ئابدۇقادىر ئىبراھىم تۈركىستانى

ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم تۈركىستانى 1912- يىلى 8- ئاينىڭ 14- كۈنى قۇمۇلدا تۇغۇلغان ئىكەن. ئائىلىسى ئەسلىدە تۇرپانلىق بولۇپ، قۇمۇلغا كۆچۈپ بارغان ۋە قۇمۇل ۋاڭى شاھ مەخسۇتنىڭ قوغۇنلىقىنى ئىجارىگە ئېلىپ، قوغۇن تېرىپ جان باققان ئىكەن. ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم تۇغۇلۇپ ئىككى ياشقا كىرگەندە، قۇمۇلدا جان بېقىش قىيىن بولۇپ تۇرپانغا قايتىپ كېتىدىكەن. كېيىنچە ماناسقا كېلىپ يەرلىشىدىكەن. 1936- يىلى ئائىلىسى بىلەن ھەرەمگە ھىجرەت قىلغان ئىكەن.

مەسچىتى ھەرەمدە مۇدەررىسلىك قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر

ھازىر سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق نەۋرىسى ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "چوڭ دادام ئابدۇقادىر ھاجىم مەككىگە 1936 يىلى – 2- ئاينىڭ 8-كۈنى 5 كىشى كەلگەن ئىكەن. ئۇنىڭدىن بۇرۇن دادىسى، ئىككى ئاكىسى بولۇپ 3 كىشى كېلىپ بولغان ئىكەن. شۇنىڭدىن بىرى ئۆتكەن 70 يىل ئىچىدە بۇ ئائىلە كۆپىيىپ پۈتۈن سەئۇدى ئەرەبىستانىدا 220 كىشىگە يەتتى. چوڭ دادام يۇرتتىن كەلگەندىن كېيىن مەككە ۋە مەدىنىدە تونۇلغان مەشھۇر ئۆزبېك ئالىمى سۇلتان داموللام دېگەن كىشىدە ئوقۇغان ئىكەن. ئابدۇقادىر ئىبراھىم توختى خوجا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە تونۇلغان ئەڭ چوڭ دىنىي ئۆلۈما ھېسابلىناتتى. ئۇ 1985- يىلدىن 1987 – يىلغىچە مەسچىتى ھەرەمدە مۇدەررىسلىق قىلغان. بىلىشىمچە، ئابدۇقادىر ئىبراھىم توختى خوجا ئىسلام تارىخىدا مەسچىتى ھەرەمدە مۇدەررىسلىك قىلغان تۇنجى ئۇيغۇر بولىشى كېرەك".

1956- يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى جۇڭگۇ ھەج قىلغۇچىلار ئۆمىكى مەككە مۇكەررەمە شەھىرىگە يېتىپ كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئۇيغۇرلاردىن بۇرھان شېھىدى، نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى قاتارلىق ئۇيغۇرلارمۇ كەلگەن ئىكەن. شۇ چاغدا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلاردىن ھېچكىم ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىشقا جۈرئەت قىلالمىغاندا، ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم ئۇلار بىلەن كۆرۈشۈپ، ۋەتەننىڭ ئەھۋالىنى سورىغان ۋە ئۇلارنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى ئۇيغۇرلارنى خىتايغا تەكلىپ قىلىش پىكرىگە رەددىيە بەرگەن ئىكەن.

ساخاۋەتلىك پائالىيەتلىرى

ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم 1949- يىلى ئۇيغۇر ئېلىدىن چەتئەللەرگە چىقىش يولى تاقالغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم 1979- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىش يولىنى ئاچقان كىشى ئىدى. سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىگە بېرىپ تۇغقان يوقلاش ئىشلىرى شۇندىن كېيىن باشلانغان ئىكەن.

ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم 1993- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلاردىن ھۈسەيىن قارى ئىسلامى، ئابدۇقادىر ئەھمەد، مۇھەممەد قاسىم ئەمىن ۋە ئەمىن ئابدۇلغوپۇر قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە ئۆزبېكىستان، قازاقىستان ۋە قىرغىزىستان جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ دۆلەت مەسئۇللىرىنىڭ مەخسۇس دەۋىتى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا جۇمھۇرىيەتلىرىگە بارغانلارنىڭ بىرى ئىدى. 1983- يىللىرى پاكىستاننىڭ راۋۇلپىندى شەھىرىدىكى قەشقەر ۋەخپى بىناسىنى سېتىپ ئېلىشقا سەئۇدى ئەرەبىستانىدىن يىغىش قىلغان 90 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىنى يىغىش ئىشلىرىدا ئالاھىدە ئاكتىپ رول ئوينىغان ئىكەن.

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "چوڭ دادام ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم 1994- يىلى ئىستانبۇلنىڭ ئۆرنەك مەھەللىسىدىكى ‘تۈركىستان مەسچىتى’ نى سېلىش ئۈچۈن ئىئانە توپلاش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولغان بولۇپ، تەخمىنەن بىر مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن پۇل يىغىپ شۇ يىلى مەزكۇر مەسچىتنى سالغان. چوڭ دادام ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم دىنى ئالىملا ئەمەس، بەلكى كۆزگە كۆرۈنگەن ۋەتەنپەرۋەر مىللىي مۇجاھىد ئىدى".

ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم سەئۇدى ئەربىستانىدىكى "ئوقۇغۇچىلار فوندى" نى قۇرۇش ئىشلىرىدا ئاكتىپ قاتناشقان ۋە ئۆزىمۇ ئىقتىسادىي ياردىمىنى ئايىمىغان ئىكەن. مۇندىن باشقا چەتئەللەردە ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلىرىغا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە ماددىي ياردەم قىلىپ كەلگەن ئىكەن. ئابدۇقادىر ئىبراھىم ھاجىم 2006- يىلى 6 – مارت كۈنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولدى. (ئۆمەرجان توختى)