12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ 20 يىللىقى


2005.12.12

بۇنىڭدىن 20 يىل ئىلگىرى يەنى 1985 - يىلى 12 - ئاينىڭ 12 - كۈنى ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ مەركىزى ئۈرۈمچى شەھىرىدە 10 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ياشلىرى، ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقى ۋە دېموكراتىك ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستىكىدە ھۆكۈمەتكە نارازىلىق بىلدۈرۈپ، چوڭ نامايىش ئېلىپ بارغان ئىدى.

12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇنداق باھا بېرىدۇ:

"12 - دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى، شەرقىي تۈركىستان يېقىنقى زامان تارىخىدىكى مىللىي ھەرىكىتىنىڭ داۋامى، راۋاجلىنىشى ۋە دېموكراتىك كۈرەشنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى بىر قانچە يىل كېيىن يۈز بەرگەن دۇنياۋى خاراكتېرلىك سىياسىي ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغىمۇ تەسىر كۆرسەتكەن مۇھىم ئامىل، بۇ ھەرىكەت ئاتوم سىنىقىغا قارشى تۇرۇش شۇئارى بىلەن دۇنيا تېنچلىقى ئۈچۈن خىزمەت كۆرسەتكەن بولسا، بۇ ھەرىكەت يەنە دېموكراتىك سايلام شوئارلىرى بىلەن 1989 - يىلى بېيجىڭدا يۈز بەرگەن تيەنئەنمېن ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىدا بىۋاستە رول ئوينىغان مۇھىم ھەرىكەتلەردىن بىرى".

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى يەنە، مەزكۇر قۇرۇلتاينىڭ 2 - نۆۋەتلىك ئىجرائىيە كومىتېتى يىغىنىدا 12 - دېكابىر كۈنىنى "تۈركىستان ياشلار كۈنى" دەپ جاكارلىغان ئىدى.

12 - دېكابىر ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىلىرى ۋە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىر قىسىملىرى ئامېرىكا، كانادا ۋە گېرمانىيىلەردە ئىزچىل تۈردە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق - ھوقۇقى ۋە دېموكراتىيىسىنى قولغا كەلتۈرۈش يولىدا ئاكتىپ پائالىيەت ئېلىپ بارماقتا.

ئەينى ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلغۇچىلاردىن بىرى، ھازىر دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مۇھەممەت توختى ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ 12 – دېكابىر ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتى ھەققىدىكى ئەسلىمىلىرى، قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.