سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى باش كاتىپى ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقى خاتىرىلەندى


2006.07.31

ئالمۇتىدا سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيتى ھۆكۈمىتىنىڭ باش كاتىپى بولغان ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 2005 – يىلى 3 - ئاۋغۇست كۈنى 91 يېشىدا قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدە ۋاپات بولغان ئىدى.

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1914-يىلى غۇلجا شەھىرىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ياش ۋاقىتلىرىدا بوغالتىرلىق كەسپى بىلەن شۇغۇللانغان.1944-يىلى، ئازادلىق تەشكىلاتى قۇرۇلغاندا ئۇنىڭ ئەزاسى بولغان ھەمدە غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتنىشىپ، 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى تەسىس قىلىنغاندا ھۆكۈمەت ئەزاسى ۋە باش كاتىپ بولۇپ سايلانغان.

ئابدۇرەئۇپ مەخسۇم ئىبراھىمى 1944-1949-يىلىغىچە داۋاملاشقان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ كۆزگە كۆرۈڭەن رەھبىرى ئەربابلىرىنىڭ بىرى ئىدى. ئۇ، 20-ئەسىرنىڭ 60-يىللىرىدا قازاقىستانغا كۆچۈپ چىقىپ، ئالمۇتا شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ قالغان.

بۇ ھەقتىكى تەپسىلى مەلۇماتلارنى، قازاقىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇللادىن ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.