سەئۇدى ئەرەبىستانىدا تونۇلغان ئىمام ئابدۇرەقىپ قارى ھاجىم

0:00 / 0:00

ئابدۇرەقىپ قارى ھاجىم شايارلىق ئابدۇزاھىر داموللامنىڭ ئوغلى بولۇپ، دادىسى بىلەن 1936- يىلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا كېلىپ يەرلىشىپ قالغان ئىكەن. ئابدۇرەقىپ ھاجىم ۋەتەندىن كىچىك چىقىپ، مەككىدە ئوقۇپ يېتىلگەنلىكى ۋە قۇرئان كارىمنى تولۇق يادقا ئالغانلىقى ئۈچۈن ئەرەب تىلى ئۇنىڭ ئۆز ئانا تىلىغا ئوخشاش بولۇپ كەتكەن بولۇپ،ئۇ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ مەسفەلە مەھەللىسىدىكى كونكارىيە مەسچىتىدە ھاياتىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر ئىمام ۋە خەتىپ بولۇپ ئۆتكەن.

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى بىلەن سۆھبەت

سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى ئابدۇرەقىپ قارى ھاجىم ھەققىدە مۇنداق دېدى:"ئابدۇرەقىپ قارى ھاجىمنىڭ تولۇق ئىسمى ئابدۇرەقىپ ئابدۇزاھىر سوپى دەيمىز. ئاتىسى شايارنىڭ مەشھۇر ئۆلىمالىرىدىن ئىكەن. بۇلار دادا - بالا ئىككىسى سەئۇدى ئەرەبىستانغا 1936- يىللىرى كەلگەن ئىكەن. يۇرتتىن كىچىك چىققانلىقتىن، بۇ يەردە ئەرەب تىلىنى ياخشى ئوقۇپ يېتىلگەن، ئۈستۈن مەلۇماتلىق كىشى ئىكەن. ئابدۇرەقىپ قارى ھاجىم كىچىك پېئىل، ئەخلاقلىق ۋە تەقۋادار كىشى ئىدى. مەسچىتنىڭ ئارقىسىدىكى كىچىككىنە ئىشخانىسىدا ئانا ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلار بىلەن مۇڭدىشىپ ئولتۇراتتى. ئۇلارنىڭ دەرتلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئېھتىياجى بار كىشىلەرگە ماددىي ۋە مەنىۋى ھەر تەرەپتىن ياردەم قولىنى سۇناتتى. مەككىنىڭ مەشھۇر مەسجىدلىرىدىن بولغان بىر مەسچىتتە بىر ئۇيغۇر ئىمامنىڭ ئارقىسىدا تۇرۇپ ناماز ئوقۇش ۋەتەندىن كەلگەن ھاجىلىرىمىز ئۈچۈن بىر پەخىر ئىدى. ئابدۇرەقىپ ھاجىم رامىزان ئايلىرىدا شۇ مەسچىتتە خەتمە ئۆتەتتى."

ئابدۇرەقىپ قارى ھاجىمنىڭ پائالىيەتلىرى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندى يەنە مۇنداق دىدى:"ئابدۇرەقىپ ھاجىم ئىمام ۋە خاتىبلىق قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا مەككە شەھەرلىك ئىدارىسىدا بىر بۆلۈمنىڭ باشلىقى بولۇپ ئىشلىگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا 'دۇنيا ئىسلام ئىتتىپاقى (رابىتۇل ئىسلام)' دا بىر قانچە يىل ئوتتۇرا ئاسىيا مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىزمىتىنى قىلدى. مۇندىن باشقا نىكاھ ئىشلىرىنى بېجىرەتتى. ئابدۇرەقىپ ھاجىم 1993- يىلى ئالمۇتۇغا بېرىپ رامىزان ئېيىدا، ئالمۇتىنىڭ مەركىزى مەسچىتىدە مۇسۇلمانلارغا تەراۋىھ نامىزى ئوقۇپ بەرگەن ئىكەن. ھە ر يىلى ھەرەمگە كەلگەن ئۇيغۇرلار رامىزان ئېيىدىن تا ھەج ۋاقتىغىچە 4 ئاي بۇ كىشىدىن پايدىلىناتتى. پاسپورتى يۈتۈپ كەتكەنلەرگە پاسپورت ئېلىش ئۈچۈن ماڭاتتى، پۇلى يىتىپ كەتكەنلەرگە پۇل ھەل قىلىپ بېرەتتى. ئايروپىلان بېلىتى يىتىپ كەتكەنلەرگە بېلەت ئېلىپ بېرەتتى. دىنى مەلۇماتى يوقلارغا مەلۇمات بېرەتتى. بۇ ئادەم سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئۇيغۇرلار ئىچىدە دىنىمىزغا، ۋەتىنىمىزگە كۆپ خىزمەت قىلغان كىشى ئىدى. ئابدۇرەقىپ ھاجىمنىڭ جۈمە نامازلىرىدا ئوقۇغان خۇتبىلىرى توپلىنىپ سەئۇدى ئەرەبىستانىدا ئۇيغۇر تىلىدا نەشىر قىلىنغان."

ئابدۇرەقىپ قارى ھاجىمنىڭ ۋاپاتى

ئەھمەد مۆمىن ئەپەندىنىڭ ئېيتىشىچە، مەرھۇم 1998- يىلى ئاۋغۇست ئايلىرىدا كېسەل سەۋەبى بىلەن مەككە مۇكەررەمە شەھىرىنىڭ شەرقى جەنۇپ تەرىپىدىكى ھەرەمگە 6 كىلومېتىر كېلىدىغان ھىجرەت مەھەللىسىدىكى يېڭى ئۆيىدە ۋاپات بولغان ئىكەن. ئابدۇرەقىپ قارى ھاجىم 6 قىز، 3 ئوغۇل، 9 پەرزەنتنىڭ ئاتىسى ئىكەن. (ئۆمەرجان)