تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلار پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيدۇ


2008.03.07

3-ئاينىڭ 8-كۈنى دۇنيا ئاياللارنىڭ، ئەرلەرگە ئوخشاش ھەق ھوقۇققا ئىگە بولۇش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كۈرىشى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىققان بىر بايرام كۈنى.

بۇ 1857-يىلىدا نىۋ يوركتا توقۇمىچىلىق زاۋۇتلىرىدا ئىشلەۋاتقان 40 مىڭ ئايال ئىشچى، مائاشلىرىنىڭ تۆۋەنلىكىگە، زاۋۇتتىكى خىزمەت شارائىتىنىڭ ناچارلىقىغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىش تاشلىغاندا ساقچىلار قانلىق باستۇرغان بولۇپ، 129 ئايال ئىشچى ئۆلگەن. ئۆلگەن ئىشچىلارنىڭ جىنازا مۇراسىمىغا 100 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى قاتناشقان.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 1977-يىلى بۇ ۋەقەنى خاتىرىلەش ئۈچۈن 3-ئاينىڭ 8-كۈنىنى دۇنيا ئاياللار بايرىمى كۈنى دەپ بەلگىلىگەن. مانا ھازىر بۇ بايرام كۈنى يېتىپ كەلدى.

ئاياللارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى ئىزدەش بايرىمىدا ئۇيغۇر خانىم قىزلىرى ئۆز ھەق ھوقۇقىغا ئىگىمۇ؟ بۇ ھەقنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن نېمىلەرنى قىلىش كېرەك دېگەنگە ئوخشاش سۇئاللارغا جاۋاپ تېپىش ئۈچۈن مىكروفونىمىزنى تۈركىيىدىكى ئۇيغۇر زىيالىي خانىم قىزلىرىغا ئۇزاتتۇق. ئۇلار پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنىڭ 8 -مارت ئاياللار بايرىمىنى تەبرىكلەش بىلەن بىرلىكتە ئۆزلىرىنىڭ قىممەتلىك كۆزقاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى. (ئەركىن تارىم)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.