0:00 / 0:00
مەشھۇر ئۇيغۇر تارىخچىسى مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ قىزى پاتىمە بۇغرا بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن بولۇپ، ھازىر تۈركىيىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدە ياشىماقتا.
پاتىمە بۇغرا ۋە ئۇنىڭ ئېرى پروفېسسور يۇنۇس بۇغرالار قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن رادىئومىزنىڭ ئەنقەرەدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم بىلەن سۆھبەتلەشتى ھەمدە مۇھەممەت ئىمىن بۇغرانىڭ 40 – يىللاردا قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن كابۇلدا يازغان بايرام ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلىپ بەردى.
