"ئەرەپ دۇنياسىدا چاقنىغان ئۇيغۇر يۇلتۇزى" ئابدۇقادىر تاشنىڭ ھاياتى

0:00 / 0:00

سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان ئاتاقلىق ژۇرنالىست، مۇتەپەككۇر يازغۇچى، ئۇيغۇر پەرزەنتى ئابدۇقادىر تاشنىڭ ۋاپاتىغا بىر يىل بولدى.

مەرھۇم ئابدۇقادىر تاشنىڭ ۋاپاتىنىڭ بىر يىل بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيىنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە ئۇيغۇرچە نەشر قىلىنىدىغان "مەرىپەت" ژۇرنىلىنىڭ 2005-يىللىق 2- سانىدا جېلىل تۇران ئەپەندىنىڭ ئاپتورلىقىدا "ئەرەپ دۇنياسىدا چاقنىغان ئۇيغۇر يۇلتۇزى" ناملىق ماقالە ئېلان قىلىنغان.

مەرھۇم ئابدۇقادىر تاشنىڭ ھاياتى پائالىيىتى ھەققىدە مەلۇماتلارغا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم مەزكۇر ماقالىنىڭ ئاپتورى جېلىل تۇران ۋە ئەرەپ ۋە ئۇيغۇرلارغا تونۇش بولغان شائىر ئەخمەتجان ئوسماننى زىيارەت قىلدى.