تارىخچى، تىلشۇناس، دىنى ئۆلىما ئابدۇلەزىز چىڭگىزخاننىڭ شېھىت قىلىنغانلىقىنىڭ 55 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن (2)

2007-02-28
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

بىز بۇ پروگراممىمىزنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا سىلەرگە -1952 يىلى 2 - ئاينىڭ 25 - كۈنى كوممۇنىست خىتاي ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن تارىخچى، تىلشۇناس، دىنى ئۆلىما ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان ئەپەندىنى تونۇشتۇرغان ئىدۇق. بۇ، شۇ پروگرامىمىزنىڭ داۋامىنى.

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى چىڭگىزخان داموللامنىڭ دىندارلىق بىلەن ۋەتەنپەرۋەرلىكنى ئوخشاش كۆرىدىغان بىر ئالىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىپ مۇنداق دېدى:

"چىڭگىزخان داموللام دىنى مەدرىسىدە ئوقۇپ يېتىشكەن ئالىم بولسىمۇ، دىندارلىق بىلەن ۋەتەنپەرۋرەلىكنى ئوخشاش كۆرەتتى ۋە بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ ‘تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى’ ئىنسانلارنى ئەرەبچە كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە ئېنىق قىلىپ "ئىنسانلارنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئەبەدى بەخت ـ سائادەتكە ئېرىشتۈرىدىغان نۇرغۇن مەجبۇرىيەت ۋە ۋەزىپىلەر بار، بۇنىڭ ئەڭ مۇھىمى ئىككى مەجبۇرىيەت بولۇپ، بۇنىڭ بىرى دىنىي مەجبۇرىيەت بولسا، يەنە بىرى ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتتۇر" دەيدۇ. بۇ ئىككى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغانلىقىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ باشقىلارغا ئۈلگە بولۇش يولىدا، دىنى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن قۇرئان كەرىمنى ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىپ چىقسا، ۋەتەن ئالدىدىكى مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىش ئۈچۈن "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق كىتابىنى يېزىپ، نەشىر قىلدۇرغان بولۇپ، مەزكۇر كىتاب بۈگۈنگە قەدەر شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى يازماقچى بولغان مۇئەللىپلەرنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى مۇراجىئەت مەنبىئى بولۇپ كەلمەكتە.

چىڭگىزخان داموللامنىڭ "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق كىتابى

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى چىڭگىزخان داموللامنىڭ "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق كىتابىنى يېزىشتىكى سەۋەبى ئۈستىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:

- چىڭگىزخان داموللام "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق كىتابىنى يېزىش سەۋەبى ھەققىدە توختىلىپ ‘مەن ئەقلىمگە كەلگەن كۈندىن بۇيان كۈچلۈك ئىمانىمنىڭ تۈرتكىسى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئۈستىگە يۈكلەنگەن دىنىي ۋە مىللىي ۋەزىپىنى ئادا قىلىشنى ھېس قىلىپ كەلگەن ئىدىم. بو يولدا ۋەتەنگە خىزمەت قىلىشنى ئەينى زاماندا دىنغىمۇ خىزمەت قىلغانلىق بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا ئىككى ۋەزىپىنى ئادا قىلغانلىق بولىدۇ دەپ قارايتتىم. بۇ ئىككى ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش يولىدا، شەرقىي تۈركىستاننىڭ دۇنياغا پەيدا بولغان كۈنىدىن بۈگۈنكى كۈنگىچە بولغان تارىخىنى ئەرەب تىلى بىلەن بايان قىلىدىغان چوڭ ئىككى توملۇق تارىخ يېزىپ ئىسمىنى "تۈركىستان ئەل خالىدە" دەپ ئاتىدىم. بۇنىڭ بىلەن دىنغا ۋە ۋەتەنگە خىزمەت قىلىپ، ئاللاھنى ۋە ئۇممەتنى رازى قىلدىم، دەپ قارىدىم. بۇ كىتابىمنى تۇلۇق نەشىر قىلىشنى ئارزۇ قىلغان بولساممۇ، بۇنىڭغا ۋاقىت يار بەرمىدى. بىر مەزگىل كۈتۈشكە توغرا كەلدى. بۇ مەزگىلدە مىسىردىكى تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ تارىخىنى قىسقىچە، ئەمما توغرا بايان قىلىدىغان بۇ كىتابنى يېزىپ چىقتىم، تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن "تۈركىستان ئەل خالىدە" ناملىق كىتابىمغا مۇراجىئەت قىلىنسۇن، دەپ يازىدۇ. مەزكۇر "تۈركىستان ئاسىينىڭ قەلبى" ناملىق بۇ كىتاب 1 ـ قېتىم 1945 ـ يىلى قاھىرىدە، 2 ـ قېتىم سەئۇدى ئەرەبىستاندا ئولتۇراقلىشىپ قالغان دىنىي ئۆلىما ئابدۇسەتتار مەۋلىۋىينىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1986 ـ يىلى پاكىستاندا چىڭگىزخان داموللامنىڭ "سەۋتۇل ۋىجدان" ناملىق شېئىرلار توپلىمى بىلەن قوشۇپ قايتا نەشىر قىلىنىدۇ.

ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخان داموللامنىڭ يۇقىرىدىكى ئەسەرلەردىن باشقا ئەرەپچە شېئىر ۋە ئۇيغۇرچە گرامماتىكا كىتاپلىرىنىمۇ يازغانلىقىنى ئېيىتقان جېلىل تۇران ئەپەندى مۇنداق دېدى :

- چىڭگىزخان داموللامنىڭ مىسىردا ئوقۇغۇچى ۋە ئوقۇتقۇچى بولۇش جەريانىدا ۋەتەننى كۆيلەپ يازغان ئەرەبچە شېئىرلىرى "سەۋتۇل ۋىجدان" دېگەن نامدا 1 ـ قېتىم 1944 ـ يىلى قاھىرىدە، 1984 ـ يىلى 2 ـ قېتىم پاكىستاندا قاھىرە نۇسخىسى فاكسېمىل قىلىنپ 500 نۇسخا نەشىر قىلىنىدۇ. چىڭگىزخان داموللامنىڭ مىسىردا ئۇيغۇرچە يازغان "ئۇيغۇر سەرپى" (ئۇيغۇر تىلىنىڭ مورفولوگىيىسى) ناملىق ئۇيغۇر تىلى گرامماتىكىسىغا بىغىشلاپ يازغان كىتابى 1939 ـ يىلى قاھىرىدە ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنىدۇ.

چىڭگىزخان داموللام بىر تۇغقانلىرى مۇتىئۇللاھ مەخسۇم ۋە ئاي مەخسۇملارنىڭ قايتىپ كېلىش ھەققىدە ئارقا ـ ئارقىدىن يازغان تەكلىپ خېتىنىڭ تۈرتكىسى بىلەن 1945 ـ يلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەن.

ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىنكى پائالىيەتلەر

ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندى، ئابدۇلئەزىز چىڭگىزخاننىڭ ئۈرۈمچىگە قايتقاندىن كېيىنكى ھاياتى ئۈستىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى:

- بۇ زات ئۈرۈمچىگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆلكىلىك مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسىنىڭ رەئىسى بولىدۇ ۋە مۇھەممەد ئەمىن بۇغرا، ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن بىر سەپتە تۇرۇپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئازاتلىقى ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ۋە ئەينى زاماندىكى مىللەتچىلەرنىڭ نەشرى ئەپكارى بولغان "ئەرك" گېزىتى قاتارلىق گېزىتلەردە ماقالە يازغان ھەمدە ئۈرۈمچى دارىلمۇئەللىمىندە ئىسلام تارىخى ۋە دىن دەرسى بەرگەن.

1946 ـ يىلى باھاردا پۈتۈن ۋىلايەتلەردىكى مەدەنىي ئاقارتىش ئويۇشمىسىنىڭ خىزمىتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن بىر ھەيئەت بولۇپ، خوتەن، يەكەن، قەشقەر، ئاقسۇ، كۇچار قاتارلىق شەرقىي تۈركىستاننىڭ ھەر قايسى ۋىلايەتلىرىنى 63 كۈندە ئايلىنىپ چىقىدۇ. 1949- يىلى 9 - ئايدا مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئەپەندىلەر بىلەن چەتئەلگە قاراپ يولغا چىقىپ، بۇلاردىن بىر قىسمى چېگرىدىن ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، چڭگىزخان داموللام قاتارلىق كىشىلەر ئۆتەلمەي كوكارتتىن قايتىپ كەلگەن. چىڭگىزخان داموللامنى ۋەتەندە تۇرۇپ كۈرەش قىلىشنى ئەۋزەل كۆرۈپ قايتىپ كەتكەن دېگەن قاراشمۇ بار.

چىڭگىزخان داموللام 1950 - يىلى قولغا ئېلىنىپ، 1952 - يىلى 2 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى كەسپداشلىرىدىن قۇربان قوداي قاتارلىق بىر بۆلەك زىيالىلار بىلەن بىر قاتاردا پۈتۈن ئۇيغۇر خەلقىگە زور ۋە ئۇنتۇلغۇسىز بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەن قىزىل خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتى تەرىپىدىن ئۇيغۇر بولغانلىقى ۋە جۇڭگو كوممۇنىست ھاكىمىيىتىگە مۇستەملىكە بولۇپ قالغانلىق جىنايىتى ئۈچۈن ئۈرۈمچىدە ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن.

ئۇيغۇرلۇق بۇرچى

چىڭگىزخان داموللام بىر ئۇيغۇر ئەۋلادى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەرەب تىلىنى مىسىرلىق ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر سەييىد قۇتۇبتەك بىلگەننىڭ سىرتىدا، ئانا تىلى ― ئۇيغۇر تىلىغا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. بۇ ھەقتە ئۈچ پارچە كىتاب يازغان بولۇپ، بۇنىڭدىن "ئۇيغۇر سەرپى" ناملىق كىتابىلا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، باشقا كىتابلىرى نەشىر قىلىنىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن. چىڭگىزخان داموللام "ئۇيغۇر سەرپى" ناملىق كىتابىنىڭ مۇقەددىمىسىدە مۇنداق دەپ جاكارلايدۇ:

"ھەرقانداق بىر مىللەتنىڭ دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇنىڭ مىللى مەدەنىيىتى ۋە ئانا تىلى مەۋجۇت بولۇشى لازىم. بىز ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئەبەدى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىمىز، دەيدىكەنمىز، ئۆزتىلىمىزنى پىششىق بىلىشىمىز ۋە يات تىللارنىڭ ئارىلىشىپ قېلىشىدىن ساقلىشىمىز لازىم." چىڭگىزخان داموللام پەقەت تىلغىلا ئەمەس، ئۆز ئەجدادىنىڭ تارىخىغىمۇ ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ۋە ئۇنى پىششىق ئۆگىنىشنىڭ لازىملىقىنى تەكىتلەيدۇ. بۇ ھەقتە "تۈركىستان ئاسىيانىڭ قەلبى" ناملىق كىتابىنى يېزىش ئارقىلىق ئۇيغۇر تارىخىنى ئەرەب خەلقىگە تونۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، مەزكۇر كىتاب ئەرەب خەلقى ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ بىرىنچى قول پايدىلىنىش مەنبىئى بولۇپ كەلمەكتە. چىڭگىزخان داموللام دىنغا، تارىخقا ۋە ئۇيغۇر تىلىغا ئەھمىيەت بەرگەننىڭ سىرتىدا ئەدەبىياتقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرەتتى. ئەدەبىيات ئارقىلىق كىشىلەردە مىللەتچىلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ۋىجدان تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ، دەپ قارايتتى.

چىڭگىزخان داموللام ئەرەب تىلىدا تۈرك ئەدەبىيات تارىخىنى (ئۇيغۇر ئەدەبىيات تارىخى) يېزىپ چىققاننىڭ سىرتىدا، ئۇيغۇر ۋە ئەرەب تىلىدا ۋەتەننى كۈيلەپ نۇرغۇنلىغان شېئىر، قەسىدە ۋە رۇبائىيلەرنى يازىدۇ. بۇنىڭدىن پەقەت "سەۋتۇل ۋىجدان" ناملىق قەسىدە ۋە رۇبائىيلىرىلا نەشىر قىلىنغان بولۇپ، قالغانلىرى ئىز ـ دېرەكسىز يوقاپ كېتىدۇ.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت