دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى مۇسۇلمانلار پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلىمەكتە. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇنياغا كېلىشى ھەقىقەتەن بىر يورۇق دۇنيانىڭ تۇغۇلۇشى ئىدى. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مىلادىيىنىڭ 571 - يىلى 20 - ئاپرىل، فىل يىلى رەبىيەلئەۋۋەل ئاينىڭ 12 - كۈنى دۈشەنبە كۈنلۈكتە، ھازىرقى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە شەھىرىدىكى قۇرەيش قەبىلىسىنىڭ ئەڭ مۆتىۋەر ئائىلىسى بولغان بەنى ھاشىم ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام توغۇلغان كۈن بۇيىل مارتنىڭ 20 - كۈنىگە توغرا كەلگەن.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مەككە مۇكەررەمە شەھىرىدە تۇرۇشلۇق ئابدۇلېتىپ ھاجىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى خاتىرىسى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆھبىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئىدى.
ئابدۇلېتىپ ھاجىم بىلەن سۆھبەت
ئابدۇلېتىپ ھاجىم مەۋلۇت پائالىيىتى توغرۇلۇق مۇنداق دېدى:" مۇسۇلمانلار ھەر يىلى بۇ ھەپتىنى ئىنسانلارغا ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن رەھمەت ۋە شەپقەت بولۇپ كەلگەن ئىسلام پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ توغۇلغان كۈنىنى خاتىرىلەش ھەپتىسى دەپ قەدىرلەپ كەلمەكتە.
ۋەتىنىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا مەملىكەتلىرىدە بولسا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دۇنياغا كەلگەن رەبىئۇل ئەۋۋەل ئېيىنى "مەۋلۇت ئېيى"دەپ ئاتىشىدۇ ۋە بۇ ئايدا ئۆيلەردە جامائەت بولۇپ نۆۋەت بىلەن مەۋلۇت ئوقۇش پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان سۆيگۈ، مۇھەببەت ۋە ئىخلاسىنى ئىزھار قىلىدىغان پائالىيەتلەردۇر. ئەمما ئەڭ توغرىسى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ھەمىشە ياد ئېتىپ، ئۇنىڭ گۈزەل ئەخلاقىنى ۋە ئېسىل پەزىلەتلىرىنى ھەر بىر مۇسۇلمان ئۆزىگە ئۈلگە قىلغان ھالدا، ئۇنىڭ يولىغا ئىزچىل ئەگىشىش، ئۇنىڭ بۇيرىغانلىرىنى ئورۇنلاپ، توسقانلىرىنى تەرك ئېتىش، شۇنداقلا ھەركىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بولغان ھۆرمىتىنى، سۆيگۈسىنى ۋە ئىخلاسىنى ئەمەلىي ھەرىكىتى بىلەن كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر."
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش
ئابدۇلېتىپ ھاجىم مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى:" مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ يەر يۈزىدىكى ئەلچىسى، پەيغەمبەرلەرنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى، ئىنسانلارغا ئاللاھ تەرىپىدىن ئىسلام دىنىنى ئېلىپ كېلىش بىلەن، ساماۋىي دىنلارنى تولۇقلىغان ۋە بۇ دىنلارنىڭ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان ئەڭ شەرەپلىك پەيغەمبەردۇر. ئىلگىرى ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن كەلگەن ھەر بىر پەيغەمبەر بىر مەخسۇس مىللەت ئارىسىغا ئەۋەتىلگەن بولسا، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام پۈتۈن ئىنسانىيەتكە قارىتىلغان ئومۇميۈزلۈك بۇرچىنى زىممىسىگە ئالغان ھالدا پۈتۈن ئالەمگە پەيغەمبەر بولۇپ ئەۋەتىلگەن. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا مەخسۇس قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: "سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى ۋە (كۇپپارلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، ۋە لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ." (سەبەء سۈرىسى 28- ئايەت)
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مۇشۇنداق ئالاھىدە پەيغەمبەر بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ پەۋقۇلئاددە رولى ئارقىسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ھۆرمەت قىلىشى بارلىق پەيغەمبەرلەرگە ھۆرمەت قىلغانلىق بىلەن باراۋەر بولىدۇ دەيدىغان ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ ماختىشىغا سازاۋەر بولغان. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا" سەن ھەقىقەتەن بۈيۈك ئەخلاققا ئىگىسەن" دەپ ماختىغان.
بالىلىق چاغلىرى
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئانىسىنىڭ قورسىقىدىكى ۋاقتىدا ئۇ تۇغۇلۇشتىن 2 ئاي قالغاندا ئاتىسى ۋاپات بولىدۇ. مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام 6 ياش ۋاقتىدا ئانىسىدىنمۇ ئايرىلىپ يېتىم قالىدۇ. شۇندىن باشلاپ بوۋىسى ئابدۇلمۇتتەلىبنىڭ تەربىيىسىدە قالىدۇ. بوۋىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 8 ياشلار ئەتراپىدىكى ۋاقتىدا تاغىسى ئەبۇ تالىبنىڭ ھېمايىسىگە تاپشۇرۇلىدۇ.
مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىنى ئاۋۋال قوي بېقىش، كېيىنچە تاغىسى بىلەن ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى يېقىن جايلارغا، ئاندىن شامغا بېرىپ سودىگەرلىك قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇ كىچىكىدىنلا ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى ۋە ئالىيجاناپ پەزىلىتى بىلەن خەلق ئارىسىدا ئالاھىدە تونۇلغان، ھەتتا كىشىلەر تەرىپىدىن "ئىشەنچلىك مۇھەممەد"، "راستچىل مۇھەممەد" دېگەنگە ئوخشاش ئېسىل ئۈنۋانلارغا ئېرىشكەن، 25 يېشىدا ئۆيلەنگەن.
پەيغەمبەر بولىشى
پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام قىرىق ياشقا يەتكەن چېغىدا مەككىدىكى ھىرا غارىدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلىپ ئولتۇرغىنىدا ئاللاھ جەبرائىل ئىسىملىك پەرىشتىنى ئەۋەتىش ئارقىلىق، ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تاپشۇرغان. پەيغەمبىرىمىز ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا دەسلەپكى ۋەھىينىڭ باشلىنىشىدا ئۇ قاتتىق قورقۇپ كېتىدۇ ۋە ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ، ئايالى خەدىچە رەزىيەللاھۇ ئەنھاغا "مەن قورقۇپ كەتتىم، مېنى يۆگەپ قويۇڭ" دېگەندە ئايالى ئۇنىڭغا: "سىز ياخشى ئادەمسىز ـ ئاجىزلارغا ياردەم قىلىسىز، يېتىملەرنىڭ بېشىنى سىلايسىز. ئاللاھ سىزنى ھەرگىز خورلىمايدۇ" دېگەن مەشھۇر سۆزىنى ئېيتىش ئارقىلىق ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا تەسەللى بېرىدۇ ۋە ئۇنىڭ دىنىنى قوبۇل قىلغان تۇنجى شەخس بولغانلىق سۈپىتى بىلەن تارىخقا قەيت قىلىنىدۇ."
ئائىلىسى ۋە ۋاپاتى
ئابدۇلېتىپ ھاجىمنىڭ ئېيتىشىچە: مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ 4 قىز، 3 ئوغۇل، جەمى 7 پەرزەنتى بولۇپ، قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن باشقا پەرزەنتلىرىنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ ھايات ۋاقتىدىلا ۋاپات بولۇشقان ئىدى. قىزى فاتىمە رەزىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ۋاپاتىدىن 6 ئاي كېيىن ۋاپات بولغان.
ھەزرىتى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى تولۇق ئادا قىلغاندىن كېيىن، مىلادىنىڭ 632 - يىلى، ھىجرىيەنىڭ 11 - يىلى رەبىيەلئەۋۋەل ئاينىڭ 12 - كۈنى دۈشەنبە كۈنلۈكتە 63 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. (ئۆمەرجان)