ئىككى شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى ۋە ئۇلارنىڭ ئورتاق تەقدىرى


2004.12.01

1933-يىلى 12- ۋە 1944-يىلى 12-نويابىردىن ئىبارەت ئوخشاش بىر كۈندە ئۆز-ئۆزىگە خوجا بولغان شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغان ئىدى. ئەنە شۇ كۈنىدىن ئېتىبارەن 12-نويابىر ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس ۋە شەرەپلىك سەھىپە بولۇپ قالدى. مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەت دۆلەت نامى، بايرىقى، سىياسى پروگراممىسى، نىشانى شۇنىڭدەك دۆلەتچىلىك تۈزۈلمىسى ھەمدە دۇچ كەلگەن ئىچكى-تاشقى ۋەزىيەت ۋە باشقا جەھەتلەردە ئوخشاشلىققا شۇنداقلا مەلۇم پەرقلىق تەرەپلەرگە ئىگە.

تارىخىي پاكىتلارغا تايانغاندا 1931-يىلى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ 20-ئەسىردىكى كەڭ كۆلەملىك مىللىي ئازادلىق قوزغىلىڭىنىڭ تۇنجى ئوقلىرى قۇمۇل تاغلىرىدا ئېتىلدى.

خوجا نىياز ھاجىم باشچىلىقىدىكى بۇ قوزغىلاڭ غەلبەسىرى كېڭىيىپ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەممە جايلىرىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىش بىلەن خەلقنىڭ ئازادلىققا ، مۇستەقىللىققە بولغان ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى. نەتىجىدە، خوتەن خەلقى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرانىڭ رەھبەرلىكىدە 1933-يىلى 2-ئاينىڭ 13-كۈنى قوزغىلاڭ كۆتىرىپ، شۇ يىلى خوتەن ھۆكۈمىتىنى قۇردى.

شۇنىڭدىن كېيىن تۇرپان ، كۇچار ، ئاقسۇ ،قەشقەر قاتارلىق جايلاردىمۇ قوزغىلاڭ كۆتىرىلىپ، جىن شۇرېن ھۆكۈمرانلىقى ئاغدۇرۇپ تاشلىنىپ، ھاكىمىيەت قوزغىلاڭچىلارنىڭ قولىغا ئۆتتى. خوجا نىياز ھاجىم ۋە مەھمۇت مۇھىتىلار باشچىلىقىدىكى قۇمۇل-تۇرپان قوزغىلاڭچىلىرىمۇ تەڭرى تاغلىرىنىڭ جەنۇپ تەرەپلىرىگە كېڭەيدى.

مانا مۇشۇنداق شارائىتتىن پايدىلىنىپ، شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل جۇمھۇرىيىتىنى بەرپا قىلىش ئۈچۈن، ساۋۇت داموللام قەشقەردە "شەرقىي تۈركىستان ئىستىقلال جەمىيىتى" نى قۇردى ۋە جىددى تەييارلىقلاردىن كېيىن،1933-يىلى 12-نويابىر كۈنى شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقى جاكارلاندى. مان بۇ يىل مەزكۇر ھۆكۈمەتنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىگە 71 يىل توشتى.

شەرقىي تۇركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى دەسلەپتە ئۇيغۇرىستان جۇمھۇرىيىتى دەپمۇ ئاتالغان بولۇپ، كېيىن ئۆزگەرتىلگەن. بۇ ھۆكۈمەت قىسقىغىنا ۋاقىت ئىچىدە ئۆزىنىڭ ئاساسىي قانۇنى، دۆلەت گېربى، پاسپورتى، ئارمىيىسى، پۇلى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش سىياسىي پروگراممىسى قاتارلىقلارغا ئىگە بولغان ئىدى.

گەرچە ، شەرقىي تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قىسقا ئۆمۈر سۈرگەن بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنىڭ روھى ۋە ئەنئەنىسى شۇنداقلا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقى 1944-يىلىنىڭ 12-نويابىرىغا مىراس بولۇپ قالدى.

مەزكۇر ئىككى جۇمھۇرىيەتنىڭ ئاخىرلىشىشىدىكى قىسمەتلەر ئوخشاش بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي-سوۋېت ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.