0:00 / 0:00
ئاسىم باقى، شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى مەزگىلىدىكى تونۇلغان ئۇيغۇر ئاخباراتچى بولۇپ، ئۇ 1924- يىلى ئالما-ئاتا ئوبلاستىدىكى ئۇيغۇر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئۆمۈر بويى ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخ ۋە مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش بىلەن شۇغۇللانغان.
ئۇنىڭ ئەخمەتجان قاسىمى قاتارلىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرىنىڭ ئايروپىلان ۋەقەسىدە ئەمەس، بەلكى سۈيقەست بىلەن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى تارىخىي پاكىتلار بىلەن يېزىپ چىققان ئەسىرى “يوشۇرۇن قاتىللىق” ، ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ئەسەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. تۆۋەندە ئىختىيارى مۇخبىرىمىز نازۇكنىڭ ئاسىم باقى ئەپەندى ھەققىدە تەييارلىغان مەلۇماتىغا دىققىتىڭىزگە سۇندۇق.
