غۇلجا قوزغىلىڭى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
2004.11.12
- بۇنىڭ تەپسىلاتىنى مۇخبىرىمىز ئۈمىدۋارنىڭ شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىبى ئابدۇروپ مەخسۇم ئىبراھىمى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ
- Download story audio
1944-يىلى، 5- نويابىر كۈنى "ئازادلىق تەشكىلاتى" غۇلجا شەھرىدە قوراللىق قوزغىلاڭ كۆتىرىشنى قارار قىلدى. 7- نويابىر كۈنى لۇ بىندېنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈش بىلەن غۇلجا قوزغىلىڭىنىڭ بىرىنچى ئوقى ئېتىلدى. غېنى باتۇر باشلىغان نىلقا قوزھىلاڭچىلىرى غۇلجىغا يېتىپ كېلىپ، ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى بىلەن بىرلەشكەندىن كېيىن، 7- نويابىر كۈنلىرىدىن ئېتىبارەن باش ساقچى، ۋالى مەھكىمىسى، قوماندانلىق شىتاب قاتارلىق نۇقتىلىق جايلارغا ھۇجۇم قوزغاپ، ئىلگىرى- كېيىن ئۇلارنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، 8000 دىن ئارتۇق خىتاي ئەسكەرلىرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئائىلە –تاۋاباتلىرى ۋە خىتاي پۇقرالىرى ھەرەمباغ، ئايرودروم قاتارلىق جايلارغا بېكىنىۋالدى.
12-نويابىر كۈنى بولسا شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلىنىپ، ئەلىخان تۆرە جۇمھۇرىيەت رەئىسى، ھاكىمبەگ غوجا مۇئاۋىن رەئىس، ئابدۇروپ مەخسۇم ئىبراھىمى ھۆكۈمەت باش كاتىبى بولدى، ئەنە شۇنىڭدىن تارتىپ، تاكى 1945-يىلى 9-ئايغىچە بولغان 10 ئاي ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ئىلى، تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى تولۇق ئازاد قىلىپ، بۇ جايلاردا ئۆز ھاكىمىيىتىنى ئورناتتى.
شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ باش كاتىبى، 90 ياشلىق ئابدۇروپ مەخسۇم ئىبراھىمى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ باشتا بۇ ئىنقىلاپنى قوللىغانلىقى ھەتتا ئازادلىق تەشكىلاتىغا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقى ھەققىدە ۋەقە بەرگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.(ئۈمىدۋار)