يوقلۇقتىن بار بولغان، بارلىقتىن يوق بولغان مىللىي ئارمىيە

2007-04-16
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت

atliq-esker.jpg
مىللى ئارمىيە ئاتلىق ئەسكەرلىرىنىڭ مەلۇم بىر پولكى.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ مۇساپىسى يوقلۇقتىن بار بولۇش، مۇنتىزىملىشىش، جەڭلەردە غەلىبىسىرى تاۋلىنىش، ھەربىي - تېخنىكا، ماھارەت، سىياسىي ئاڭ ھەم مەدەنىيەت ساپا جەھەتلەردىن تېخىمۇ ئۆسۈپ يېتىلىپ، مۇكەممەللىشىش، شۇنىڭدەك ئاخىرىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇشتەك مۇرەككەپ مۇساپىلارنى باشتىن كەچۈردى.

مىللىي ئارمىيىنىڭ دەسلەپكى تەركىبى

مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاساسى ئەسلىدە نىلقا تاغلىرىدا تۇنجى بولۇپ كۈرەشكە ئاتلانغان فاتىخ باتۇر، غېنى باتۇر، ئەكبەر باتۇر قاتارلىقلار باشچىلىقىدىكى ھەمدە 7-نويابىر كۈنى غۇلجا قوزغىلىڭىغا قاتناشقان پىدائىيلار، شۇنىڭدەك كېيىنكى ۋاقىتلاردا ھەر قايسى جايلاردا تەشكىللىنىپ جەڭ قىلغان پارتىزانلار بولۇپ، تەخمىنەن 60 ئەتراپىدىكى پارتىزانلىق ئەترەتلىرى شۇنىڭدەك غۇلجا شەھىرى ۋە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ باشقا ئازاد بولغان جايلىرىدىن يېڭىدىن ئەسكەرگە ئېلىنغانلار ئاساسىدا تەسىس قىلىنغان. 1945-يىلى 8-ئاپرىلدا، غۇلجا شەھىرىدە مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلۇپ، بايراق تاپشۇرۇلغاندا، مىللىي ئارمىيە يەتتە پولك، تۆت باتالىيوندىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، بۇلار تۆۋەندىكىچە؛

پولكلار

1. ئىلى پىيادىلەر 2-پولكى 2. ئىلى زاپاس 4- پولكى 3. تىكەس 1-ئاتلىق پولكى 4. تىكەس 2-ئاتلىق پولكى 5. سۈيدىڭ پىيادىلەر 1-پولكى 6. كەڭساي ئاتلىق 3- پولكى 7. كۈنەس ئاتلىق پولكى كۆنەس

مۇستەقىل باتالىيون ۋە باشقىلار

1. تۇڭگان ئاتلىق دىۋىزىيونى 2. مۇستەقىل موڭغۇل ئاتلىق باتالىيونى 3. زەمبىرەكچىلەر دىۋىزىيونى 4. مۇھاپىزەتچىلەر باتالىيونى 5. شىبە مۇستەقىل باتالىيونى

مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنىڭ تۈزۈلمىسىدىن قارىغاندا، بىر پىيادىلەر پولكى ئىككى باتالىيوندىن، بىر باتالىيون ئۈچ روتىدىن، بىر روتا تۆت ئىزۋوتتىن تەركىپ تاپقان. ئاتلىق قوشۇنلارنىڭ تۈزۈلمىسى سەل باشقىچىرەك بولغان. مەسىلەن، بىر ئاتلىق پولك تۆت ئېسكادرون (روتا) ۋە بىر پىلىموتچىلار روتىسىدىن تەركىپ تاپقان بولۇپ، پىيادىلەر پولكىنىڭ ئادەم سانى 2000 دىن ئارتۇق بولسا، ئاتلىق پولكنىڭ 1200 ئەتراپىدا بولغان. ئاتلىق قوشۇندا ئاتلارمۇ جەڭ قىلغۇچىلار قاتارىدا ھېسابلانغان.

ئازلىقتىن كۆپىيىش قەدىمىنى بېسىش

مىللىي ئارمىيىنىڭ دەسلەپكى ۋاقىتلاردىكى جەڭچى ئوفىتسېرلىرىنىڭ ئېنىق سانى ھەققىدە تۈرلۈك ئۇچۇرلار مەۋجۇت بولۇپ، سابىق مىللىي ئارمىيە مايورى زاھىر ساۋدانوف، 15 مىڭغا يېقىن ئەسكەر ۋە ئوفىتسېر بار ئىدى دېسە، مىللىي ئارمىيە قوماندانلىق شىتابىنىڭ سىياسىي بۆلۈم باشلىقى بولغان توختى ئىبراھىموپ ئەپەندى مىللىي قوشۇننىڭ ئادەم سانىنىڭ 13 مىڭدىن ئارتۇق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. ئومۇمەن، مىللىي ئارمىيىنىڭ دەسلەپكى سانىنىڭ 13 مىڭدىن 15 مىڭغىچە بولغانلىقى كۆپلىگەن ئەسلىمىلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. ئەلۋەتتە، مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى ھەمدە قوشۇن تەركىبى تارباغاتاي ۋە ئالتاي ۋىلايەتلىرىنى ئازاد قىلىش جەريانىدا ۋە ئۇنىڭدىن كېيىن تاكى 1946-يىلى بىتىم تۈزۈلگىچە بولغان ئارىلىقتا داۋاملىق كېڭەيگەن ھەم كۆپەيگەن.

1945-يىلى 6- ئايدا شىمالىي، ئوتتۇرا ۋە جەنۇبىي يۆنىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ فرونتتىكى ئۇرۇش باشلانغاندىن كېيىن، مىللىي ئارمىيە شىمالدا چۆچەك، دۆربىلجىن ناھىيىلىرى ھەم ئالتاي ۋىلايىتىنى تولۇق ئازاد قىلىش بىلەن شىمالىي يۆنىلىشتىكى قوشۇننىڭ تەركىبىدە ئۆزگىرىش بولدى ۋە ئادەم سانىمۇ ئاشتى. چۆچەك ئېلىنغاندىن كېيىن لېسكىننىڭ قوماندانلىقىدا مۇستەقىل ئاتلىق ئۈچىنچى برىگادا تەسىس قىلىنىپ، بۇنىڭ تەركىبىدە ئۈچ پولك بولدى. ئالتاي ئېلىنغاندىن كېيىن دەلىلقان سۇگۇربايېف پارتىزانلىرى ئالتاي مۇستەقىل ئاتلىق پولكى بولۇپ قۇرۇلدى.

مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 9-ئايدا ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن غۇلجىدىكى باش قوماندانلىق شىتاب ئوتتۇرا يۆنىلىش، شىمالىي يۆنىلىش ۋە جەنۇبى يۆنىلىشتىن ئىبارەت ئۈچ تارماق قوماندانلىق شىتاب قۇرۇپ، يېڭىدىن ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى. بۇ چاغدا مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسىملىرى كۆپەيدى ۋە سانى تېخىمۇ ئاشتى. ئوتتۇرا يۆنىلىشكە مىللىي ئارمىيە باش قوماندانى پالىنوف قوشۇمچە قوماندانلىق (كېيىن مەرغۇپ ئىسھاقوف قوماندانى بولغان) قىلدى. بۇنىڭ تەركىبىدە ماناس دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا موگوتنوفنىڭ كوماندىرلىقىدا، پىيادە ئەسكەرلەر 1-برىگادىسى، پىدايوفنىڭ كوماندىرلىقىدا پىيادە ئەسكەرلەر 2- برىگادىسى تۇرغۇزۇلدى، بۇلاردىن باشقا يەنە چۆچەك ئاتلىق 6-پولكى، شىخەنزىدە، توققۇزتارا ئاتلىق 5- پولكى ۋە ئاتلىق 7-پولك چاۋكەندە تۇردى. ئوتتۇرا يۆنىلىشتىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 15 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۇجۇم نىشانى بىۋاسىتە ئۈرۈمچىگە قارىتىلغان ئىدى.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى ۋە ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قارارى بويىچە موڭغۇلكۈرەدە جەنۇبىي يۆنىلىش قوماندانلىق شىتابى قۇرۇلۇپ، ئىسھاقبەگ مۇنونوف قوماندانى بولدى. بۇنىڭ تەركىبىدە ئاتلىق 1- برىگادە ( برىگادا كوماندىرى ئىسھاقبەگ ئۆزى بولدى) موڭغۇل كۈرە بازىرىدا تۇردى، 2-ئاتلىق برىگادە نۇربايوپنىڭ كوماندىرلىقىدا يۇلتۇزدا تۇردى. ماۋلانوفنىڭ كوماندىرلىقىدىكى تىكەس 1-ئاتلىق پولكى مۇزارت داۋىنىدا، نوغايبايېۋنىڭ تىكەس 2-ئاتلىق پولكى شوتىدا تۇردى.

كېيىن يەنە، لېسكىننىڭ مۇستەقىل ئاتلىق 3- برىگادىسىنىڭ بىر قىسىمى چۆچەكتىن ماناس دەرياسى لىنىيىسىگە يۆتكەپ كېلىندى. بۇ چاغدىكى مىللىي ئارمىيىنىڭ ئادەم سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن بولۇپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق مىلتىق، بىر مىڭ نەچچە يۈز پىللىئوت، 70 زەمبىرەك، 4 بروناۋىك، ئۈچ تانكا ۋە تۆت ئۇرۇشقا يارايدىغان ئايروپىلان' غا ئىگە بولدى.( ئايرودروم ئۇرۇشىدا 50 تىن ئارتۇق ئايروپىلان قولغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ ساقلىرى ئاز ئىدى).

سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ پولكوۋنىكى قەھرىمان غوجامبەردىنىڭ ئېيتىشىچە، مىللىي ئارمىيە ئەينى ۋاقىتتا ئىلغار، زامانىۋى ئارمىيە بولۇش سالاھىيىتىگە لايىق بولسىمۇ، لېكىن قورال-ياراقلىرى خىل ئەمەس ئىدى. ئەمما، ئاران ئىككى- ئۈچ ئاي ھەربىي تەييارلىقتىن ئۆتكەن بۇ قوشۇننىڭ شۇنچە زامانىۋى گومىنداڭ ئارمىيىسىگە ھۇجۇم قوزغاپ، يېڭىشى بىر مۆجىزە بولۇپ، بۇ مىللىي ئارمىيىنىڭ قەھرىمانلىق روھى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر.

مىللىي ئارمىيىنىڭ قىسقارتىلىشى 1946-يىلى 7-ئايدا بىتىم بويىچە بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇلغاندا، مىللىي ئارمىيىنىڭ تەركىبى ۋە ئەسكىرى سانىدا يەنە ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن بولۇپ، ئومۇمىي يۈزلۈك قىسقارتىلىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئالتە پولكقا چۈشۈرۈلۇپ، ئادەم سانى 12 مىڭغا قىسقارتىلغان. لېكىن، 1947-يىلى 8-ئايدا بىرلەشمە ھۆكۈمەت بۇزۇلغاندىن كېيىن، ۋە ئوسمان ھەم قالىبېكلەرنىڭ توپىلىڭى پارتلىغاندا، يەنە ئەسكەر ئېلىنىپ، پولكلار ۋە ئادەم سانى كۆپەيتىلىپ، 20 مىڭغا يەتكۈزۈلگەن. كۆپىنچە تارىخچىلار بۇ ساننىڭ تاكى 1949-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە مەۋجۇت بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىدۇ.

مىللىي ئارمىيىنىڭ مىللەت تەركىبى ئاساسلىق ئۇيغۇرلار بىلەن قازاقلار بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن قالسا، موڭغۇل، تۇڭگان، قىرغىز، ئۆزبېك، تاتار، شىبە، رۇس، تاجىك ۋە داغۇر قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. رۇسلار، تاتارلار ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ سانى ئاز بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن كۆپلىگەن يۇقىرى، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كوماندىرلار يېتىشىپ چىققان.

مىللىي ئارمىيىنىڭ يوقىلىشى ۋە ئۇيغۇرلارغا بېرىلگەن گېنېراللىق سوغىلىرى

مىللىي ئارمىيە 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى 5-كورپۇس قىلىپ ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن 13- ۋە 14- پىيادىلەر دىۋىزىيىسى ھەمدە ئىككى مۇستەقىل ئاتلىق پولكقا ئايرىلىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي تەرەپلەرگە تارقاقلاشتۇرۇلدى. 50-يىللارنىڭ بېشىدا قىسقارتىش ئېلىپ بېرىلىپ، ئاخىرىدا 5 –كورپۇسمۇ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، 13-دىۋىزىيىنىڭ 38- پولكى بىلەن 14-دىۋىزىيىنىڭ 40-پولكى ساقلاپ قېلىنغاندىن باشقا كۆپىنچە ئەسكەر-ئوفىتسېرلار ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى قىلىپ ئۆزگەرتىلگەن، بىر قىسىملىرى كەسىپ ئالماشتۇرغان. ئاخىرى 60-يىلىغا كەلگەندە مەزكۇر قالدۇق مىللىي قوشۇننىڭ بىر قىسىمى ھىندىستان ئۇرۇشىغا سېلىنغاندىن كېيىن، ئاخىرى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. مىللىي ئارمىيىنىڭ ھەر مىللەتتىن تەركىپ تاپقان تۆت نەپەر گېنېرالى بار بولۇپ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ ئارىسىدىن يۇقىرى، ئوتتۇرا ۋە تۆۋەن دەرىجىلىك كوماندىرلار كۆپلەپ يېتىشىپ چىققان بولسىمۇ، لېكىن 1949-يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا مىللىي ئارمىيىنىڭ ئاساسىي قىسىمىنى تەشكىل قىلىدىغان ئۇيغۇرلاردىن گېنېراللىق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەنلەر چىقمىغان، پەقەت پولكوۋنىك ئۇنۋانىدىكىلەرلا بولغان. گېنېراللارنىڭ ئىككى نەپىرى رۇس (پالىنوف بىلەن ماجاروف) بىر نەپىرى قىرغىز ( ئىسھاق بەگ )، بىر نەپىرى قازاق ( دەلىلقان) بولۇپ، ئەڭ ئالىي مارشاللىق ئۇنۋانى ئۆزبېكلەردىن بولغان جۇمھۇرىيەت رەئىسى ئەلىخان تۆرىگە بېرىلگەن ئىدى.

لېكىن، شۇ نۇقتىنى تەكىتلەش كېرەككى، 1944-1949-يىلىغىچە داۋاملاشان مىللىي ئىنقىلاب جەريانىدا ئۇيغۇرلار بىلەن باشقا ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، مىللىي ئايرىمىچىلىق بولمىغان، ھەر مىللەت ئوغۇل قىزلىرى قايسى مىللەت ۋە قايسى دىنغا تەۋە بولۇشتىن قەتئىي نەزەر مۆرىنى - مۆرىگە تىرەپ بىرلىكتە جەڭ قىلىپ، ئازادلىقتىن ئىبارەت ئورتاق نىشان ئۈچۈن تەڭ كۈچ چىقارغان ئىدى.

1955-يىلىغا كەلگەندە خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مىللىي ئارمىيىنى(5-كورپۇسنى) تامامەن ئەمەلدىن قالدۇرغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلاردىن تۇنجى بولۇپ، سەيپىدىن ئەزىزگە گېنېرال لېيتىنانتلىق، زاھىر ساۋدانوف، مۇھەممەد ئىمىن ئىمىنوف، زۇنۇن تېيىپوفلارغا گېنېرال مايورلۇق ئۇۋانى بەرگەن. بۇ چاغدا يەنە تاتارلاردىن 5- كورپۇسنىڭ قوماندانى بولغان مەرغۇپ ئىسھاقوفقىمۇ گېنېرال مايورلۇق ئۇنۋانى بېرىلگەن ئىدى. (ئۈمىدۋار)

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت