0:00 / 0:00

بارات ھاجى 1910-يىلى 10-ئاينىڭ 10 - كۈنى قەشقەر شەھىرىدە تۇغۇلغان. خوجىنىياز ھاجى باشچىلىقىدىكى قۇمۇل ئىنقىلابى پارتلىغاندىن كېيىن، قۇمۇلغا بېرىپ ئىنقىلابقا قاتناشقان. 1937-يىلدىن 1942-يىلچەئىچە تۇرمىدا ياتقان ۋە تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1960-يىلدىن 1981-يىلغىچە خىتاي تۈرمىلىرىدە يېتىپ، 1994-يىلى تۈركىيىگە كەلگەن.
بارات ھاجى تۈركىيىگە كەلگەندىن كېيىن، تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ پائالىيىتىگە ئاكتىپ قاتناشقان. بارات ھاجىمىڭ تۈركىيىدىكى 10 يىللىق ھاياتى تۈركىيىدىكى شەرقىي تۈركىستان ۋەھپىنىڭ ھىمايىسىدە بولغان. 2003-يىلى 3-مارت كۈنى مەككىدە ۋاپات بولغان.
بۇ ھەقتىكى تەپسىلىي مەلۇماتلارنى تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.