شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى


2005.04.08

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىدىن كۆرۈنۈشلەر
mesumjan.jpg
مىللى ئارمىيىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى مەسۇمجان ئاكا 2004-يىلى 17-نويابىر رادىئومىزنى زىيارەت قىلغان.

8 - ئاپرىل كۈنى قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى خاتىرلەيدۇ. بۇنىڭدىن مۇقەددەم 60 يىل ئىلگىرىكى شۇ كۈنى ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى زامانىۋى مۇنتىزىم ئارمىيە دۇنياغە كەلگەن كۈن ئىدى. 1945 - يىلنىڭ 5 - يانۋار كۈنى، مەركىزى غۇلجىدىكى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ كونا ۋالى مەھكىمىسىدىكى قوراسىدا ھۆكۈمەت ئەزالىرىنىڭ جىددى يىغىنى ئېچىلىۋاتاتتى. يىغىننىڭ كۈنتەرىپى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ ھەربىي ئىشلار نازارىتىنى قۇرۇش ۋە مىللىي ئارمىيە قىسىملىرىنى تەشكىل قىلىش ئىدى. شۇ كۈنكى يىغىندا ئالېكساندروۋنىڭ نازىرلىقىدىكى ھەربىي ئىشلار نازارىتى قۇرۇلغان. 1 - ئاينىڭ 12 - كۈنى چاقىرىلغان مىللىي ھۆكۈمەتنىڭ 6 - يىغىنىدا مىللىي ئارمىيىنىڭ شتاتى، تۈزۈمى، ئۇنۋانى ۋە كىيىم - كېچەك شەكلى قاتارلىقلار بېكىتىلدى.

ۋاڭ قادىر بېغىدىكى ھەربىي مۇراسىم

azadliq.jpg

مىللىي ئارمىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن قوماندانى پالكوۋنىك زۇنۇن تېيىپوپنىڭ ئەسلىمىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، 12 - يانۋاردىكى مىللىي ھۆكۈمەت يىغىنىدا ھەربىي قىسىملارغا ئىسىم قويۇش مەسىلىسى بويىچە كەسكىن تالاش - تالاش ئېلىپ بېرىلغان. بەزىلەر ھەربىي قىسىملارنى تۈركىستان ئوردىسى، دەپ ئاتاشنى، بەزىلەر تۈرك ئارمىيىسى، دەپ ئاتاشنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئاخىرى ھەربىي قىسىملارنىڭ ئىسمىنى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى، دەپ ئاتاش بېكىتىلگەن.

مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى شۇنداقلا ھەربىي قىسىملارغا تۇغ تاپشۇرۇش مۇراسىمى 1945 - يىلى 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئەينى چاغدىكى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى غۇلجا شەھىرىنىڭ ۋاڭ قادىر بېغىدىكى مەيداندا جاكالىناتتى. ئەينى چاغدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ سابىق ئوفىتسېرى مەسۇمجان زۇلپىقاروۋ، مىللىي ئارمىيىنىڭ تۇغ تاپشۇرۇۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان ئەسكەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇ شۇ چاغدىكى ئەسلىمىلىرىنى سۆزلەپ، نەچچە ئون مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆز ۋاقتىدا “ۋاڭ قادىرنىڭ بېغى” دەپ ئاتالغان جايغا يىغىلىپ، مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلغانلىقى مۇئانسىۋىتى بىلەن تەنتەنىلىك يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكىنى، بولغان ۋەقەلەرنىڭ ھېلىمۇ كۆز ئالدىدا تۇرغانلىقىنى ئېيتتى.

شەرقىي تۈركىستان ئارمىيىسىنىڭ پورمىسى ۋە ھەربىي ئۇنۋانلار

bahadirliq.jpg
باھادىرلىق ئوردىنى

مەسۇمجان زۇلپىقاروۋنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەربىي قىسىملارنىڭ مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغان دەسلەپكى چاغدىكى سانى 15 مىڭ ئەتراپىدا بولۇپ، ھەربىي قىسىملارنىڭ ئەڭ يۇقۇرى ئۇرۇش قىلىش شتاتى پولكنى بىرلىك قىلغان ئىكەن. شەرقىي تۈركىستان مىللىي ھۆكۈمىتىنىڭ 1945 - يىلدىكى 12 - يانۋار يىغىنىنىڭ قارارى بويىچە، مىللىي ئارمىيىنىڭ كىيىم كېچىكى سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى ئارمىيىسىنىڭ ھەربىي پورمىسىنى ئۆلگە قىلغان.

ھەربىي پورمىدىكى پاگوننىڭ رەڭگى قىزىل ۋە يەشىل رەخت بىلەن تىكىلگەن بولۇپ، قىسىملارنىڭ تۈرى پاگوننىڭ جىيىكىدىكى كۆك، قىزىل ئاق رەڭلەر بىلەن پەرقلەندۈرىلەتتىكەن. ئەسكەر ۋە ئوفىتسىرلارغا خىزمەت دەرىجىسى بويىچە ھەربىي ئۇنۋانلار بېرىلگەن. مىللىي ئارمىيىدىكى خىزمەت كۆرسەتكەنلەرنى تەقدىرلەش تۈزۈمى بويىچە باتۇرلۇق، پىدائى، ساداقەت قاتارلىق مېداللا، ئازادلىق، ئىستىقلال، خەلق قەھرىمانى قاتارلىق ئوردىنلار قىلىنغان.

ئۇيغۇرلار تارىخىدىكى زور ۋەقە

مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ۋەقە ھىساپلىناتتى. مىللىي ئارمىيىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن تارقاق ھالەتتىكى پارتىزان ئەترەتلىرىنىڭ قوماندانلىقى، ھەربىي تۈزۈمى، تەلىم تەربىيىسى، ھەربىي نەزىرىيىسى، تەمىناتى ۋە ھەربىي شتاتىنى بىرلىككە كەلتۈرگەن. قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر ئىتتىپاقىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ساۋۇت ئابدۇراخمان، "مىللىي ئارمىيە ھەقىقى مەنىدىكى زامانىۋى قوشۇن ئىدى. مانا بۇ بىزنىڭ مىللىي ئارمىيىنى ھازىرغا قەدەر خاتىرىلىشىمىزدىكى سەۋەبلەر،" دەپ كۆرسەتتى.

مىللىي ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقى مۇناسۋىتى بىلەن قازاقىستاندىكى ئۇيغۇرلار جۈمە كۈنى ئالما- ئاتا شەھىرىدە خاتىرلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزىدۇ. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسىنىڭ قازاقىستاندا ھازىرغا قەدەر ياشاۋاتقان سابىق جەڭچىلىرىنى شەرەپلەندۈرىدىكەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.