قۇربان قوداي ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ھاياتى

0:00 / 0:00

بۇ يىل، ھازىرقى زامان تارىخىدىكى ئاتاغلىق ژورنالىست، يازغۇچى ۋە مائارىپچى قۇربان قوداي ۋاپاتىنىڭ 54 – يىلىدۇر.

قۇربان قوداي ئەپەندى 1920-يىلى ھوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدە دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، بالىلىق چېغىدا ئوقۇش ئۈچۈن تۈركىيىگە كەلگەن ۋە ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، 1946-يىلى ئۈرۈمچىگە قايتىپ، "شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى" دا تارىخ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە "يالقۇن" ۋە "ئۇچقۇن" گېزىتلىرىنى چىقارغان. 1951-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن "پانتۈركىزىزم" بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئۆلتۈرۈلگەن.

قۇربان قوداي ئەپەندىنىڭ ھاياتى ھەققىدە تېخىمۇ كۆپ مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن، مەرھۇمنىڭ ئوغلى ئاتىللا قوداي ئەپەندى ۋە ئوقۇغۇچىسى شىكىر تۇران ئەپەندىنى زىيارەت قىلدۇق.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، تۈركىيىدىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىمدىن ئاڭلاڭ.