1944-يىلىدىكى كەڭ كۆلەملىك مىللى ئازادلىق ئىنقىلاپنىڭ پارتلىشىدا ئاساسىي ئىككى سەۋەپ مەۋجۇت بولۇپ، ئۇنىڭ بىرى ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇزۇندىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن مىللىي زىددىيەت بولسا، يەنە بىرى تاشقى سەۋەپ يەنى خەلقارا ۋەزىيەتنىڭ جۈملىدىن سوۋېت –خىتاي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇر.
لېكىن، مىللىي ئازادلىق ئىنقىلابنىڭ قاتناشقۇچىلىرى ئەينى ۋاقىتتىكى ۋەزىيەتنى ئەسلەپ، 1944-يىللىرىدا خەلقنىڭ كەڭ كۆلەملىك قوزغىلىشى شۇنىڭدەك ئىنقىلابنىڭ تېز غەلبەسىرى ئىلگىرىلىشىدىكى ئاساسىي سەۋەبنىڭ يەنىلا ئىچكى ئامىل ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە بۇ چاغدا ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي ئەمەس مىللەتلەر بىلەن خىتايلار بولۇپمۇ، خىتاي ھۆكۈمرانلار قاتلىمى ئارىسىدىكى مىللىي قارشىلىق ئەڭ يۇقىرىغا پەللىگە يەتكەن. خەلقنىڭ نارازىلىقى ۋە غەزىپى قايناپ تاشقان بولۇپ، پەقەت ئۆز ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرگەندىلا بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن دەيدىغان چۈشەنچە شەكىللىنىپ بولغان ئىدى. (ئۈمىدۋار)