شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى يولىدا قۇرۇلغان دەسلەپكى تەشكىلاتلار


2004.11.10

1944-يىلى، نىلقا قوزغىلىڭى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، مىللىي زىددىيەتلەر ۋە نارازىلىقلارنىڭ يۇقىرى پەللىگە يېتىشى تۈپەيلىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا خەلقنىڭ قارشىلىقلىرىمۇ تۈرلۈك شەكىلدە پەيدا بولۇشقا باشلىدى.

ئۇنىڭدىن ئىلگىرى خەلقنىڭ ئاشكارا نارازىلىق بىلدۈرۈشى ۋە ياكى قارشىلىق كۆرسىتىشى شەڭ شىسەينىڭ دەھشەتلىك باستۇرۇشىغا ئۇچرىغانلىقى ئۈچۈن خەلق ئېھتىياتچان پوزىتسىيە قوللىنىپ، يەر ئاستى تەشكىلاتلار ۋە گۇرۇپپىلارغا ئۇيۇشۇپ، تەشۋىقات ۋاستىسى بىلەن شېڭ شىسەي زۇلمىغا بولغان قارشىلىقىنى ئىپادە قىلدى شۇنىڭدەك كەڭ كۆلەملىك قوراللىق كۈرەشنىڭ مەنىۋى ئاساسىنى ياراتتى.

ئۇيغۇر ئېلىدىكى شېڭ شىسەيگە قارشى قوراللىق قوزغىلاڭ ئالدى بىلەن 1937-يىلى ئابدۇنىياز بەگنىڭ باشچىلىقىدا ئېلىپ بېرىلغان بولسىمۇ لېكىن، شېڭ شىسەي ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ھەربىي ھۇجۇملىرى ئاستىدا مەغلۇپ بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئوقنى 1940-يىلى ئالتاي خەلقى ئاتتى. ئالتاي قوزغىلاڭچىلىرى گاھىدا ئاجىزلاپ، گاھىدا كۈچىيىپ ئۈزلۈكسىز تۈردە زورىيىشقا قاراپ يۈزلەندى.

بۇ مەزگىلدە بىر قاتار مەخپىي تەشكىلاتلار قۇرۇلغان بولۇپ، 1943-يىلى، غۇلجا شەھرىدە ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ گۇرۇپپىلىرى پەيدا بولدى. 1944-يىلى "ئازادلىق تەشكىلاتى" مەيدانغا كەلدى.

بۇ تەشكىلاتلار كەڭ كۆلەملىك قوراللىق كۈرەشنىڭ مەنىۋى ئاساسىنى ياراتتى ( ئۈمىدۋار)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.