سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى رازۋېتچىك تۇردى ئەلى مەخسۇت


2006.12.29

سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە رازۋېتكا خىزمىتى بىلەن سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىدا نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارمۇ ئىشلىگەن بولۇپ، 1940 – يىلى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ناھىيىسىدە تۇغۇلغان تۇردى ئەلى مەخسۇت ئۇلارنىڭ بىرىدۇر. تۇردى ئەلى مەخسۇت 27 يىل سوۋېت بىخەتەرلىك ئىدارىسىغا خىزمەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ 19 يىلىنى سوۋېت رازۋېتكا ئىدارىسىنىڭ تاشقى رازۋېتكا بۆلۈمىدە ئۆتكۈزگەن. ئۇ ئافغانىستان قاتارلىق دۆلەتلەردە سوۋېت رازۋېتكا ئىدارىسى ئۈچۈن نۇرغۇن خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارغان، ھەمدە كۆرسەتكەن خىزمەتلىرى ئۈچۈن كۆپ قېتىم تەقدىرلەنگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.