مىللىي ئارمىيە خاتىرىسى (2)

0:00 / 0:00
bahadirliq.jpg
باھادىرلىق ئوردىنى

1945-يىلى 8-ئاپرىلدا تەسىس قىلىنغان مىللىي ئارمىيە تەركىبىدە يەنە ھەربىي مەكتەپ ئېچىلغان بولۇپ، بۇ مەكتەپ 2 يىل ئىچىدە 700-800 نەپەر ئوفىتسېر يېتىشتۈرگەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە ھەر قايسى قىسىملاردىمۇ قىسقا مۇددەتلىك ھەربىي كۇرسلار تەسىس قىلىنغان.

ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، مىللىي ئارمىيە رەسمىي قۇرۇلغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پارتىزانلىق دەۋرىدىن تارتىپ، تاكى ئاخىرىغىچە جەمئىي 9 قېتىم چوڭ كۆلەملىك جەڭ، 36 قېتىم ئوتتۇرا دەرىجىلىك جەڭ، 350 قېتىمدىن ئارتۇق كىچىك جەڭلەرنى قىلغان بولۇپ، بۇ جەريانىدا 20 مىڭدىن ئارتۇق دۈشمەننى يوقاتقان، بەش مىڭغا يېقىن دۈشمەن ئوفىتسېر ۋە ئەسكىرىنى ئەسىرگە ئالغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىككى نەپەر گېنېرالمۇ بولغان. ئومۇمەن، گومىنداڭ ئارمىيىسىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پۈتۈن قوشۇنلىرى ئاساسەن مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلغان.

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتى جەڭچى ئوفىتسېرلارنىڭ مىللى ئازادلىق جەڭلىرىگە كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرىنى قەدىرلەپ، "خەلق قەھرىمانى"، "ئازادلىق"، "ئىستىقلالىيەت ئۈچۈن"، "باتۇرلۇق" ئوردېن ۋە مېداللىرىنى تەسىس قىلغان. ئۇرۇش جەريانىدا، غەنى باتۇر، فاتىخ باتۇر، ئەكبەر باتۇر، رىزۋانگۈل، زىخرۇللام قاتارلىق قەھرىمانلار زور شۆھرەت قازانغان ئىدى.

سابىق شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ھەربىي ئىشلار بۆلۈمىنىڭ كاتىپى، ھازىر ئالمۇتىدا ياشايدىغان سابىق كاپىتان ماخمۇد پارماشېۋنىڭ ئېيتىشىچە، مىللى ئارمىيە دەسلەپتە قۇرۇلغاندا 15 مىڭ ئەتراپىدا بولغان، 1946-يىلىغا كەلگەندە جەڭچى ئوفىتسېرلىرىنىڭ سانى 30 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن. بارلىق ھەربىي ئىشلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ مەخپىي مەسلىھەتچىلەر ئورنى بولغان 2-ئۆينىڭ پىلانلىشىدىن كېيىن، ھەربىي ئىشلار تەرىپىدىن ئەمەلگە ئاشۇرىلىدىكەن. ھەربىي ئىشلار بۆلۈمى بىلەن قوماندانلىق شتاب قويۇق مۇناسىۋەتتە بولغان. ئەخمەتجان قاسىمى پولكوۋنىك ئۇنۋانى بىلەن ھەربىي بۆلۈمنى باشقۇرغان.

مىللىي ئارمىيە 1945-يىلى 7-ئايدىن باشلاپ، ئۈچ فرونت بويىچە جەڭ قىلىشنى باشلاپ، شىمالىي يۆنىلىش تارباغاتاي ۋە ئالتاينى ئازاد قىلغان. ئوتتۇرا يۆنىلىش جىڭ ۋە شىخولاردىكى خىتاي مۇداپىئە سىستېمىلىرىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئۈرۈمچىنى ئازاد قىلىش ئۈچۈن ماناس دەرياسى بويىغا كېلىپ توختىغان. جەنۇبى يۆنىلىش تەڭرى تېغىدىن ئۆتۈپ، ئاقسۇ كونا شەھەر، باي قاتارلىق جايلارنى ئازاد قىلغان.

شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيىسى 1945-يىلى 9-ئاينىڭ 17-كۇنى ماناس دەرياسى بويىغا يېتىپ كەلگەندە ھۇجۇمنى توختىتىش بۇيرۇقى بويىچە مەزكۇر جايدا تاكى 1949-يىلى 12-ئايغىچە مۇداپىئەدە تۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، 1950-يىلى مىللى ئارمىيە خىتاي ئازادلىق ئارمىيىسىنىڭ 5-كورپۇسى قىلىپ ئۆزگەرتىلىپ، 2 دىۋىزىيەگە ئايرىلىپ، 13-دىۋىزىيە ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىغا، 14-دىۋىزىيە شىمالىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، كېيىن بارا-بارا قىسقارتىلىپ، ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان. (ئۈمىدۋار)