مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ پارتلىشى
2004.11.09
1944-1949-يىللىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابىنىڭ پارتلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەپ ھەققىدە ھەر خىل كۆز قاراشلار مەۋجۇت بولۇپ ، بۇ ئىنقىلاب سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ۋە خەلقارا سىياسىي ئىستراتېگىيىسىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن تەييارلانغان ھەم تەشكىللەنگەن دېگەن قاراش مەۋجۇت بولۇپ، بۇ پىكىرنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەر سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ نىلقا قوزغىلىڭىدىن تارتىپ، تاكى ئازادلىق تەشكىلاتىنىڭ قۇرۇلۇشى ، شەرقىي تۈركىستان ۋاقىتلىق ھۆكۈمىتىنىڭ تەسىس قىلىنىشى، ئۈچ فرونتتىكى ئۇرۇش ، تېچلىق بېتىم ۋە ئاخىرىدا مەزكۇر جۇمھۇرىيەتنىڭ يوقۇلۇپ، ئۆلكىدە خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ تىكلىنىشىگىچە بولغان پۈتۈن جەرياندا مۇھىم رول ئوينىغانلىقى قاتارلىق ئەھۋاللارنى پاكىت قىلىدۇ.
مەزكۇر كۆز قاراش ئەينى ۋاقىتتىكى خىتاي گومىنداڭ ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن خەلقارا جەمىيەتكە تارقىتىلغان دىپلوماتىيىلىك ھۆججەتلەر ۋە بىلدۈرۈشلەردە ئېنىق كۆرسىتىلگەن بولۇپ، جىئاڭ كەيشى دائىرلىرى ‘شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاچقۇچى سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن بولغان دىپلوماتىيىلىك مۇناسىۋەتتە “ ، ”شىنجاڭ مەسىلىسى دىپلوماتىيىلىك مەسىلە” دەپ تەرىپلەش ئارقىلىق، ئامېرىكا، ئەڭىلىيە قاتارلىق غەرىپ مەملىكەتلىرىگە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئىلى ئىنقىلابى ئارقىلىق شىنجاڭنى ئۆز تەسىر دائىرىسىگە كىرگۈزىۋېلىشقا ئۇرۇنغانلىقىدىن شىكايەت قىلغان.
شۇ ۋەجىدىن 1943-يىللىرى ئۈرۈمچىدە قۇرۇلغان ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيە كونسۇلخانىلىرى ئازاد شەرقىي تۈركىستاندىكى سوۋېت تەسىرىنى چۈشىنىشكە تىرىشقان بولۇپ، 1946-يىلى ۋە 1947-يىلى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىنقىلابى شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ئەڭلىيە كونسۇلى گراھام ۋە ئامېرىكا كونسۇلى پاكىستان گۇئومىنداڭ تەسىرىدىن چىقىپ كەتكەن بۇ رايوندىكى سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ تەسىرىنىڭ زادى قانچىلىق ئىكەنلىكىگە ئالاھىدە دىققەت قىلغان ئىدى.
خىتاي گۇئومىنداڭ ھەربىي ۋە رەسمى دائىرلىرىمۇ بۇ ئىنقىلابقا جۈملىدىن مىللىي ئارمىيىنىڭ بارلىق ئۇرۇشلىرىغا سوۋېتنىڭ ياردەم بەرگەنلىكى ھەتتا قىزىل ئارمىيىنىڭ قاتناشقانلىقى، قىسقىسى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سوۋېتنىڭ قولىدىكى قورچاق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىشكە پۈتۈن ئىمكانىيەت بىلەن تىرىشىپ، كۆپلىگەن تەشۋىقاتلارنى ئېلان قىلغان ئىدى.
بىر قىسىم غەرىپ ۋە خىتاي ئالىملىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىلى ئىنقىلابى ھەققىدىكى ئەسەرلىرى يېزىشتا خىتاي گۇئومىنداڭ ماتېرىياللىرى شۇنىڭدەك غەرىپ دىپلوماتلىرى ۋە جۇرنالىستلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاساسىي مەنبە قىلغانلىقى ئۈچۈن بۇ خىل ئىدىيىنى گەۋدىلەندۈرگەن ياكى ئۇنىڭدىن خالى بولالمىغان. لېكىن، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلاپ ئىشتىراكچىلىرى بۇ كۆز قاراشنى رەت قىلىپ، ئىنقىلاپنى ئىمپورت قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. (ئۈمىدۋار)