شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىگەن ئارمىيە


2004.12.08

بىر دۆلەت ئۈچۈن ئۆز ئارمىيىسىنى قوراللاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭ بارلىق ھەربىي تەمىناتلىرىنى يېتەرلىك دەرىجىدە ھەل قىلىشتەك مۇھىم ۋە مۈشكۈل ۋەزىپە بولمىسا كېرەك؟!

بولۇپمۇ، تېچلىق شارائىتى ئاستىدا ئارمىيىنى بېقىش بىلەن ئۇرۇش شارائىتىدا ئارمىيىنى بېقىش ۋە ئۇنىڭ جەڭلەردە غالىپ چىقىشىغا كاپالەتلىك قىلىش پۈتۈنلەي ئىككى خىل ئىش. دېمەك، 1944-يىلى 12-نويابىردا قۇرۇلغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى خەلققە توغرا يېتەكچىلىك قىلىپلا قالماستىن، بەلكى ھەربىي، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي باشقۇرۇش جەھەتلەردىمۇ قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە زور نەتىجە قازىنىپ، ئۆزىنىڭ ھەقىقى ئىقتىدارىنى نامايان قىلدى.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى مەخسۇس ھەربىي تەمىنات ئورگىنى قۇرۇپ، خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتىدىن مۇسادىرە قىلىنغان مال-مۈلۈكلەر، خەلقتىن يىغىلغان ئىئانىلەر ۋە باشقىلارنى ئىقتىسادىي مەبلەغ قىلىپ، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن سودا قىلىش ئاساسىدا ئۆز ئارمىيىسىنىڭ قورال-ياراق، كىيىم-كېچەك ۋە باشقا ئەسلىھەلىرىنى ھەل قىلغان.

ئەينى ۋاقىتتىكى مىللىي ئارمىيە باش قوماندانلىق شىتابىنىڭ ھەربىي تەمىنات بۆلۈمىدە خىزمەت قىلغان كاپىتان مۇھەممەدجان ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان خەلقى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز ئارمىيىسىنىڭ چىقىملىرىنى ئۆزلىرى ھەل قىلغانلىقى، جەڭچى ئوفىتسېرلەرنىڭ تەمىناتلىرىنىڭ ياخشى بولغانلىقى، سوۋېت ئىتتىپاقىغا كۆپ قېتىم مال-چارۋا ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئارمىيىگە كېرەكلىك بولغان گەزماللار ۋە باشقىلارنى سېتىۋالغانلىقى ھەققىدە توختالدى.(ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.