تارىخچى، تىلشۇناس، دىنى ئۆلىما ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان 1952 - يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى مەسئۇت سابرى بايقۇزى قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شېھىت قىلىندى. ھاياتى بويىچە ئۆز ۋەتىنى ئۈچۈن ھارماي تالماي كۈرەش قىلغان ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان مىسىردىكى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەن بولۇپ، ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتىتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن 1934 - يىلىدىن باشلاپ يەنە مىسىر قاھىرەدىكى 1 - فۇئات ئۇنىۋېرسىتېتىدا يەنى ھازىرقى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتىتىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدۇ. 1946 - يىلى ئۆز ۋەتىنىگە قايتىدۇ.
چىڭگىزخان داموللام ئۆزىنىڭ قىسقىغىنە ھاياتىدا، ئۇيغۇر تىلىدا شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە "ئەركىن تۈركىستان"، شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيىسى ھەققىدە، "ئۇلۇغ تۈركىستان" قاتارلىق نەسرىي ئەسەرلەرنى، "گۈزەل تۈركىستان" ناملىق ئۇيغۇرچە شېئىرلار توپلىمىنى، "تۈركچە تەجۋىد"، "ئۇيغۇر سەرپى" (ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى)، "ئۇيغۇر نەھۋى" (ئۇيغۇر تىلىنىڭ سىنتاكسىس قائىدىسى)، "ئەل ئىسلام فىي تۈركىستان" (تۈركىستاندا ئىسلامىيەت)، "تۈرك ئەدەبىيات تارىخى"، "تۈركىستان ئەل خالىدە"، "تۈركىستان قەلبى ئاسىيا"، "سەۋتۇل ۋىجدان" قاتارلىق ئەدەبىيات تارىخى، تارىخ، جۇغراپىيە، شېئىر، گىرامماتىكىغا ئائىت 12 پارچە كىتاب يېزىپ، ۋەتەنگە بولغان ساداقەت ۋە ۋاپادارلىقتىن ئىبارەت مىللىي بۇرچىنى ئادا قىلغان بولسا، قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ سەمىمىي سادىق ۋە ئىخلاسمەن بىر مۇسۇلمان ئىكەنلىكىنى نامايەن قىلغان.
بىز ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخاننىڭ ھاياتى ۋە مۇجادىلىسى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن بۇ ھەقتە تەتقىقات ئېلىپ بارغان ۋە ئىلمى ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان تەتقىقاتچى ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى بىلەن تېلېفون زىيارىتى ئېلىپ باردۇق.
دەسلەپكى يىللار
جېلىل تۇران ئەپەندى ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان ئەپەندىنىڭ تۇغۇلغان يېرى ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى :
2007 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى مەسئۇد ئەپەندى، قۇربان قوداي، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام قاتارلىق كىشىلەرنىڭ قىزىل خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن شېھىد قىلىنغانلىقىغا توپتوغرا 55 يىل بولدى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مەن ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللام ھەققىدە توختىلىپ ئۆتمەكچى. 20 ـ ئەسىرنىڭ 30 ـ ۋە 40 يىللىرىدا شەرقىي تۈركىستاندا ئىلمىي ئاقارتىش ئىشلىرىدا، جۈملىدىن تارىخ ۋە ئەدەبىيات ساھەسى بويىچە داڭق چىقارغان كىشى ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامدۇر.
ئابدۇل ئەزىز چىڭگىزخان داموللام، 1906 ـ يىلى (1912 - يىلى 1 - ئايدا تۇغۇلغان دېگەن قاراش توغرا ئەمەستەك تۇرىدۇ) بۈگۈر ناھىيىسىڭ يېڭىسار كەنتىدە ئاشۇر داموللا ھاجىم دېگەن دىنى زات ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاتىسى ئاشۇر داموللام يېتىشكەن دىنى ئالىم بولۇپ، ئەينى زاماندا بۈگۈرنىڭ قازىسى ئىدى. چىڭگىزخان داموللام باشلانغۇچ دىنى ساۋادىنى ئالدى بىلەن بۈگۈردە ئاتىسىدىن ئالغاندىن كېيىن، كۇچاردا بىرمەزگىل ئوقۇغان. چىڭگىزخان داموللام كۇچاردىكى ئىلىمگە قانائەت قىلماي، مول ئىلىم ئېلىش ئۈچۈن ھىندىستاندا، بولۇپمۇ مىسىرغا بېرىپ ئەزھەردە ئوقۇش ئارزۇسى بىلەن ئاتىسى ئاشۇر داموللامنىڭ ماقللۇقىنى ئېلىپ، ئىلىم يولىدا ئۆز يۇرتىدىن ئايرىلىپ قەشقەرگە كېلىپ، قەشقەر خانلىق مەدرىسىدە بىر مەزگىل ئوقۇيدۇ ۋە داڭلىق ئۆلىمالىرى بىلەن تونۇشىدۇ. 1925 ـ يىلى ھىندىستانغا كېلىپ ئاسىيا بويىچە ئەڭ داڭلىق مەدرىسە دىيۇبەند مەدرىسىسىدە بىر يېرىم يىل ئوقۇيدۇ.
مىسىردىكى يىللار
چىڭگىزخان داموللىنىڭ چەتئەلدىكى ئوقۇش ھاياتى ئۈستىدە توختالغان جېلىل تۇران ئەپەندى مۇنداق دېدى:
چىڭگىزخان داموللام 1926 ـ يىلى ھىندىستاندىن ئايرىلىپ، پاراخوت بىلەن قاھىرەگە قاراپ يولغا چىقىپ 21 كۈندە مىسىرغا يېتىپ كېلىدۇ.
چىڭگىزخان داموللام قاھىرەگە يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 1927 ـ يىلى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ، ئەڭ داڭلىق ئىلىم يۇرتى ئەل ئەزھەر ئالى بىلىم يۇرتىدا ئوقۇشقا باشلايدۇ. ئىسلام قانۇنشۇناسلىقى ۋە ئىسلام تارىخى ساھەسى بويىچە 1934 ـ يىلى ئەل ئەزھەر ئالى ئىلىم يۇرتىنى غەلىبىلىك تاماملايدۇ. چىڭگىزخان داموللام ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن، بىرىنچى فۇئاد ئۇنىۋېرسىتېتىنى (بۈگۈنكى قاھىرە ئۇنىۋېرسىتېتىنى) ئۇقۇپ پۈتتۈرۈپ، ئارقىدىن مەزكۇر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۇقۇتقۇچى بولىدۇ. 1939 ـ يىلى مەككىگە بېرىپ ھەج قىلىدۇ.
ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخاننىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىكى ئىلمى تەتقىقاتى ئۈستىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
چىڭگىزخان داموللام بۇ مەزگىللەردە "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى"، "سەۋتۇل ۋىجدان" قاتارلىق نەزمى ۋە نەسرى ئەسەرلەرنى يازىدۇ ھەمدە ئەينى زاماندىكى مىسىرنىڭ داڭلىق شائىرلىرىدىن ساۋى شەلان دېگەن كىشى بىلەن يېقىن دوست بولۇپ ئۆتىدۇ. ساۋى شەلان چىڭگىزخان داموللامنىڭ "تۈركىستان ئەل خالىدە" دېگەن كىتابىنىڭ قول يازمىسىنى كۆرگەنلىكىنى ۋە بۇكىتابنىڭ شەرقىي تۈركىستان تارىخى ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم ۋە بەك قىممەتلىك كىتاب ئىكەنلىكىنى يازىدۇ.
مەرھۇم ئابدۇلئەھەد ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە، چىڭگىزخان داموللام مىسىردا ئوقۇۋاتقان يىللاردا بىللە ئوقۇغان تونگانلار بىلەنمۇ گېزىت يۈزىدە ئىلمىي مۇنازىرىلىشىپ، ئۇلارنىڭ ئەدىبىنى بېرىپ تۇرىدىكەن. شۇنىڭ بىلەن چىڭگىزخان داموللامنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا يازغان ماقالىلىرى ۋە شېئىرلىرى بىلەن داڭقى چىققان ئىكەن.
چىڭگىزخان داموللام مىسىردىكى كۈنلىرىدىن بىر كۈنىدە "تەپسىرى تەنتاۋى" ناملىق 27 جىلدلىق تەپسىر يازغان تەپسىرشۇناس ۋە پەيلاسۇپ تەنتاۋى جەۋھەرى بىلەن قاھىرىنىڭ بىر كوچىسىدا ئۇچرىشىپ قالىدۇ. تەنتاۋى جەۋھەرى ھىمالايا تاغلىرىنىڭ ئارقىسىدىن كەلگەن چىڭگىزخان داموللامنىڭ ئىلمىي ئىقتىدارى ۋە ئەخلاق پەزىلىتىگە بولغان ھەيرانلىقىنى ئۆزىنىڭ تەپسىرىدە يازىدۇ. (ئەركىن تارىم)
