى ئۇيغۇر دىيارىدا مۇھىت بۇلغىنىش، ئېكولوگىيىلىك مۇھىت ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراش ۋە ياۋايى ھايۋانلارنىڭ نەسلى قۇرۇپ كېتىش ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا ئىكەن.

بۇ ھەقتە بىز تۈركىيە ۋوڭ يۈزىنچى يىل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىسى، بىئولوگىيە ساھەسىدە دوكتورلۇق ئۇنۋانى ئالغان مۇھەببەت كامال خانىمنىڭ بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلىرىگە دىققەت بېرەيلى.

دوكتور مۇھەببەت كامال خانىم، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ بىئولوگىيىلىك ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: "ئۇيغۇر دىيارى، شىمالى قىسمىدا ئالتاي تاغلىرى ۋە ئوتتۇرىدىن تاكى قىرغىزىستاندىن باشلاپ تاكى قۇمۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى تەڭرىتاغلىرى، ئالتۇن تاغلىرى، قاراقۇرۇم تاغلىرى، پامىر تاغلىرى دېگەندەك تاغلار بىلەن قورشالغان. ئالتاي تاغلىرى بىلەن تەڭرىتاغلىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدا قالغان جۇڭغار ئويمانلىقى، تەڭرىتاغلىرى بىلەن قاراقۇرۇم تاغلىرى ۋە ئالتۇن تاغلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تەكلىماكان چۆلى تاغلىرى بىلەن بىرگە ھەر بىرى ئايرىم ئايرىم بىر ئېكولوگىيىلىك سىستېما بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىگە خاس ھايۋان ۋە ئۆسۈملۈكلەر يېتىلگەن باي ۋە مۇنبەت تۇپراقلارغا ئىگە ئالاھىدە بىر جۇغراپىيىلىك رايون. بۇ رايوننىڭ ھەر بىر ئورۇننىڭ جۇغراپىيىلىك يەر شەكلى، ئىقلىم ئالاھىدىلىكلىرى، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھالدا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلار ھەتتا ئىنسانلارنىڭ ئۇ جۇغراپىيىدە پەرقلىق بىر تۈزۈلۈشىگە ئىگە."

مۇھەببەت خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا كۆچۈشى سەۋەبىدىن، ئۇيغۇرلار ئىقتىسادىي ۋە تەلىم ‏- تەربىيە جەھەتتىلا توسالغۇغا ئۇچراپ قالماي بەلكى بىئولوگىيىلىك تەبىئىي رايوننىڭ بۇلغىنىشىغا ۋە ۋەيران بولۇشىغا سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مۇھەببەت كامال خانىم سۆزىدە يەنە، خىتاينىڭ 2010 ‏- يىلىدىكى ساياھەت پىلانىدا، قاناس كۆلىگە 200 مىليون خىتاينى ساياھەت قىلدۇرۇشنى پىلان قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنداق كۆپ ئادەمنىڭ تەبىئىي ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېغىر دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر دىيارىدىكى تەبىئىي قوغدىلىدىغان رايونلارنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئېھتىياجى بارلىقىنى ۋە قوغدىلىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ ھەقتىكى مەلۇماتىمىزنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.