زىيا سەمىدى ۋە ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستان ئىنقىلابىغا ئائىت ئەسەرلىرى
2004.12.14
مەنچىڭ خاندانلىقى ئۇيغۇر ئېلىنى بېسىۋالغاندىن ئېتىبارەن باشلانغان ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق كۈرەشلىرى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىككە ، ئازادلىققا بولغان ئىنتىلىشلىرى ۋە بۇ يولدا بەرگەن سانسىزلىغان قۇربانلىرىنى يورۇتۇپ، ئۇنى يېڭى ئەۋلاتلارغا بىلدۈرۈش ھەم تارىخىي تەجرىبە-ساۋاقلارنى يەكۈنلەپ، داۋاملىشىۋاتقان كۈرەشلەردە پايدىلىنىشقا تاپشۇرۇش زىيا سەمەدى، ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر ۋە باشقا نەچچە ئونلىغان ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا قويغان مۇقەددەس ۋەزىپىسى بولسا كېرەك!
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈرنىڭ "ئويغان زېمىن"، زوردۇن سابىرنىڭ "ئانا يۇرت" قاتارلىق 20-ئەسىر ئۇيغۇر تارىخىي پروزىچىلىقىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى ياراتقان ئەسەرلەر قاتارىدا ئاتاقلىق جامائەت ئەربابى ۋە يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ " مايىمخان"، "يىللار سىرى" ، "غېنى باتۇر" ۋە "ئەخمەت ئەپەندى" قاتارلىق يىرىك ئەسەرلىرىنىڭمۇ بىباھا گۆھەر سۈپىتىدە جۇلالىنىپ تۇرىدىغانلىقى ئۇيغۇر ئوقۇرمەنلىرى تەرىپىدىن ئاللىقاچان مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ بولۇنغان.
زىيا سەمىدى 30-يىللاردا دراما ئەسەرلىرىنى يېزىپ، سەھنىلەشتۈرگەن بولسا، 50-يىللاردا يەنە "غېرىب-سەنەم" دراممىسىنى ۋە 1944-1949-يىلىغىچە بولغان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاب ھەققىدىكى كىنو پوۋېستى "ئىلى دەرياسى بويىدا" نى يېزىپ، ئۇيغۇر كىنو سىنارىيىچىلىكىنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزغان ئىدى.
ئەلۋەتتە، زىيا سەمىدى بىلەن بىلەن ئابدۇرېيىم ئۆتكۈر ۋە زوردۇن سابىرلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ھايات ھەم ئىجادىيەت مۇساپىلىرىدە ئۇلارنىڭ مىللەتداشلىق تەقدىرىدىكى ئورتاقلىقلاردىن باشقا يەنە روشەن پەرقلەر مەۋجۇت.
زىيا سەمىدى 30-40-يىللار ئۇيغۇر تارىخىي ۋەقەلىرىنىڭ بىۋاستە شاھىدلىرىدىن بولۇش بىلەن بىرگە يەنە 40-50-يىللار ئۇيغۇر سىياسىي سەھنىسىدە مەلۇم ئورۇن تۇتقان شەخس. ئۇ زامانىۋى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا باشقىلارغا قارىغاندا بۇرۇنراق ئۆز ئىجادىيىتىنى ئۇيغۇر مىللىي ئازادلىق كۈرەش تارىخىغا بېغىشلاپ، بۇ ساھەدە تۇنجى رومانلارنى مەيدانغا كەلتۈرگەن يازغۇچى .
ئۇيغۇرلارنىڭ 20-ئەسىردە ئۆتكەن ئاتاقلىق جامائەت ۋە مەدەنىيەت ئەربابى، يازغۇچى زىيا سەمىدى 87 يېشىدا ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان. ئۇنىڭ تارىخىي رومانلىرى، تارىخىي دراممىلىرى ۋە باشقا ئەسەرلىرى ئۇيغۇر، قازاق، رۇس، قىرغىز، خىتاي،ئۆزبېك ۋە باشقا تىللاردا ئېلان قىلىنغان.
زىيا سەمىدى قازاقىستان خەلق يازغۇچىسى دېگەن ئالى نامغا سازاۋەر بولۇپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ئورنى يۇقىرى دەرىجىدە مۇئەييەنلەشتۈرۈپلا قالماستىن بەلكى، كۆپ مىللەتلىك قازاقىستاننىڭ ئاتاقلىق ئەدىبلىرى قاتارىغا تىزىلغان.
زىيا سەمىدىنىڭ ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق قىسىمىنى تارىخىي رومانچىلىققا بېغىشلىشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ قىسقىچە ھايات مۇساپىسى ھەققىدە بايان قىلىش مۇھىم بولسا كېرەك. بۇ مەسىلىلەردە مەن مەرھۇم يازغۇچى زىيا سەمىدىنىڭ ئوغلى، قازاقىستان دۆلەتلىك رادىئو –تېلېۋىزىيە كومىتېتى قارمىغىدىكى ئۇيغۇرچە رادىئو پروگراممىلىرىنى ئاڭلىتىش بۆلۈمىنىڭ سابىق باشلىقى، جۇرنالىست رىزا سەمىدى ئەپەندى بىلەن سۆھبەتلەشتىم.(ئۈمىدۋار)
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىگە ئائىت مەلۇماتلار
- زىيا سەمىدى –يىللار سىرى (1)
- زىيا سەمىدى -يىللار سىرى (2)
- شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىگەن ئارمىيە
- قەھرىمان مىللىي ئارمىيە خاتىرىلىرى
- ھەرەمباغ سېپىلىنى پارتىلاتقان باتۇر بىلەن سۆھبەت
- خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشتىكى شەرت ھەم سەۋەبلىرى
- مەسۈمجان زۇلپىقاروپنىڭ مىللىي ئىنقىلاب ھەققىدىكى بايانلىرى
- شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئوفىتسېرى سۇلايمان ئىسمايىلوفنى زىيارەت
- مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ پارتلىشى