
شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 1945- يىلى 1- ئاينىڭ 5- كۇنى ئېلان قىلغان 9 ماددىلىق سىياسىي خىتاپنامىسىنىڭ 7-ماددىسىدا "شەرقىي تۈركىستاننىڭ تېچلىقىنى قوغداش ئۈچۈن ھەر مىللەت خەلقىدىن ئەسكەر ئېلىپ، قۇدرەتلىك ھەربىي قوشۇن قۇرۇش" دەپ كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭغا بىنائەن 12-يانۋار كۈنى 6- نومۇرلۇق قارار ماقۇللىنىپ، ھەربىي نازارەت تەسىس قىلىندى.
ھەربىي ئۇنۋان تۈزۈمى يولغا قويۇش بەلگىلىنىپ، ئۇنۋانلارنى ئەسكەر، توۋەن دەرىجىلىك ئوفىتسېر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك ئوفىتسېر، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېردىن ئىبارەت تۆت دەرىجىگە ئايرىش بېكىتىلدى. 1945- يىلى 2- ئايغىچە ئىلى ۋىلايىتىنىڭ ھەممە يېرى ئازاد قىلىنغاندىن كېيىن، 3- فېۋرال كۈنى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى 19- نومۇرلۇق بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ھەربىي خىزمەت ئۆتەش قانۇنىنى ئېلان قىلدى ھەمدە بۇنىڭغا بىنائەن ھەربىي خىزمەتنىڭ تەرتىپىنى ئورناتتى، ھەربىي سەپكە چاقىرىش ۋە ھەربىي سەپتىن بوشىتىش شۇنداقلا ھەربىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىنىڭ تەمىناتى ھەمدە ھەربىي خىزمەت ئۆتەش قائىدىسى، ھەربىي خىزمەت مۇددىتى ۋە باشقىلارنى بېكىتتى. 1945- يىلى 8- ئاپرېل كۈنى، مىللىي ئارمىيە رەسمى قۇرۇلدى. مۇراسىم ئۆتكۈزۈلۈپ، ھەر قايسى قوشۇنلارغا بايراق تاپشۇرۇلدى.
شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىدىن كۆرۈنۈشلەر
بۇ چاغدا مىللىي ئارمىيە 7 پولىك ۋە 5 مۇستەقىل باتالىيوندىن تەركىپ تەپىپ، ئادەم سانى 15 مىڭغا يەتتى. ئۈچ فرونتتىكى ئۇرۇشتىن كېيىن، ئەسكەر سانى تېخىمۇ كۆپىيىپ، 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى.(ئۈمىدۋار)