سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئۇيغۇر خەتتات - ئابدۇرېھىم ئەمىن

0:00 / 0:00

پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قىبلىسى بولغان ئۇلۇغ كەبىنىڭ ئالتۇن ئىشىكىگە ئالتۇن بىلەن يېزىلغان خۇشخەتلەر ئارىسىدا "ئابدۇرېھىم ئەمىن" دېگەن ئىسىم ھېلىھەم كۆزۈمىزگە چېلىقىدۇ. بۇ بىز سۆزىنى قىلىۋاتقان بىر ئۇيغۇر خەتتاتنىڭ نامى ئىدى. پۈتۈن دۇنيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ قەلبى تەلپۈنۈپ تۇرىدىغان ۋە ناماز ھە م دۇئالىرىدا ئۇنىڭغا يۈزلىنىدىغان ئۇلۇغۋار قىبلىسى - كەبىنىڭ ھەر كۈنى مىڭلارچە كىشى قوللىرى بىلەن ئېسىلىپ، يۈزلىرىگە سۈرتۈپ كېلىۋاتقان ئالتۇن ئىشىكىگە بىر ئۇيغۇرنىڭ نامى يېزىلغانلىقى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەقىقەتەن پەخىرلىنىشكە تېگىشلىك كاتتا ئىشتۇر.

ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قاغىلىق ناھىيىسىدىن بولۇپ، خەتتاتلىقنى مەككە شەھىرىدە ئۆگەنگەن ۋە 1962- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش مەخسۇس فابرىكىسى قۇرۇلغاندىن بىرى بۇ مۇئەسسەسەنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن ئىكەن. ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم كەبىنىڭ 280 كىلو ساپ ئالتۇندىن ياسالغان ئىشىكىدىكى خۇشخەتلەرنى يازغان خەتتاتنىڭ ئۆزى ئىدى.

ئۇستا خەتتات

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەم شەھىرىدە ئولتۇرۇشلۇق مۇھەممەد قاسىم ھاجىم مۇنداق دەيدۇ: "خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن 1925- يىلى قاغىلىقتىن بىر كىشىنىڭ ھەمراھلىقىدا سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كېلىپ، مەدىنە مۇنەۋۋەرە شەھىرىدە "دارىلئېتام" دا ئوقۇغان. 1938 –يىلى مەككىگە كېلىپ يەرلەشكەن. ئۇ مەككىدە بىر ئۇستىنىڭ يېنىدا تىكىشچىلىككە شاگىرتلىققا كىرىپ تىكىشنى ئۆگەنگەن. بىز 1950- يىللىرى مەككىگە كەلگىنىمىزدە، مەككىنىڭ قەدىم كوچىلىرىدىن ‘بۇخارىي كوچىسى’ دەپ ئاتىلىدىغان كوچىدا بىر قانچە ئۇيغۇرنىڭ دۇكىنى بولۇپ، شۇ دۇكانلارنىڭ يېنىدىكى بىر تىكىش دۇكىنىدا تىكىشچىلىك قىلىپ ئولتۇرغىنىنى كۆرگەن ئىدىم. شۇنىڭدىن 10 ياكى 15 يىل كېيىن، سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى شۇ ۋاقىتتىكى مىسىر رەئىسى جامال ئابدۇنناسىر بىلەن ئارىسى بۇزۇلغانلىق سەۋەب بىلەن تارىختىن بىرى مىسىردىن كېلىۋاتقان كەبىنىڭ يوپۇقىنى مەككىگە ئېلىپ كېلىشتىن توسقان ۋە كەبىنىڭ يوپۇقىنى ئۆزىمىز توقۇيمىز دېگەن مەقسەت بىلەن مەككىنىڭ ھازىرقى كونا جىددە يولىدا ‘كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش فابرىكىسى’ نى قۇرۇپ چىققان. ئابدۇرېھىم ئەمىن سەئۇدى ئەرەبىستانى تەۋەسىدە ئۇستا خەتتات بولۇپ تونۇلغانلىقتىن، ئۇ مەزكۇر فابرىكىدا كەبىنىڭ يوپۇقىغا ھۇسنىخەتلەرنى يېزىش ئىشلىرىغا تەيىنلەنگەن. كېيىنچە شۇ فابرىكىنىڭ باشلىقى بولغان".

سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى "ئىسلام دۇنياسى ئىتتىپاقى" دا خەلقئارا ئىسلام قۇرۇلتايلىرىنى بېكىتىش ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلەپ كېلىۋاتقان ۋەتەنپەرۋەر ئۇستاز رەھمەتۇللا ئەنايەتۇللانىڭ ئېيتىشىچە: ئابدۇرېھىم ھاجىم 1980- يىللاردا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەد سەئۇدى ئەرەبىستانىغا كەلگەندە، ئىسمائىل ئەھمەد بىلەن سۆھبەتلىشىپ، ئۆزىنىڭ قاغىلىقتىن ئىكەنلىكىنى ۋە بەزى كەچۈرمىشلىرىنى سۆزلەپ بەرگەن ئىكەن.

مەككە مۇكەررەمدىكى كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلغان ئۇيغۇر ئىسمى

"ھەرەمدىكى مەشھۇر ئۇيغۇرلار" دېگەن ماقالىلارنى يازغان ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە: ئابدۇرېھىم ھاجىم ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىگە ئانچە كۆپ ئارىلىشىپ كەتمەيدىغان كىشى بولغانلىقتىن كۆپ ئۇيغۇرلار ئۇنىڭ ھەققىدە بىر نەرسە بىلمەيدىكەن.

ئابدۇلئەزىز يۇنۇس ھاجىم مۇنداق دەيدۇ: "ئابدۇرېھىم ئەمىن زەگەرلىكتە بىرىنچى، توقۇمىچىلىقتا بىرىنچى ۋە خەتتاتلىقتا بىرىنچى بولغان ئادەم ئىكەن. سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى قرالى ئابدۇلئەزىز كەبىنىڭ ئىشىكىنى ئالتۇندىن قىلىش ۋە يوپۇقنى يېڭىلاشنى قارار قىلغان بولۇپ، ئۇزۇن ئۆتمەيلا پۈتۈپ چىقىدۇ. بۇنى كۆرگەن قرال بۇلارنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى سۈرۈشتە قىلىپ خەتتات ئابدۇرېھىمنى ھۇزۇرىغا چاقىرتىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن مەمنۇن بولۇپ، قانداقلا ھاجىتى بولسا راۋا قىلىپ بېرىشنى ئېيتقاندا، ئابدۇرېھىم ئەمىن، "مېنىڭ ئىسمىم كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالسا" دېگەن تەلەپنى قويىدۇ. قرال بۇ ئادەمنىڭ ئېسىللىكىدىن تەسىرلىنىپ تەلىپىنى دەرھال قوبۇل قىلىدۇ ۋە ئىسمى كەبىنىڭ ئىشىكىگە يېزىلىپ قالىدۇ. كېيىنچە ئابدۇرېھىم ئەمىن 300 دىن كۆپرەك ئادەم ئىشلەيدىغان "كەبىنىڭ يوپۇقىنى توقۇش فابرىكىسى" غا باشلىق بولۇپ تەيىنلىنىدۇ. شۇنىڭدىن 30- 40 يىللار كېيىن ئابدۇرېھىم ئەمىن كېسەل سەۋەبى بىلەن ۋاپات بولىدۇ.

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: "مەن بۇ كىشىنى 1980- يىلىنىڭ باشلىرىدا ئىستانبۇلنىڭ لالەلى دېگەن يېرىدىكى بىر مېھمان كۈتۈشتە كۆرگەن ئىدىم. ئۇ ۋاقىتتا بۇ كىشى 60 بىلەن 65 ياشلار ئارىسىدا ئىدى. شۇ چاغدا يېنىدا 8-10 ياشلار ئارىسىدىكى بىر بۇغداي ئۆڭلۈك قىزى بار ئىدى. ئۇ كىشىنىڭ پەرزەنتى بولمىغانلىقتىن بۇ قىزنى بىر ئەرەبتىن بېقىۋالغان ئىكەن. مەن ئۇ قىزدىن ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىۋىدىم. شۇنچە چىرايلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناپ بەردى".

بۇنىڭدىن ئابدۇرېھىم ھاجىمنىڭ مىللىي غۇرۇرى كۈچلۈك بىر كىشى ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىش ئانچە قىيىن ئەمەس. چۈنكى ئەرەبتىن بېقىۋالغان بىر قىزنىڭ ئۇيغۇرچە پاراڭغا جاۋاب بېرەلىشى ۋە ئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئوينىيالىشى ئۇنىڭ ئائىلە تەربىيىسىدىن كېلىپ چىققان بىر ئىش. ئۇنىڭ ئۈستىگە 1980 – يىللاردا سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار بىلەن ئانا ۋەتەندىكىلەرنىڭ قارام – قاتناشلىرى ئەمدىلا باشلانغان بىر ۋاقىت ئىدى. شۇ ۋاقىتلاردا بۇ جايدىكىلەر ھازىرقىدەك كۆپ ئۇيغۇرنى ئۇچرىتالمايتتى. ھازىرقىدەك سىنئالغۇ ئەسۋابلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئۇسسۇللارنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىمۇ يوق ئىدى. دىمەك بۇ ئەرەب قىزىغا ئۇيغۇر تىلىنى ۋەئۇيغۇرچە ئۇسسۇل ئويناشنى ئابدۇرېھىم ھاجىم بىلەن ئايالىنىڭ ئۆگەتكەنلىكى ئېنىق. ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم كېيىن يەنە بىر ئوغۇل بالا بېقىۋالغان ئىكەن. ھازىر ئابدۇرېھىم ھاجىملارنىڭ مەككىدىكى چوڭ ئۆيىدە شۇ ئىككى بېقىۋالغان پەرزەنتلىرى ئولتۇرماقتا ئىكەن. خەتتات ئابدۇرېھىم ئەمىن ھاجىم 1993- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئىكەن. (ئۆمەرجان توختى)