ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خىتاي ئارمىيىسى تەرىپىدىن ئىشخال قىلىنغانلىقغا 55 يىل بولدى
2004.12.17
ئۇيغۇر ئېلىنىڭ خەۋەر تور بەتلىرىدە 17 - دېكابىر جۈمە كۈنى بېرىلگەن خەۋەرلەردىن مەلۇمكى ، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كۈندە خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرگەنلىكىنىڭ 55 يىللىقىنى تەبرىكلىمەكتە.
ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىدە بۇ ھەقتە "خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى مۇقىملىقنى قوغداش مۇشتۇمى" ناملىق بىر ماقالە ئېلان قىلىندى . ماقالىدە "جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىكى ئاستىدىكى خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى، شىنجاڭغا كىرگەن 55يىلدىن بۇيان ، شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاشتا، خىتاينىڭ چېگرىسىنى قوغداشتا ، ئىقتىساد ۋە جەمىيەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قوغداشتا ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ۋەزىپىسىنى ياخشى ئورۇنلاپ، بۇ مۇساپىدە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا كۈچلۈك بىر مۇشتۇم ئىكەنلىكى كۆرسەتتى" دەپ باھالار بېرىلگەن .
گەرچە خىتاي ھۆكۈمىتى قىزىل ئارمىيىسىنى 55يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئېلىنى ئازاد قىلىشقا ، گۈللەندۈرۈشكە كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتقان بولسىمۇ ، ئەمما تارىخىي ماتېرىئاللار ۋە ئەينى دەۋىر شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ شاھىدلىرى ئىسپاتلاپ تۇرۇپتىكى ، خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسى 1949 - يىلى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى رەھبەرلىرى قەستلەپپ يوق قىلىنغاندىن كېيىن، شەرقىي تۈركىستاننى ئىشغال قىلىش، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ زېمىن، مەنپەئەت ۋە بارلىق ھوقوقلىرىنى تارتىۋىلىشقا كەلگەن ئىشغالىيەتچى ئارمىيىدىن باشقا نەرسە ئەمەس.
خىتايلار ئۈچۈن خاتىرىلىق بۇ كۈن ئۇيغۇر ئۈچۈن مۇسىبەتتۇر
شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ كۈننى شىنجاڭنىڭ تىنچ ئازاد بولغانلىقىنىڭ خاتىرە كۈنى دەپ تەبرىكلىسە، شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئىنقىلابىنىڭ شاھىدلىرى، شۇنداقلا مىللەتپەرۋەر ، ۋەتەنپەرۋەر ئۇيغۇرلار بۇ كۈننى ئۆز ۋەتىنىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، مۇسىبەتلىك كۈنى سۈپىتىدە قايغۇلار بىلەن ئەسلەپ، مىللىي ئازادلىق يولىدا خىتاي ئارمىيىسى قولىدا قۇربان بولغان شاھىدلارنى ياد ئېتىدۇ. ئۇلار ئەينى تارىخىي دەۋىردە قولىدىن كەتكەن ئازاد ۋەتىنى ۋە ھۆرلىكىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈرۈشكە بولغان ئىشەنچىسىنى ئۆزمەي كەلمەكتە.
خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدا نېمە ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ؟ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تەقدىرىدە نېمە ئۆزگۈرۈشلەر بولدى ؟ خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسى ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدىمۇ ياكى مۇقىمسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتامدۇ ؟ خەلقنى پاراۋان قىلدىمۇ ياكى پاراكەندە قىلدىمۇ ؟ بۇ سوئاللارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.
خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىشخال قىلغانلىقىغا 55يىل بولغانلىقى مۇناسىۋېتى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت رادىئومىزغا بايانات بەردى. ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى نۇرى تۈركەلمۇ بۇ ھەقتە ئۆز قارشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
بۇنىڭ تەپسىلاتىنى، يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- زىيا سەمىدى –يىللار سىرى (1)
- شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى ئۆز-ئۆزىنى تەمىنلىگەن ئارمىيە
- قەھرىمان مىللىي ئارمىيە خاتىرىلىرى
- ھەرەمباغ سېپىلىنى پارتىلاتقان باتۇر بىلەن سۆھبەت
- خىتاي خەلق ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا كىرىشتىكى شەرت ھەم سەۋەبلىرى
- مەسۈمجان زۇلپىقاروپنىڭ مىللىي ئىنقىلاب ھەققىدىكى بايانلىرى
- غۇلجا قوزغىلىڭى ۋە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى
- شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى يولىدا قۇرۇلغان دەسلەپكى تەشكىلاتلار
- مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ پارتلىشى
- ئىنقىلاپنىڭ باشلىنىشىدىكى ئاساسىي سەۋەب