ئۇيغۇرلارنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان خىمىيە زاۋۇتى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى

يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان خىمىيە زاۋۇتى، غۇلجا ناھىيىسىنىڭ مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇزۇپلا قالماستىن، بەلكى نۇرغۇن خىتاي كۆچمەنلىرىنىڭ ئىلى رايونىغا يۆتكەپ كېلىنىشىگە سەۋەب بولغان.

0:00 / 0:00

خىتايدىن چىقىدىغان «پۇل-مۇئامىلە تورى» ھەم ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاينىڭ ئىچكى موڭغۇل ۋە بېيجىڭغا جايلاشقان «چىڭخۇا» گۇرۇھى، غۇلجا ناھىيىسىدىكى پىلىچىخاڭنى مەركەز قىلغان كۆمۈر كان رايونىغا 80 مىليارد يۈەن ئەتراپىدا مەبلەغ سېلىپ، غۇلجا ناھىيىسىدە چوڭ تىپتىكى خىمىيە زاۋۇتى قۇرۇپ چىقىدىكەن.

ئىگىلىگەن ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، «جىڭمىي خىمىيە سانائەت باغچىسى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ چوڭ تىپتىكى خىمىيە شىركىتى ئەسلىدىكى كان رايونى پىلىچىخاڭنى ئىگىلىگەندىن باشقا، غۇلجا ناھىيىسى ۋە غۇلجا شەھىرىگە قاراشلىق، چولۇقاي، قارىياغاچ، يۇقىرىقى پەنجىم، تۇرپانيۈزى، نوغايتۇ، روزىمەتيۈزى قاتارلىق يېزىلاردىكى دېھقان-چارۋىچىلارنىڭ يەرلىرىنى مەجبۇرى سېتىۋېلىش ئاساسىدا قۇرۇلۇۋاتقان بولۇپ، شىركەتنىڭ ئىگىلىگەن دائىرىسى 22.7 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىكەن.

غۇلجا ناھىيىسىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر دېھقاننىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر ۋە ئالدىنقى يىللىرى غۇلجا ناھىيىسى تۇرپانيۈزى يېزىسىدا باغلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلانغان دېھقانلار ھەم قارىياغاچ يېزىسىدىكى يايلاقلىرىدىن كۆچۈشكە مەجبۇرلانغان قازاق چارۋىچىلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىق ئەرزلىرى ھېلىمۇ داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ يەرلىرى ئىلى ئوبلاستى ھەم غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ بېسىمى بىلەن مانا مۇشۇ «چىڭخۇا گۇرۇھى» دەپ ئاتالغان شىركەتكە سېتىپ بېرىلگەن ئىكەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، «چىڭخۇا گۇرۇھى» قارمىقىدىكى «جىڭمىي خىمىيە سانائەت زاۋۇتى» 2012-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش پىلانلانغان بولۇپ، بۇ شىركەت ئاساسلىقى كۆمۈر گازى، مېتانول (ياغاچ ئىسپىرتى) سىركە كىسلاتاسى، فورمالىن، نىلون قاتارلىق 15 خىلدىن ئارتۇق خىمىيىلىك مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

ئىلى ئوبلاستلىق ھەم غۇلجا ناھىيىلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئىككى يىلدىن بۇيان غۇلجا ناھىيىسىدە ھالقىسىمان تەرەققىيات رايونى دەپ ئاتالغان چوڭ تىپتىكى سانائەت رايونى قۇرۇلىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان بولسىمۇ، ئەمما مەزكۇر سانائەت رايونىدىكى ئاساسلىق قۇرۇلۇش بولغان خىمىيە زاۋۇتىنىڭ غۇلجا ناھىيىسىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا ئېلىپ كېلىدىغان ئەكس تەسىرى ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش چارىلىرى ھەققىدە ھېچقانداق خەۋەر بەرمىگەن.

ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىمىيە زاۋۇتىنىڭ ئېكولوگىيىلىك مۇھىتقا بولغان ئەكس تەسىرى ئەڭ ئېغىر بولۇپ، خىتايدا قۇرۇلغان خىمىيە زاۋۇتلىرىدا كېرەكسىز گاز ۋە بۇلغانغان سۇلار ياخشى بىر تەرەپ قىلىنمايدىغانلىقى ئۈچۈن، بۇلار شۇ جاينىڭ سۇمەنبەسى ھەم ھاۋاسىنى بۇلغىغاندىن باشقا دائىم ۋەقە كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بولسا ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىلا قوغلىشىپ، مۇھىت بۇلغىنىشى ھەم خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىغا دائىم ئېتىبارسىز قارايدىكەن.

ئۆتكەن ئايدا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان موڭغۇل دوختۇر ئالماس سىرنۇد ئەپەندى، ئۆز بايانىدا 1992-يىلى ئىچكى موڭغۇلنىڭ توڭلياۋ شەھىرىدە يۈز بەرگەن خىمىيە زاۋۇتىدىكى پارتلاش سەۋەبىدىن شۇ جايدىكى موڭغۇل چارۋىچىلىرىنىڭ، خىمىيە زاۋۇتىدىن تارقالغان زەھەرلىك گاز ھەم بۇلغانغان سۇ تەسىرىدىن خىلمۇ-خىل يامان خاراكتېرلىك ئۆسمە كېسەللىرىگە گىرىپتار بولغان بولسىمۇ، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىنى پۇقرالار رازى بولغۇدەك دەرىجىدە بىر تەرەپ قىلمىغانلىقى ھەققىدە توختالغان ئىدى.

ئىلى رايونىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بىرەيلەن نۆۋەتتە رايوندىكى يەرلىك خەلقنىڭ غۇلجا ناھىيىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان خىمىيە زاۋۇتىنىڭ رايون مۇھىتىنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەت ۋە ناھىيىلىك ھۆكۈمەتنىڭ پەقەت پۇل تېپىشنىلا كۆزدە تۇتۇپ، خەلقنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى بىلەن بىلەن كارى بولمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇنداقتا غۇلجا ناھىيىسىدە قۇرۇلۇۋاتقان بۇ خىمىيە زاۋۇتى ھەقىقەتەن خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى تەشۋىق قىلغىنىدەك رايوندىكى ئۇيغۇرلاردىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ زاۋۇتقا يەرلىك ئۇيغۇرلاردىن ئىشچى قوبۇل قىلىنامدۇ؟

غۇلجىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر ئۆز ئۆز بايانىدا ھازىر ئۆزىگە ئوخشاش نۇرغۇن ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەت دائىرىلىرى غۇلجا ناھىيىسىدە قۇرۇۋاتقان بۇ خىمىيىلىك زاۋۇتقا يەرلىك ئۇيغۇرلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن ئۈمىد كۈتمەيدىغانلىقىنى، «بۇ زاۋۇتقا يەنىلا خىتاي ئۆلكىلىرىدىن ئىلى رايونىغا كۆچۈرۈپ كېلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدۇ» دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ كىشى يەنە يەرلىك ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇلتۇردىن بۇيان غۇلجا شەھرى ھەم غۇلجا ناھىيىسى نوپۇسىنىڭ تېزلىكتە كۆپەيگەنلىكىنى خەۋەر قىلغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ سۆزىدە يېڭىدىن كۆپىيىۋاتقان بۇ ئاھالىنىڭ مۇقەررەر ھالدا خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «غۇلجا شەھەرلىك تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا بېرىلگەن خەۋەردە، غۇلجا شەھەر نوپۇسىنىڭ بۇلتۇرقى 400 مىڭ ئاھالىدىن كۆپىيىپ، بۇ يىل 500 مىڭغا يەتكەنلىكىنى ئېلان قىلىندى. تېلېۋىزوردا بېرىلگەن خەۋەردە يەنە ئىلى ئوبلاستلىق ھۆكۈمەتنىڭ يېقىنقى بىر نەچچە يىل ئىچىدە غۇلجا شەھىرىنى بىر مىليون نوپۇسلۇق چوڭ شەھەر قىلىپ قۇرۇق چىقىش پىلانى بارلىقى ئېلان قىلىندى. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىلا رايونغا كۆپلەپ يېڭى كۆچمەنلەر كېلىۋاتقانلىقىنىڭ ئىسپاتى ئەمەسمۇ؟»

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى 2009-يىل ئى«5-ئىيۇل ئۈرۈمچى نامايىشى» دىن كېيىن، «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» ئېچىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە يېڭىچە تەرەققىيات پىلانىنى يولغا قويىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆز تەشۋىقاتىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاپ، رايوندىكى ئىشسىزلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، رايوندىكى ئەمەلىي ئەھۋال بولسا بۇ خىل تەرەققىيات پىلانىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقانلار يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتى ھەم خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن رايونغا تۈركۈم-تۈركۈملەپ كۆچۈرۈپ كېلىنىۋاتقان خىتاي كۆچمەنلىرى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاۋاتقىنى ئۈچۈن، نۆۋەتتە رايوندىكى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ ھۆكۈمەتكە بولغان نارازىلىقى بېسىلمايلا قالماستىن، بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتى رايوندا يۈرگۈزۈۋاتقان «يېڭىچە تەرەققىيات پىلانى» دەپ نام بېرىلگەن بۇ خىل رايوندىكى يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرىنى تېزلىكتە خىتاي ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ، رايونغا كۆپلەپ خىتاي كۆچمەنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتى يەرلىك ئۇيغۇرلارنىڭ «5-ئىيۇل ۋەقەسى»دىنمۇ چوڭ بولغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى قوزغىشى مۇمكىن ئىكەن.