شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنى قۇرۇش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان جەڭلەرگە قاتناشقانلار بۈگۈنكى كۈنلەردە ئانچە كۆپ ئەمەس .لېكىن، ئۇلار قالدۇرغان ئەسلىمىلەر تولىمۇ مول ۋە ئەھمىيەتلىكتۇر.

ئالمۇتىدا ياشاۋاتقان 84 ياشلىق تۇرسۇن ئوسمان ئەپەندى ئەينى ۋاقىتتا غۇلجا شەھرىنى ئازاد قىلىش جەڭلىرىگە قاتناشقان شۇنىڭدەك ھەرەمباغ سېپىلىنى پارتىلاتقان ئەزىمەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ قەھرىمانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا "باتۇرلۇق" مېدالى بېرىلگەن.
تۇرسۇن ئوسمان ئەپەندى ئۇيغۇرلار ئارىسىدىن يېتىشىپ چىققان تۇنجى شوپۇرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ، خوجا نىياز ھاجىم، ئەلىخان تۆرە، ئەخمەتجان قاسىمى ۋە باشقىلارنىڭ ماشىنىلىرى ھەيدىگەن ھەمدە ئۇلار بىلەن بىۋاستە ھەمسۆھبەتتە بولغان. تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ئەربابلارنىڭ مىجەز –خۇلقلىرىنى ، نېمىدىن خاپا بولۇپ، نېمىلەردىن خوش بولىدىغانلىقلىرىنى ياخشى بىلگەن بىردىن-بىر شاھىد بولسا كېرەك.
ئۈمىدۋارنىڭ تۇرسۇن ئوسمان ئەپەندى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىنى ئاڭلاڭ. (ئۈمىدۋار)