
مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمىدى ئۆزىنىڭ "ئەخمەت ئەپەندى" ناملىق رومانىنىڭ 1-كىتابىنىڭ ئاخىرقى بابلىرىدا يەنە 1944-يىلى 12-نويابىر كۈنى غۇلجىدىكى قوزغىلاڭ نەتىجىسىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىس قىلىنغانلىقى، ھەممە ئىشلارنىڭ مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە ئېلىپ بېرىلىپ، ئاستا-ئاستا ئۆز تەرتىپىگە چۈشكەنلىكى،ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ گېزىتخانىدا ئىشلەش جەريانىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ئۇنىڭ جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئېلىخان تۆرىگە تەرجىمانلىق قىلغانلىقى شۇنىڭدەك باشقا بىر قاتار ۋەقەلەر ھەققىدە يازىدۇ.
ئەخمەتجان ناھايىتى چىقىشقاق ۋە مەسۇلىيەتچان ئىدى
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ پۈتۈن غۇلجا شەھىرىنىڭ ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ تولۇق ئازاد بولۇشى جەريانىدا ئەخمەتجان قاسىمىمۇ كۆپ پىداكارلىقلانى كۆرسىتىدۇ. زىيا سەمىدى ئەخمەتجاننىڭ بۇ جەرياندىكى ئەھۋالى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئوي-خىياللىرى ھەم پىلانلىرى ھەققىدە مۇنداق تەسۋىرلەيدۇ:
"ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ھۆكۈمەت مۇئاۋىن باش كاتىپىلىق لاۋازىمىگە تەيىنلەڭەنلىكىگە ئىككى ئايچە بولسىمۇ، ئۇ مۇشۇ ئاز ۋاقىت ئىچىدە ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرىنى رەتكە سېلىش، نازارەت- باشقارمىلارنىڭ كەسپىي باشقۇرۇش سالاھىتىنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە مەسۇلىيەتچانلىقىنى سىستېمىلاشتۇرۇش، خۇسۇسەن نەق شارائىت تەلىپى بويىچە ئەڭ ئالدى بىلەن ھەربىي ۋە مالىيە ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشقا، ئۈنۈملۈك ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئالاھىدە دىققەت ئېتىۋارىنى بۆلدى"
ئاپتورنىڭ بايانلىرىغا تايانغاندا، ھۆكۈمەت يىغىنىدا ئۇ دائىم تەكىتلەيدىغان نۇقتا ھەربىي ۋە مالىيە مەسىلىلىرى بولۇپ، ئەخمەتجان قاسىمى جەڭچىلەرنىڭ ئۇرۇشلاردا غالىپ چىقىشىغا كېرەكلىك بولغان شەرت-شارائىتلارنى تەييارلاش ئۈچۈن، مالىيە مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇپ، مالىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى مۇھىم خىزمەت دەپ تەكىتلەيتى. ئۇ، ھەر قېتىملىق يىغىندا مۇھىم تەكلىپ ۋە لاھىيىلەرنى ئوتتۇرىغا قوياتتى. لېكىن ھۆكۈمەت تەركىبى ئىنتايىن مۇرەككەپ، مەپكۇرىۋى ئىشەنچ –ئېتىقات ھەمدە پىكىر قىلىش ئۇسۇلىمۇ خىلمۇ –خىل بولغانلىقتىن ھەممىنى بىردەك قايىل قىلىش، پىكىرگە تەن ئالغۇزۇش بەسىي مۈشكۈل ئىدى. شۇنداق بولسىمۇ، ئەمخەتجان ئاساسىي ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچ سۈپىتىدە ھەممىنىڭ دېگۈدەك ھەتتا ئېلىخان تۆرىنىڭمۇ دىتىدىن چىقالايتى. ئۇنىڭ ئىشچان، بىلىملىكى، مىجەز –خۇلىقى، روھى- كەيپىياتى ۋە خۇسۇسەن پاراسەتلىكلىكى تۈپەيلى ئاز ۋاقىت ئىچىدىلا ئۇ ھۆرمەت ئىشەنچكە ئېرىشتى.
زىيا سەمىدىنىڭ يېزىشىچە، ئېلىخان تۆرە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ھەممە كىشىلەر دېگۈدەك ئەخمەتجانغا قايىل بولۇشۇپ، ئۇنىڭ بۇ يېڭى قۇرۇلغان ھۆكۈمەت ئۈچۈن ناھايىتى كېرەكلىكىنى تونۇپ يېتىدۇ شۇ سەۋەبتىن رەئىس ئېلىخان تۆرە ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ ۋە قەدىرلەيدۇ.
ئەخمەتجان مىللىي ئارمىيە قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تۈزىدۇ
زىيا سەمىدىنىڭ بايان قىلىشىچە؛ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتى مۇنتىزىم مىللىي ئارمىيە قۇرۇشنى قارار قىلغاندىن كېيىن، مەخسۇس بىر ھەي`ئەت تەشكىل قىلىپ، مىللىي ئارمىيە قۇرۇش لايىھىسىنى تۈزۈشكە مەسۇل قىلىدۇ. بىراق، تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، يەنىلا بۇ لايىھە ئەخمەتجان قاسىمىنىڭ ئىشلەپ چىقىشىغا ھاۋالە قىلىنىدۇ.
مىللى ئارمىيە قۇرۇش لايىھىسىنى مۇزاكىرە قىلىش يىغىنىدا بىر مەيدان كەسكىن مۇنازىرىلەر ھەم ھەر خىل تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بەزىلەر بۇ يېڭى قۇرىلىدىغان مۇنتىزىم ئارمىيىنى "شەرقىي تۈركىستان ئوردۇسى"، "ئىسلام قوشۇنى"، " ئازادلىق قوشۇنى" دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويسا، يەنە بەزىلەر ئۇنى مىللىي ئارمىيە دەپ ئاتاش تەكلىپىنى بېرىدۇ. ئەخمەتجان قاسىمى ھۆكۈمەت ئەزالىرىنى قايىل قىلىپ ئۇلارنىڭ پىكىرلىرىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى، تۈركىيە، خىتاي، ئىراق ۋە ئىران قاتارلىق مەملىكەتلەرنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىلىرى ھەققىدە ماتېرىياللارنى كۆرۈپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئاخىرى مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەربىي تۈزۈلمىسى، ھەربىي فورمىسى ۋە باشقا تەرەپلىرى ھەققىدە سىستېمىلىق لايىھە تەييارلاپ مۇزاكىرىگە سۇنىدۇ.. تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن، ئاخىرى بۇ لايىھە ماقۇللىنىدۇ،. رەئىس ئېلىخان تۆرىمۇ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ، جىددىي تەييارلىقلار نەتىجىسىدە 1945-يىلى 8-ئاپرېل كۈنى مىللىي ئارمىيە رەسمى يوسۇندا مەيدانغا كېلىپ، غۇلجا شەھىرىدە ھەربىي پارات ئۆتكۈزۈلىدۇ. (ئۈمىدۋار)