ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق ۋە مۇھىت كېسەلگە ئۇۋا سالماقتا

ئۇيغۇرلاردىكى نامراتلىق ۋە تۇرمۇش مۇھىتىنىڭ ناچار بولۇشى، ئۇلارنىڭ كېسەلگە قارشى تۇرۇش ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ، كېسەللىك ۋىرۇسىنىڭ ئاسانلا تارقىلىشىغا ئاساس ھازىرلىغان بۆلىشى مۇمكىن.

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 9-ئايدا ئېلان قىلغان يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر ئەھۋالىغا ئاساسلانغاندا 9-ئايدا ئۇيغۇر ئېلىدە جەمئىي 6 ئادەم يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان. ھازىر يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى 17 نەپەرگە يەتتى. بۇلارنىڭ 9 نەپىرى قورۇمىغا يەتكەنلەر 8 نەپىرى بالىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ بىرى قازا قىلغان 16 نەپىرى داۋالانماقتا ئىكەن.

دەسلەپ بۇ خىل ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغۇچىلار خوتەن ۋىلايىتىدە بايقالغان ئىدى. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىسىدىن قارىغاندا بىمارلاردا بايقالغان ۋىرۇس تىپى يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ئى تىپلىق ياۋا ۋىرۇس بولۇپ، پاكىستاندىن كەلگەن ئىكەن. خىتاي سەھىيە تارماقلىرىنىڭ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، خوتەنگە بايقالغان بۇ خىل يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ياۋا ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار، بېيجىڭدا 27 يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىمۇ17 يىل بولغان تۇنجى قېتىم بايقىلىشى ئىكەن.

خوتەندە كېسەل بايقالغاندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى كېسەللىك يۇقۇش خەۋپى ئېغىر رايونلارنى مەركەز قىلىپ 40 ياشتىن تۆۋەن كىشىلەرگە ئومۇميۈزلۈك ۋاكسىنا ئەملەشكە كىرىشتى. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەرنىڭ ئېلان قىلىشىغا قارىغاندا يەنىمۇ مۇستەھكەم ئىممۇنت توسۇقى شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن تۆت قېتىمدىن ئارتۇق ۋاكسىنا ئەملەشكە توغرا كېلىدىغان بولۇپ ھازىر ئىككىنچى نۆۋەتلىك ۋاكسىنا ئەملەش تاماملىنىپ ئۈچ مىليون 900مىڭغا يېقىن بالىغا ۋاكسىنا ئەملەنگەن. 3-نۆۋەتلىك ۋاكسىنا ئەملەش 11-ئايدا باشلىنىدىكەن.

يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار ھازىر خوتەندىن باشقا قەشقەردىمۇ بايقالغان بولۇپ، خوتەن ۋە قەشقەردىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەرگە تېلېفون قىلغىنىمىزدا ئۇلار بالىلارغا ۋە چوڭلارغىمۇ ۋاكسىنا ئەملەنگەنلىكىنى بىلدۈردى.

خوتەن ۋە قەشقەرلەردە بايقالغان بۇ ۋىرۇس يوشۇرۇن تارقىلىش كۈچى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كېسەللىك ۋىرۇسى بولۇپ ئادەتتە 100دىن 1000 غىچە بولغان يۇقۇملانغۇچى ئىچىدە بىرىدە پالەچ بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدىكەن. مۇتەخەسسىسلەر گەرچە يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ئاساسلىق كۆرۈلىدىغان كىشىلەر توپى بەش ياشتىن تۆۋەن بالىلار بولسىمۇ ئەمما ئىممۇنت كۈچى يوق ياكى ئاجىز قورۇمىغا يەتكەنلەردىمۇ كۆرۈلىدىكەن.

خوتەن ۋىلايىتىنىڭ لوپ ناھىيىسى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدارىسىدە ۋاكسىنا ئەملەشكە ياردەملىشىۋاتقان بىر خىتاي سەھىيە خادىمى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خوتەندە دائىرىلەرنىڭ بۇ ۋىرۇسنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا جىددىي تەدبىر قوللىنىپ ئىككى قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەشنى تاماملىغانلىقىنى بىلدۈردى.

لياۋنىڭدىن ئۇيغۇر ئېلىگە نىشانلىق ياردەمگە كەلگەن بۇ خىتاي خادىمى خوتەندە خىزمەت قىلىش جەريانىدا ھېس قىلغانلىرىنى بىلدۈرۈپ، گەرچە دۆلەت كۆپ مەبلەغ سېلىپ ھەر تەرەپتىن نىشانلىق ياردەمنى كۈچەيتىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەلقنىڭ تۇرمۇشى ۋە تەبىئىي ياشاش مۇھىتىنىڭ ناچارلىقىمۇ خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆز بەدىنىدىكى ئىمۇنىت كۈچىنىڭ يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇقىغا ئوخشاش مۇشۇ خىلدىكى يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرگە ئاجىزلىق قىلىپ قېلىۋاتقان بولۇشىمۇ مۇمكىن، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ بولۇپمۇ خوتەننىڭ چەت ياقا ۋە تاغلىق رايونلىرىدىكى ئاممىنىڭ ئىچىملىك سۇ مەسىلىسىنىڭمۇ تامامەن ھەل بولمىغانلىقىنى مىسال ئېلىپ ھازىر گەرچە ئۇلار تۇرۇبا سۈيى ئىچىۋاتقان بولسىمۇ سۈپەت ۋە بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە يەتمەيدۇ دەپ كۆرسەتتى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، «خوتەن ياكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئۇيغۇر ئېلىدىكى نامرات رايونلاردىكى كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئاۋۋال ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلاش كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ جايلارغا كۆپرەك مەبلەغ سېلىپ، ئىقتىسادىنى يۈكسەلدۈرۈش كېرەك ۋە نامرات خەلقنى بۇنىڭدىن مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك».