ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مىللىي ئېڭىنىڭ شەكىللىنىشىدە بەلگىلىك ئورۇنغا ئىگە، مەرىپەتلىك زېمىن ئىلى ۋادىسى، ئىش ئىزلىرى تىللاردا داستان بولۇۋاتقان ئىنقىلابچىلارنى، قەھرىمان- پالۋانلارنى، ئېلىم سۆيەر ۋەتەنپەرۋەر، مەرىپەتپەرۋەر زاتلارنى يېتىلدۈرگەن. مۇشۇ دىياردا ياشاپ پۇلدار بولغان ۋە ئۇيغۇر مىللى مائارىپىغا تۆھپە قوشۇش يولىدا كۆپ رىيازەت چەككەن ئابلىمىت خالىس ھاجىم شۇلارنىڭ جۈملىسىدىندۇر.
ئابلىمىت خالىس ھاجىم، ئۆز قېرىنداشلىرىغا خالىس ياردەم قىلىش ئىستىكىگە يېتەلمەي ئاخىرى نۇرغۇن سورۇقچىلىقلارغا ئۇچرىغان ۋە نەتىجىدە خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇشقا مەجبۇر بولغان.
خالىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇش مەخسىدى
ئابلىمىت خالىس ھاجىم 1994- يىلى "ئىلى مىللىي مائارىپ خالىس فوندى جەمئىيىتى" نى قۇرۇپ چىققان بولۇپ، مەلۇم بولۇشىچە، خالىس ھاجىم تەشكىللىگەن بۇ فوندى جەمئىيىتى يېقىنقى زامان ئۇيغۇر تارىخىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۇنجى قۇرۇلغان مىللىي مائارىپ فوندى جەمئىيىتى بولۇپ، ھەتتا ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئالىي مەكتەپكە ئەلا نەتىجە بىلەن ئۆتكەن ياكى ئالىي مەكتەپكە قوبۇل قىلىنىپ، ئىقتىسادى ئەھۋالى يار بەرمەي ئوقۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىش ئېھتىماللىقى بولغان نامرات ئوقۇغۇچىلارغا ھۆكۈمەتتىن بىرنەچچە يىل ئىلگىرىلا ئىقتىسادى ياردەم بېرىش ۋە ئۆسۈمسىز پۇل قەرز بېرىشنى باشلىغان مىللىي مائارىپ فوندى جەمئىيىتى ئىدى.
ئەسلى بۇ جەمئىيەت غۇلجا شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقلىشى بىلەن قانۇنلۇق ھالدا قۇرۇلغان بولسىمۇ، لېكىن 2005 - يىلىغا كەلگەندە تاقالغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇرلار مەرىپەت يولىدا تاشلانغان يەنە بىر خاسىيەتلىك قەدىمىنى توختىتىۋىلىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.
خالىس فوندى جەمئىيىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن توختىتىلىشى
ھازىر ئۈرۈمچىدە ياشاۋاتقان، لېكىن ئۆز نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خانىم، مەزكۇر فوندى جەمئىيەتنىڭ قۇرۇلۇش مەقسىتى ۋە ياردەم پۇلى تارقىتىش تەدبىرلىرى ھەمدە كېيىنكى ئەھۋالى ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.
ئۇ خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر فوندى جەمئىيىتى يولغا قويغان ئوقۇش مۇكاپات ۋە ياردەم پۇلىنى خىتاي ئوقۇغۇچىلارغىچە كېڭەيتىش شەرتىنى قويغان. ئەمما، ئابلىمىت خالىس ھاجىم خىتاينىڭ بۇ شەرتىنى رەت قىلغان شۇنىڭ نەتىجىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ فوندى جەمئىيىتىنىڭ مەبلەغلىرىنى توڭلىتىپ قويغان.
شۇندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۆمەت ئورگانلىرى ئابلىمىت ھاجىمغا سىياسىي جەھەتتە سەزگۈر مۇئامىلىدە بولغان ۋە بۇ فوندى جەمئىيەتنى تاقاشتىن ئىلگىرى جەمئىيەتنىڭ بانكا ھېساباتىنى پۈتۈنلەي توڭلاتقان.
ئابلىمىت خالىس ھاجىمنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى
مەلۇم بولۇشىچە، ئابلىمىت ھاجىم ئەسلى غۇلجىدا ئۇششاق تىجارەت بىلەن پۇل تېپىپ كېيىن يەر-مۈلۈك سودىسىدا كۆتۈرۈلگەن ئىكەن.
ھازىر چەتئەلدە ياشاۋاتقان، بۇ فوندى جەمئىيەت بىلەن يېقىندىن ئالاقىدار بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى بۇ فوندى جەمئىيەتنى پۈتۈنلەي تاقىۋىتىش جەريانىدا دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ مەخپىي ساقچىلىرى خالىس ھاجىم بىلەن بىر نەچچە رەت كۆرۈشكەن ۋە ئۇ ياردەم قىلغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بەزى سىياسىي ئىشلارغا چېتىلىپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ فوندى جەمئىيەتكە سىياسىي جەھەتتە گۇناھ ئارتماقچى بولغان ئىكەن.
ئابلىمىت ھاجىم 1956- يىلى ئاتۇش دىيارىدا تۇغۇلغان. ئۇ بالىلىق دەۋرلىرىدىن باشلاپ غۇلجىدا ياشاپ كەلگەن. نام شەرىپىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئابلىمىت ھاجىمنىڭ يېقىن بىر تونۇشىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۇزۇنغا سوزۇلغان سىياسىي بېسىم ئابلىمىت ھاجىمغا ئېغىر روھىي زەربە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ، ھازىر ئۇنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالى دېگەندەك ياخىشى ئەمەس ئىكەن.
بۇ ئۇيغۇر زىيالىينىڭ ئېيتىشىچە يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئابلىمىت ھاجىمغا ھەر خىل بېسىملارنى ئىشلىتىپ ئۇنىڭ بۇرۇن تۈزگەن ئىقتىسادى توختاملىرىنى ئادالەتسىز ھالدا بىكار قىلغان. نەتىجىدە، ئابلىمىت ھاجىم خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە تۇرۇشلۇق ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنۇپ ئاقتۇرالمىغاندىن كېيىن، ھازىر خىتاينىڭ مەركىزى ھۆكۈمىتىگە ئەرز سۇنغان ئىكەن.
ئەمما، سۇنغان ئەرزىنىڭ نەتىجىسىنىڭ قانداق بولغانلىقى ھەققىدە ئابلىمىت ھاجىم بىلەن كۆرۈشۈشكە كۆپ ئۇرۇنغان بولساقمۇ، مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى ئۇ زات بىلەن كۆرۈشۈشكە نائىل بولالمىدۇق. (جۈمە)